bible
ra
🌐 Language
English
Español
Français
Deutsch
Português
Italiano
Nederlands
Русский
中文
日本語
한국어
العربية
Türkçe
Tiếng Việt
ไทย
Indonesia
All Languages
Home
/
Uyghur
/
Uyghur Arabic 2005 (ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى)
/
Deuteronomy 20
Deuteronomy 20
Uyghur Arabic 2005 (ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى)
← Chapter 19
Jump to:
Chapter 1
Chapter 2
Chapter 3
Chapter 4
Chapter 5
Chapter 6
Chapter 7
Chapter 8
Chapter 9
Chapter 10
Chapter 11
Chapter 12
Chapter 13
Chapter 14
Chapter 15
Chapter 16
Chapter 17
Chapter 18
Chapter 19
Chapter 20
Chapter 21
Chapter 22
Chapter 23
Chapter 24
Chapter 25
Chapter 26
Chapter 27
Chapter 28
Chapter 29
Chapter 30
Chapter 31
Chapter 32
Chapter 33
Chapter 34
Chapter 21 →
1
_ دۈشمەنگە قارشى ئۇرۇش قىلغان ۋاقتىڭلاردا، ئاتلار، جەڭ ھارۋىلىرى ۋە سىلەردىنمۇ كۆپ لەشكەرلەرگە دۇچ كەلسەڭلار، ئۇلاردىن قورقۇپ كەتمەڭلار. چۈنكى سىلەرنى مىسىردىن ئېلىپ چىققان پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا سىلەرگە يار بولىدۇ.
2
سىلەر ئۇرۇشقا چىقىشتىن ئىلگىرى، روھانىي لەشكەرلەرنىڭ ئالدىغا چىقىپ مۇنداق دېسۇن:
3
«ئەي ئىسرائىللار، قۇلاق سېلىڭلار! بۈگۈن سىلەر دۈشمەن بىلەن ئۇرۇش قىلىسىلەر. يۈرەكسىزلىك قىلماڭلار، قورقماڭلار، ھودۇقماڭلار، ئالاقزادە بولۇپ كەتمەڭلار!
4
چۈنكى پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا سىلەرگە يار بولۇپ، سىلەر ئۈچۈن جەڭ قىلىدۇ، سىلەرنى غەلىبىگە ئېرىشتۈرىدۇ.»
5
لەشكەر باشلىرى ئۇلاردىن مۇنداق دەپ سورىسۇن: «ئاراڭلاردا يېڭىدىن ئۆي سالغان، لېكىن ئۇنىڭدا ئولتۇرۇشقا ئۈلگۈرمىگەنلەر بارمۇ؟ ئەگەر بولسا، ئۆيىگە قايتىپ، ئۇرۇشتا ئۆلۈپ كېتىشتىن ساقلانسۇن. بولمىسا باشقىلار ئۇنىڭ ئۆيىدە ئولتۇرىدۇ.
6
ئاراڭلاردا ئۈزۈمزارلىق بەرپا قىلغان، لېكىن مېۋىسىدىن تېخى تېتىپ باقمىغانلار بارمۇ؟ بولسا، ئۇمۇ ئۆيىگە قايتىپ، ئۇرۇشتا ئۆلۈپ كېتىشتىن ساقلانسۇن. بولمىسا، ئۇنىڭ ئۈزۈملىرىدىن باشقىلار بەھرىلىنىدۇ.
7
ئاراڭلاردا توي قىلىشقا پۈتۈشكەن، لېكىن تېخىچە توي قىلمىغانلار بارمۇ؟ بولسا، ئۇمۇ ئۆيىگە قايتىپ، ئۇرۇشتا ئۆلۈپ كېتىشتىن ساقلانسۇن. بولمىسا، ئۇنىڭ توي قىلىشقا پۈتۈشكەن قىزىنى باشقىلار خوتۇنلۇققا ئالىدۇ.»
8
لەشكەر باشلىرى لەشكەرلەردىن يەنە مۇنداق دەپ سورىسۇن: «ئاراڭلاردا يۈرەكسىزلىك قىلىپ، قورقىدىغانلار بارمۇ؟ بولسا، باشقىلارنىڭ ئىرادىسىگە تەسىر يەتكۈزمەسلىك ئۈچۈن ئۆيىگە قايتسۇن.»
9
لەشكەر باشلىرى لەشكەرلەردىن سوراپ بولغاندىن كېيىن، سەركەردىلەرنى تەيىنلىسۇن.
10
سىلەر بىر شەھەرگە ھۇجۇم قىلىشتىن ئىلگىرى، شەھەر ئاھالىسىنىڭ سۈلھى قىلىشىغا پۇرسەت بېرىڭلار.
11
ئەگەر ئۇلار تەسلىم بولۇپ، شەھەر دەرۋازىلىرىنى ئاچسا، ئۇلارنى ئۆزۈڭلار ئۈچۈن قۇلدەك ئىشلىتىڭلار.
12
ئەگەر ئۇلار تەسلىم بولۇشقا ئۇنىماي، ئۇرۇش قىلماقچى بولسا، ئۇ شەھەرنى قورشاۋغا ئېلىڭلار.
13
پەرۋەردىگار خۇدا بۇ شەھەرنى سىلەرگە تاپشۇرغان ۋاقتىدا، شەھەردىكى بارلىق ئەرلەرنى قىرىپ تاشلاڭلار.
14
لېكىن شەھەردىكى ئاياللار، بالىلار، چارۋا ماللار ۋە باشقا مال-مۈلۈكلىرىنى ئولجا ئالساڭلار بولىدۇ. دۈشمىنىڭلارنىڭ بۇ نەرسىلىرىدىن بەھرىمەن بولۇڭلار، چۈنكى بۇ نەرسىلەرنى پەرۋەردىگار خۇدا سىلەرگە ئاتا قىلغاندۇر.
15
بۇنى پەقەت يىراقتىكى شەھەرلەرگە ئىشلىتىڭلار. يېقىندىكى ئەللەرنىڭ شەھەرلىرى بۇنىڭ سىرتىدىدۇر.
16
لېكىن پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا يېقىندىكى ئەللەرنىڭ شەھەرلىرىنى سىلەرنىڭ ئىگىدارچىلىق قىلىشىڭلارغا بەرگەندۇر. سىلەر بۇ شەھەرلەردە بىرەر جاننىمۇ تىرىك قالدۇرماڭلار.
17
پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا ئەمر قىلغىنىدەك، خىت، ئامور، كەنئان، پەرىززى، خىۋ، يىبۇس ئەللىرىنى تەلتۆكۈس يوقىتىڭلار.
18
بولمىسا ئۇلار سىلەرنى ئازدۇرۇپ، بۇتقا چوقۇنۇشتەك ھەرخىل يىرگىنچلىك ئادەتلىرىنى ئۆگىتىدۇ. بۇ پەرۋەردىگارىڭلار خۇداغا قارشى ئېغىر گۇناھتۇر.
19
بىر شەھەرگە ھۇجۇم قىلىپ، ئۇزاققىچە ئالالمىساڭلار، ئۇ يەردىكى مېۋىلىك دەرەخلەرنى كەسمەڭلار، چۈنكى مېۋىسىنى يەيسىلەر. ئېتىزدىكى دەرەخلەر سىلەر قورشاپ ھۇجۇم قىلىدىغانغا ئادەم ئەمەسقۇ!؟
20
لېكىن شەھەرنى قورشاش ئۈچۈن مېۋىسىز دەرەخلەرنى كەسسەڭلار ۋە ئۇلارنى تاكى شەھەرنى ئالغۇچە ئىشلەتسەڭلار بولىدۇ.
← Chapter 19
Jump to:
Chapter 1
Chapter 2
Chapter 3
Chapter 4
Chapter 5
Chapter 6
Chapter 7
Chapter 8
Chapter 9
Chapter 10
Chapter 11
Chapter 12
Chapter 13
Chapter 14
Chapter 15
Chapter 16
Chapter 17
Chapter 18
Chapter 19
Chapter 20
Chapter 21
Chapter 22
Chapter 23
Chapter 24
Chapter 25
Chapter 26
Chapter 27
Chapter 28
Chapter 29
Chapter 30
Chapter 31
Chapter 32
Chapter 33
Chapter 34
Chapter 21 →
All chapters:
1
2
3
4
5
6
7
8
9
10
11
12
13
14
15
16
17
18
19
20
21
22
23
24
25
26
27
28
29
30
31
32
33
34