bible
ra
🌐 Language
English
Español
Français
Deutsch
Português
Italiano
Nederlands
Русский
中文
日本語
한국어
العربية
Türkçe
Tiếng Việt
ไทย
Indonesia
All Languages
Home
/
Uyghur
/
Uyghur Arabic 2005 (ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى)
/
Deuteronomy 24
Deuteronomy 24
Uyghur Arabic 2005 (ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى)
← Chapter 23
Jump to:
Chapter 1
Chapter 2
Chapter 3
Chapter 4
Chapter 5
Chapter 6
Chapter 7
Chapter 8
Chapter 9
Chapter 10
Chapter 11
Chapter 12
Chapter 13
Chapter 14
Chapter 15
Chapter 16
Chapter 17
Chapter 18
Chapter 19
Chapter 20
Chapter 21
Chapter 22
Chapter 23
Chapter 24
Chapter 25
Chapter 26
Chapter 27
Chapter 28
Chapter 29
Chapter 30
Chapter 31
Chapter 32
Chapter 33
Chapter 34
Chapter 25 →
1
_ ئەگەر بىر ئادەم توي قىلغاندىن كېيىن، ئايالىنىڭ بىرەر خاتالىقى سەۋەبىدىن ئۇنى تالاق قىلىپ، قولىغا تالاق خېتىنى يېزىپ بېرىپ، ئۆيىدىن كەتكۈزۈۋەتكەن بولسا،
2
ئۇ ئايال يەنە توي قىلىشى مۇمكىن.
3
ناۋادا كېيىنكى ئېرىمۇ ئۇنى ياقتۇرماي، تالاق خېتى يېزىپ بېرىپ، ئۆيىدىن كەتكۈزۈۋەتسە، ياكى كېيىنكى ئېرى ئۆلۈپ كەتسە،
4
ئۇنداقتا بۇرۇنقى ئېرى بۇ ئايالنى قايتا ئەمرىگە ئالمىسۇن، ئۇ ئايال بۇرۇنقى ئېرى ئۈچۈن ناپاكتۇر. ناپاك ئايالنى ئەمرىگە ئېلىش قىلمىشىدىن پەرۋەردىگار يىرگىنىدۇ. پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا سىلەرگە مۈلۈك قىلىپ بەرگەن بۇ زېمىننى بۇنداق گۇناھلىق ئىشلار بىلەن بۇلغىماڭلار.
5
يېڭىدىن توي قىلغان ئەرلەر بىر يىلغىچە لەشكەر بولمىسۇن ياكى جامائەت ئىشلىرىنى قىلمىسۇن. ئۇلار بىر يىلغىچە ئۆيىدە قېلىپ، يېڭىدىن توي قىلغان ئايالى بىلەن خۇشال ياشىسۇن.
6
قەرزدارنىڭ يارغۇنچاق تېشى قەرز ھېسابىدا گۆرۈگە ئېلىنمىسۇن. چۈنكى بۇ ئۇنىڭ ھاياتىنى گۆرۈگە ئالغانغا باراۋەردۇر.
7
كىمكى ئىسرائىل قېرىندىشىنى تۇتۇۋېلىپ، ئۇنى قۇل بولۇشقا مەجبۇرلىسا، ياكى ئۇنى قۇل ئورنىدا ساتسا، ئۇ ئۆلۈمگە مەھكۇم بولسۇن. شۇنداق قىلىپ ئاراڭلاردىكى رەزىللىكنى يوقىتىڭلار.
8
تېرە كېسىلىدىن ئېھتىيات قىلىڭلار. ئەگەر سىلەر تېرە كېسىلىگە گىرىپتار بولۇپ قالساڭلار، لاۋىيلاردىن بولغان روھانىيلارنىڭ بۇيرۇغىنىدەك قىلىڭلار. مەن لاۋىيلارغا يەتكۈزگەن تېرە كېسىلى توغرىسىدىكى ئەمرلەرگە كۆڭۈل قويۇپ ئەمەل قىلىڭلار.
9
سىلەر مىسىردىن چىققاندىن كېيىن، پەرۋەردىگارىڭلار خۇدانىڭ سەپەردە مەريەمنى قانداق بىر تەرەپ قىلغانلىقىنى ئەسلەڭلار.
10
ئىسرائىل قېرىندىشىڭلارغا بىرنەرسە قەرز بەرگەن بولساڭلار، ئۆيىگە كىرىپ، بىر نەرسىلىرىنى گۆرۈ ئۈچۈن ئېلىپ چىقىپ كەتمەڭلار.
11
سىلەر تاشقىرىدا كۈتۈپ تۇرۇڭلار. قەرزدار گۆرۈگە قويىدىغان نەرسىسىنى ئېلىپ چىقىپ بېرىدۇ.
12
ئەگەر گۆرۈگە قويغۇچى نامرات بولۇپ، ئۆز تونىنى گۆرۈگە قويغان بولسا، توننى كەچ بولغاندا قايتۇرۇپ بېرىڭلار.
13
شۇ كۈننىڭ ئۆزىدە كۈن پېتىشتىن بۇرۇن ئۇنى قايتۇرۇپ بېرىڭلار. ئۇ تونىنى يېپىنىپ، ئۇيقۇسىنى ئۇخلىسۇن. ئۇ بۇ ياخشىلىقىڭلار ئۈچۈن سىلەرگە بەخت تىلەيدۇ. سىلەرمۇ پەرۋەردىگارىڭلار خۇدانىڭ نەزىرىدىكى ھەق ئىشلارنى قىلغان بولىسىلەر.
14
نامرات، بىچارە ئىشلەمچىلەر مەيلى ئىسرائىللاردىن بولسۇن، مەيلى شەھىرىڭلاردا مۇساپىر بولۇپ تۇرۇۋاتقان يات خەلقلەر بولسۇن، ئۇلارنىڭ ھەققىنى يېمەڭلار.
15
ھەر كۈنى كۈن پېتىشتىن بۇرۇن ئۇلارنىڭ شۇ كۈنلۈك ئىش ھەققىنى بېرىڭلار. چۈنكى ئۇلار نامرات بولۇپ، ھەر كۈنلۈك ئىش ھەققىگە تايىنىپ جان ساقلايدۇ. ئەگەر بەرمىسەڭلار، ئۇلار پەرۋەردىگارغا نالە قىلىدۇ، سىلەر گۇناھقا قالىسىلەر.
16
بالىسىنىڭ گۇناھى ئۈچۈن ئاتا-ئانىسىنى ئۆلتۈرۈشكە، ئاتا-ئانىسىنىڭ گۇناھى ئۈچۈن بالىسىنى ئۆلتۈرۈشكە بولمايدۇ. ھەركىم ئۆز گۇناھى ئۈچۈن ئۆلۈشى كېرەك.
17
يات خەلقلەر ۋە يېتىملەرگە ئادالەتسىزلىك قىلماڭلار. تۇل ئاياللارنىڭ كىيىملىرىنى گۆرۈگە ئالماڭلار.
18
ئېسىڭلاردا بولسۇنكى، سىلەر مىسىردا قۇل بولغان ۋاقتىڭلاردا، سىلەرنى پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا قۇتقۇزغانىدى. شۇڭا مەن سىلەرنىڭ مۇشۇنداق قىلىشىڭلارنى بۇيرۇيمەن.
19
ئېتىزىڭلاردا بۇغداي ئورغان ۋاقتىڭلاردا، بىر باغلام بۇغداينى ئېلىشنى ئۇنتۇپ قالغان بولساڭلار، قايتىپ بېرىپ ئالماڭلار. ئۇنى يېتىم، تۇل ئايال ۋە يات خەلقلەرگە قالدۇرۇڭلار. شۇنداق قىلساڭلار، پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا ھەممە ئىشلىرىڭلارغا بەرىكەت بېرىدۇ.
20
زەيتۇن قاققان ۋاقتىڭلاردا پەقەت بىر قېتىم قېقىڭلار، قالغانلىرىنى يېتىم، تۇل ئايال، يات خەلقلەرگە قالدۇرۇڭلار.
21
ئۈزۈمۈڭلارنى بىر قېتىم ئۈزۈڭلار، قايتا ئۈزمەڭلار. ئۇلارنى يېتىم، تۇل ئايال، يات خەلقلەرگە قالدۇرۇڭلار.
22
ئېسىڭلاردا بولسۇنكى، سىلەرمۇ مىسىردا قۇل بولغان، شۇڭا مەن سىلەرنىڭ مۇشۇنداق قىلىشىڭلارنى بۇيرۇيمەن.
← Chapter 23
Jump to:
Chapter 1
Chapter 2
Chapter 3
Chapter 4
Chapter 5
Chapter 6
Chapter 7
Chapter 8
Chapter 9
Chapter 10
Chapter 11
Chapter 12
Chapter 13
Chapter 14
Chapter 15
Chapter 16
Chapter 17
Chapter 18
Chapter 19
Chapter 20
Chapter 21
Chapter 22
Chapter 23
Chapter 24
Chapter 25
Chapter 26
Chapter 27
Chapter 28
Chapter 29
Chapter 30
Chapter 31
Chapter 32
Chapter 33
Chapter 34
Chapter 25 →
All chapters:
1
2
3
4
5
6
7
8
9
10
11
12
13
14
15
16
17
18
19
20
21
22
23
24
25
26
27
28
29
30
31
32
33
34