bible
ra
🌐 Language
English
Español
Français
Deutsch
Português
Italiano
Nederlands
Русский
中文
日本語
한국어
العربية
Türkçe
Tiếng Việt
ไทย
Indonesia
All Languages
Home
/
Uyghur
/
Uyghur Arabic 2005 (ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى)
/
Deuteronomy 27
Deuteronomy 27
Uyghur Arabic 2005 (ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى)
← Chapter 26
Jump to:
Chapter 1
Chapter 2
Chapter 3
Chapter 4
Chapter 5
Chapter 6
Chapter 7
Chapter 8
Chapter 9
Chapter 10
Chapter 11
Chapter 12
Chapter 13
Chapter 14
Chapter 15
Chapter 16
Chapter 17
Chapter 18
Chapter 19
Chapter 20
Chapter 21
Chapter 22
Chapter 23
Chapter 24
Chapter 25
Chapter 26
Chapter 27
Chapter 28
Chapter 29
Chapter 30
Chapter 31
Chapter 32
Chapter 33
Chapter 34
Chapter 28 →
1
مۇسا ۋە ئىسرائىللارنىڭ ئاقساقاللىرى خەلققە مۇنداق دېدى: _ بىز بۈگۈن سىلەرگە يەتكۈزگەن بارلىق ئەمرلەرگە ئەمەل قىلىڭلار.
2
ئىئوردان دەرياسىدىن ئۆتۈپ، پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا سىلەرگە ئاتا قىلغان زېمىنغا كىرگەندىن كېيىن، چوڭ تاشلاردىن بىرقانچە ئابىدە تىكلەپ، ئۇلارنى ھاكلاپ ئاقارتىڭلار.
3
ئىئوردان دەرياسىدىن ئۆتۈپ، ئەجدادلىرىڭلار ئېتىقاد قىلغان پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا ئاتا قىلىشقا ۋەدە قىلغان سۈت ۋە ھەسەل ئېقىپ تۇرىدىغان زېمىنغا كىرگەندىن كېيىن، ئاشۇ ئابىدە تاشلارغا بۇ ئەمر-پەرمانلارنى پۈتۈپ چىقىڭلار.
4
ئىئوردان دەرياسىدىن ئۆتكەندىن كېيىن، مەن بۈگۈن بۇيرۇغاندەك، بۇ ئاقارتىلغان تاشلارنى ئېبال تېغىغا ئېلىپ بېرىپ تىكلەڭلار.
5
سىلەر شۇ يەردە تاشلاردىن پەرۋەردىگارىڭلار خۇداغا ئاتاپ بىر قۇربانلىق سۇپىسى ياساڭلار. تاشلارغا تۆمۈر ئەسۋاب تەگكۈزمەڭلار.
6
پەرۋەردىگارىڭلار خۇداغا ئاتالغان بۇ قۇربانلىق سۇپىسى تاراشلانمىغان تاشلاردىن ياسالسۇن. ئۇنىڭ ئۈستىدە پەرۋەردىگارىڭلار خۇداغا ئاتاپ كۆيدۈرمە قۇربانلىقلارنى سۇنۇڭلار.
7
سىلەر يەنە ئامانلىق قۇربانلىقلىرىنىمۇ سۇنۇڭلار. ئۇ يەردە يەڭلار، پەرۋەردىگارىڭلار خۇدانىڭ ھۇزۇرىدا شادلىنىڭلار.
8
بۇ ئەمر-پەرمانلارنى ئاشۇ ئابىدە تاشلارغا ئېنىق قىلىپ پۈتۈپ چىقىڭلار.
9
مۇسا ۋە لاۋىيلاردىن بولغان روھانىيلار ئىسرائىللارغا مۇنداق دېدى: _ ئەي ئىسرائىللار، جىم تۇرۇڭلار، قۇلاق سېلىڭلار. سىلەر بۈگۈن پەرۋەردىگارىڭلار خۇدانىڭ خەلقى بولدۇڭلار.
10
شۇڭا پەرۋەردىگارىڭلار خۇداغا ئىتائەت قىلىڭلار، ئۇنىڭ بۈگۈن مەن ئارقىلىق سىلەرگە يەتكۈزگەن ئەمر-پەرمانلىرىغا ئەمەل قىلىڭلار.
11
ئۇ كۈنى مۇسا خەلققە مۇنداق بۇيرۇدى:
12
_ ئىئوردان دەرياسىدىن ئۆتكەندىن كېيىن شىمون، لاۋىي، يەھۇدا، ئىسساكار، يۈسۈپ ۋە بىنيامىن قەبىلىلىرى ئەھدىگە پۈتۈلگەن بەختلەرنى تىلەش ئۈچۈن گىرىزىم تېغىدا تۇرسۇن.
13
رۇبېن، گاد، ئاشېر، زەبۇلۇن، دان ۋە نافتالى قەبىلىلىرى ئەھدىگە پۈتۈلگەن قارغىشلارغا گۇۋاھ بولۇش ئۈچۈن ئېبال تېغىدا تۇرسۇن.
14
ئاندىن لاۋىيلار پۈتكۈل ئىسرائىللارغا يۇقىرى ئاۋاز بىلەن مۇنداق دەپ جاكارلىسۇن:
15
«ئويما ۋە قۇيما بۇت ياساپ، مەخپىي جايغا تىكلىگەنلەر قارغىشقا قالىدۇ! بۇتلارنى ھۈنەرۋەنلەر ياسايدۇ، بۇلاردىن پەرۋەردىگار يىرگىنىدۇ!» پۈتۈن خەلق: «ئامىن!» دېسۇن.
16
«ئاتا-ئانىسىنى ھۆرمەت قىلمىغانلار قارغىشقا قالىدۇ!» پۈتۈن خەلق: «ئامىن!» دېسۇن.
17
«قوشنىلىرىنىڭ پاسىل تاشلىرىنى يۆتكىگەنلەر قارغىشقا قالىدۇ!» پۈتۈن خەلق: «ئامىن!» دېسۇن.
18
«ئەما ئادەمنى قەستەن خاتا يولغا باشلىغانلار قارغىشقا قالىدۇ!» پۈتۈن خەلق: «ئامىن!» دېسۇن.
19
«يات خەلقلەرگە، يېتىملەرگە، تۇل ئاياللارغا ئادالەتسىز مۇئامىلە قىلغانلار قارغىشقا قالىدۇ!» پۈتۈن خەلق: «ئامىن!» دېسۇن.
20
«ئاتىسىنىڭ توقىلى بىلەن زىنا قىلىپ، ئاتىسىغا خىيانەت قىلغانلار قارغىشقا قالىدۇ!» پۈتۈن خەلق: «ئامىن!» دېسۇن.
21
«ھايۋان بىلەن زىنا قىلغانلار قارغىشقا قالىدۇ!» پۈتۈن خەلق: «ئامىن!» دېسۇن.
22
«ئاچا-سىڭىللىرى ياكى ئۆگەي ئاچا-سىڭىللىرى بىلەن زىنا قىلغانلار قارغىشقا قالىدۇ!» پۈتۈن خەلق: «ئامىن!» دېسۇن.
23
«قېيىنئانىسى بىلەن زىنا قىلغانلار قارغىشقا قالىدۇ!» پۈتۈن خەلق: «ئامىن!» دېسۇن.
24
«ئادەمنى يوشۇرۇن ئۆلتۈرگەنلەر قارغىشقا قالىدۇ!» پۈتۈن خەلق: «ئامىن!» دېسۇن.
25
«پارا ئېلىپ بىگۇناھ ئادەمنى ئۆلتۈرگەنلەر قارغىشقا قالىدۇ!» پۈتۈن خەلق: «ئامىن!» دېسۇن.
26
«بۇ ئەمر-پەرمانلارنى قوبۇل قىلغان، لېكىن ئىتائەت قىلمىغانلار قارغىشقا قالىدۇ!» پۈتۈن خەلق: «ئامىن!» دېسۇن.
← Chapter 26
Jump to:
Chapter 1
Chapter 2
Chapter 3
Chapter 4
Chapter 5
Chapter 6
Chapter 7
Chapter 8
Chapter 9
Chapter 10
Chapter 11
Chapter 12
Chapter 13
Chapter 14
Chapter 15
Chapter 16
Chapter 17
Chapter 18
Chapter 19
Chapter 20
Chapter 21
Chapter 22
Chapter 23
Chapter 24
Chapter 25
Chapter 26
Chapter 27
Chapter 28
Chapter 29
Chapter 30
Chapter 31
Chapter 32
Chapter 33
Chapter 34
Chapter 28 →
All chapters:
1
2
3
4
5
6
7
8
9
10
11
12
13
14
15
16
17
18
19
20
21
22
23
24
25
26
27
28
29
30
31
32
33
34