bible
ra
🌐 Language
English
Español
Français
Deutsch
Português
Italiano
Nederlands
Русский
中文
日本語
한국어
العربية
Türkçe
Tiếng Việt
ไทย
Indonesia
All Languages
Home
/
Uyghur
/
Uyghur Arabic 2005 (ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى)
/
Deuteronomy 23
Deuteronomy 23
Uyghur Arabic 2005 (ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى)
← Chapter 22
Jump to:
Chapter 1
Chapter 2
Chapter 3
Chapter 4
Chapter 5
Chapter 6
Chapter 7
Chapter 8
Chapter 9
Chapter 10
Chapter 11
Chapter 12
Chapter 13
Chapter 14
Chapter 15
Chapter 16
Chapter 17
Chapter 18
Chapter 19
Chapter 20
Chapter 21
Chapter 22
Chapter 23
Chapter 24
Chapter 25
Chapter 26
Chapter 27
Chapter 28
Chapter 29
Chapter 30
Chapter 31
Chapter 32
Chapter 33
Chapter 34
Chapter 24 →
1
_ ئۇرۇقدېنى زەخىملەنگەن ياكى ئاختا قىلىنغان ئەرلەرنى پەرۋەردىگارنىڭ جامائىتىگە كىرگۈزمەڭلار.
2
نىكاھسىز تۇغۇلغانلارنى ئونىنچى ئەۋلادىغىچە پەرۋەردىگارنىڭ جامائىتىگە كىرگۈزمەڭلار.
3
ئاممونلار ۋە موئابلارنى ئونىنچى ئەۋلادىغىچە پەرۋەردىگارنىڭ جامائىتىگە كىرگۈزمەڭلار.
4
چۈنكى سىلەر مىسىردىن چىققان ۋاقتىڭلاردا ئۇلار سىلەرنى سۇ ۋە يېمەكلىك بىلەن كۈتۈۋالمىدى. ئۇلار ئاررام-ناھارايىمدىكى پىتور شەھىرىدە تۇرىدىغان بىئورنىڭ ئوغلى بىلئامنى چاقىرىپ كېلىپ سىلەرنى قارغاتتى.
5
لېكىن پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا بىلئامنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلىمىدى، ئەكسىچە قارغىشنى بەختكە ئايلاندۇردى، چۈنكى پەرۋەردىگارىڭلار خۇدانىڭ سىلەرگە مېھىر-مۇھەببىتى بار ئىدى.
6
ھايات بولساڭلارلا ئۇلار ئۈچۈن مەڭگۈ ئامانلىق ۋە ياخشىلىق ئىستىمەڭلار.
7
ئىدوملۇقلارنى ئۆچ كۆرمەڭلار، ئۇلار قېرىندىشىڭلاردۇر. مىسىرلىقلارنى ئۆچ كۆرمەڭلار، چۈنكى سىلەر ئۇ زېمىندا مۇساپىر بولۇپ ياشاپ باققان.
8
بۇ ئىككى ئەلنىڭ بالىلىرىدىن باشلاپ ھېسابلىغاندا، ئۈچىنچى ئەۋلادى پەرۋەردىگارنىڭ جامائىتىگە كىرسە بولىدۇ.
9
_ سىلەر لەشكەر باشلاپ، ئۇرۇشقا چىققان ۋاقتىڭلاردا، ھەرقانداق ناپاك ئىشلاردىن يىراق تۇرۇڭلار.
10
ئەگەر بىرسى كەچتە ئېھتىلام بولۇپ قېلىپ بۇلغانسا، ئۇ بارگاھنىڭ سىرتىغا كېتىپ تۇرسۇن.
11
ئەتىسى كۈن پېتىشتىن ئىلگىرى بويىنى سۇغا سېلىپ، كۈن پاتقاندا بارگاھقا قايتسۇن.
12
بارگاھنىڭ سىرتىغا تەرەت قىلىش ئۈچۈن مۇقىم بىر يەرنى بېكىتىڭلار.
13
ھەممە ئادەمنىڭ جابدۇقلىرىنىڭ ئىچىدە بىردىن ئوتىغۇچ بولسۇن. چوڭ تەرەت قىلغاندا يەرنى كولاپ، تەرىتىنى كۆمۈۋەتسۇن.
14
چۈنكى پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا بارگاھىڭلاردا سىلەر بىلەن بىرگىدۇر. ئۇ سىلەرنى قوغداپ، دۈشمەن ئۈستىدىن غەلىبە قىلدۇرىدۇ. شۇڭا بارگاھىڭلار پاك بولسۇن. پەرۋەردىگار سىلەردىن ۋاز كېچىدىغان پەسكەش ئىشلارنى قىلماڭلار.
15
_ ئەگەر بىرەر قۇل باشقا ئەلدىن قېچىپ كېلىپ، سىلەردىن پاناھلىق تىلىسە، قېچىپ كەلگەن قۇلنى ئىگىسىگە قايتۇرۇپ بەرمەڭلار.
16
ئۇ ئۆزى ياخشى كۆرۈپ تاللىغان شەھەردە سىلەر بىلەن بىرگە تۇرۇشىغا رۇخسەت قىلىڭلار، ئۇنىڭغا ناھەقچىلىك قىلماڭلار.
17
ئىسرائىللاردىن بولغان ئەر ۋە ئاياللار بۇتخانىدا پاھىشىۋازلىق قىلمىسۇن.
18
پاھىشە ۋە بەچچىۋازلارنىڭ تاپقان كىرىمىنى ھەدىيە قىلىشقا قەسەم قىلغان نەرسە سۈپىتىدە پەرۋەردىگارىڭلار خۇدانىڭ ئىبادەت جايىغا ئېلىپ كەلمەڭلار، چۈنكى پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا ئۇلاردىن يىرگىنىدۇ.
19
سىلەر قېرىندىشىڭلارغا قەرز بەرگەن پۇل، ئاشلىق ياكى باشقا ھەرقانداق نەرسىلەردىن ئۆسۈم ئالماڭلار.
20
سىلەر يات ئەللەردىن ئۆسۈم ئالساڭلار بولىدۇ، لېكىن ئىسرائىل قېرىندىشىڭلاردىن ھەرگىز ئۆسۈم ئالماڭلار. شۇنداق قىلساڭلار، پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا سىلەرگە مۈلۈك قىلىپ بەرگەن زېمىندا قىلغان بارلىق ئىشىڭلارغا بەرىكەت بېرىدۇ.
21
ئەگەر پەرۋەردىگارىڭلار خۇداغا قەسەم قىلغان بولساڭلار، قەسىمىڭلارنى كېچىكتۈرمەي ئەمەلگە ئاشۇرۇڭلار. چۈنكى پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا سىلەرنىڭ قىلغان قەسىمىڭلاردا تۇرۇشۇڭلارنى تەلەپ قىلىدۇ. تۇرمىساڭلار، گۇناھكار بولىسىلەر.
22
ئەگەر قەسەم قىلمىغان بولساڭلار، گۇناھكار بولمايسىلەر.
23
لېكىن ئۆزۈڭلار خالاپ قەسەم قىلغان بولساڭلار جەزمەن قەسەمگە ۋاپا قىلىڭلار.
24
ئىسرائىل قېرىندىشىڭلارنىڭ ئۈزۈمزارلىقىغا كىرسەڭلار، ئۈزۈملەردىن خالىغانچە يېسەڭلار بولىدۇ. لېكىن ئۈزۈملەرنى سېۋىتىڭلارغا سېلىپ ئېلىپ چىقىپ كەتمەڭلار.
25
ئەگەر ئىسرائىل قېرىندىشىڭلارنىڭ بۇغدايلىقىغا كىرسەڭلار، ئۇلاردىن ئۈزۈپ، يېسەڭلار بولىدۇ، لېكىن ئورغاق بىلەن ئورۇۋالساڭلار بولمايدۇ.
← Chapter 22
Jump to:
Chapter 1
Chapter 2
Chapter 3
Chapter 4
Chapter 5
Chapter 6
Chapter 7
Chapter 8
Chapter 9
Chapter 10
Chapter 11
Chapter 12
Chapter 13
Chapter 14
Chapter 15
Chapter 16
Chapter 17
Chapter 18
Chapter 19
Chapter 20
Chapter 21
Chapter 22
Chapter 23
Chapter 24
Chapter 25
Chapter 26
Chapter 27
Chapter 28
Chapter 29
Chapter 30
Chapter 31
Chapter 32
Chapter 33
Chapter 34
Chapter 24 →
All chapters:
1
2
3
4
5
6
7
8
9
10
11
12
13
14
15
16
17
18
19
20
21
22
23
24
25
26
27
28
29
30
31
32
33
34