bible
ra
🌐 Language
English
Español
Français
Deutsch
Português
Italiano
Nederlands
Русский
中文
日本語
한국어
العربية
Türkçe
Tiếng Việt
ไทย
Indonesia
All Languages
Home
/
Uyghur
/
Uyghur Arabic 2005 (ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى)
/
Deuteronomy 15
Deuteronomy 15
Uyghur Arabic 2005 (ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى)
← Chapter 14
Jump to:
Chapter 1
Chapter 2
Chapter 3
Chapter 4
Chapter 5
Chapter 6
Chapter 7
Chapter 8
Chapter 9
Chapter 10
Chapter 11
Chapter 12
Chapter 13
Chapter 14
Chapter 15
Chapter 16
Chapter 17
Chapter 18
Chapter 19
Chapter 20
Chapter 21
Chapter 22
Chapter 23
Chapter 24
Chapter 25
Chapter 26
Chapter 27
Chapter 28
Chapter 29
Chapter 30
Chapter 31
Chapter 32
Chapter 33
Chapter 34
Chapter 16 →
1
_ ھەر يەتتىنچى يىلىنىڭ ئاخىرىدا قەرزدارلارنىڭ قەرزىنى كەچۈرۈم قىلىڭلار.
2
ئۇنىڭ قائىدىسى مۇنداق بولسۇن: بارلىق قەرز ئىگىلىرى قېرىندىشىڭلار بولغان ئىسرائىللارنىڭ ئۈستىدىكى قەرزلىرىنى كەچۈرۈم قىلىۋېتىڭلار. ئۇلاردىن قەرز سۈيلىمەڭلار، چۈنكى قەرزنى كەچۈرۈم قىلىشنى پەرۋەردىگار ئەمر قىلغاندۇر.
3
يات خەلقلەردىن قەرز سۈيلىسەڭلار بولىدۇ، لېكىن ئىسرائىللاردىن بولغان قېرىندىشىڭلارنىڭ قانداق قەرزى بولسۇن ھەممىسىنى كەچۈرۈم قىلىڭلار.
4
پەرۋەردىگارىڭلار خۇداغا تولۇق ئىتائەت قىلىپ، مەن بۈگۈن سىلەرگە يەتكۈزگەن بارلىق ئەمرلەرگە كۆڭۈل قويۇپ ئەمەل قىلساڭلار، پەرۋەردىگار سىلەرگە مۈلۈك قىلىپ بەرگەن ئاشۇ زېمىندا سىلەرنى ئۆزى بەرىكەتلىك قىلىدۇ، ئاراڭلاردا نامراتلار بولمايدۇ.
6
پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا ئۆزىنىڭ بەرگەن ۋەدىسى بويىچە سىلەرنى بەختكە ئېرىشتۈرىدۇ. سىلەر باشقا خەلقلەرگە قەرز بېرىسىلەر، لېكىن ئۇلاردىن قەرز ئالمايسىلەر. نۇرغۇن ئەللەرنى باشقۇرىسىلەر، ئۇلار سىلەرنى باشقۇرمايدۇ.
7
سىلەر پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا سىلەرگە ئاتا قىلغان ئاشۇ زېمىنغا كىرگەندىن كېيىن يۇرتۇڭلاردا ئىسرائىللاردىن بولغان نامرات قېرىندىشىڭلار بولسا، ئۇلارغا يۈرىكىڭلارنى قاتتىق قىلماڭلار، ياردەم قىلىشنى رەت قىلماڭلار.
8
ئەكسىچە، ئۇلارغا سېخىيلىق قىلىڭلار، ئۇلارغا قانچىلىك كېرەك بولسا، شۇنچىلىك قەرز بېرىڭلار.
9
ئېھتىياتچان بولۇڭلاركى، قەرز كەچۈرۈم قىلىنىدىغان يەتتىنچى يىلنىڭ ئاخىرى كېلىشى بىلەن نىيىتىڭلار بۇزۇلمىسۇن! ئىسرائىللاردىن بولغان نامرات قېرىندىشىڭلارغا سوغۇق نەزەردە قارىماڭلار، ياردەم قولۇڭلارنى سۇنۇڭلار. بولمىسا ئۇلار پەرۋەردىگارغا نالە قىلىدۇ، سىلەر گۇناھكار بولىسىلەر.
10
سېخىي بولۇڭلار، بەرگىنىڭلاردىن پۇشايمان قىلماڭلار. شۇنداق قىلساڭلار، پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا سىلەرنىڭ قىلغان بارلىق ئىشىڭلارغا بەرىكەت بېرىدۇ.
11
زېمىنىڭلاردا ھامىنى نامراتلار بولىدۇ، شۇڭا سىلەرنىڭ ئىسرائىللاردىن بولغان موھتاج، نامرات قېرىندىشىڭلارغا سېخىيلىق بىلەن ياردەم قىلىشىڭلارنى بۇيرۇيمەن.
12
ئەگەر ئىسرائىللاردىن بولغان ئەر-ئايال قېرىندىشىڭلار سىلەرگە قۇللۇققا سېتىلسا، ئالتە يىل خىزمىتىڭلارنى قىلسۇن، يەتتىنچى يىلى ئۇلارنى ئازاد قىلىڭلار.
13
ئۇلارنى قۇرۇق قول قايتۇرماڭلار.
14
پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا سىلەرگە سېخىيلىق بىلەن ئاتا قىلغان قوي، ئاشلىق ۋە شارابتىن ئۇلارغىمۇ سېخىيلىق بىلەن ھەدىيە قىلىڭلار.
15
ئېسىڭلاردا بولسۇنكى، سىلەر مىسىردا قۇللۇقتا ياشاۋاتقاندا، پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا سىلەرنى قۇتقۇزدى. شۇڭا مەن بۈگۈن سىلەرگە مۇشۇنداق قىلىشنى بۇيرۇيمەن.
16
لېكىن قۇللىرىڭلار سىلەرنى ۋە ئائىلەڭلارنى ياخشى كۆرگەنلىكى، سىلەر بىلەن ئىناق ئۆتكەنلىكى ئۈچۈن سىلەردىن ئايرىلىشنى خالىمىسا،
17
ئۇلار ئىشىككە يۆلەنسۇن، سىلەر بىگىز بىلەن ئۇلارنىڭ قۇلىقىغا بىر تۆشۈك تېشىڭلار. شۇنىڭ بىلەن ئۇ سىلەرنىڭ مەڭگۈلۈك قۇلۇڭلار بولىدۇ. دېدەكلەرنىمۇ شۇنداق قىلىڭلار.
18
قۇللىرىڭلارنى ئازاد قىلىدىغان ۋاقتىڭلاردا ئەپسۇسلانماڭلار، چۈنكى ئۇلار سىلەرگە ئالتە يىل خىزمەت قىلدى. ئادەتتە قۇلنىڭ قىلىدىغان خىزمىتى مەدىكارنىڭ قىلىدىغان خىزمىتىدىن بىر ھەسسە ئارتۇق بولىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا سىلەرنىڭ قىلغان بارلىق ئەجىرلىرىڭلار ئۈچۈن سىلەرنى بەختكە ئېرىشتۈرىدۇ.
19
پادىلىرىڭلارنىڭ ئارىسىدىكى كالا، قوي ۋە ئۆچكىلەرنىڭ تۇنجى تۇغۇلغانلىرىنى پەرۋەردىگارىڭلار خۇداغا ئاتاڭلار. ئەركەك كالىلارنىڭ تۇنجى تۇغۇلغانلىرى بىلەن يەر ھەيدىمەڭلار ھەم قوچقارلارنىڭ تۇنجى تۇغۇلغانلىرىنى قىرقىماڭلار.
20
ھەر يىلى سىلەر پۈتۈن ئائىلەڭلار بىلەن پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا بەلگىلەپ بەرگەن ئىبادەت قىلىش جايىغا بېرىپ، ئاشۇ كالا، قويلارنىڭ گۆشىنى يەڭلار.
21
ئەگەر بۇ ماللار ئاقساق-چولاق، قارىغۇ ياكى باشقا نۇقسانلىرى بولسا، پەرۋەردىگارىڭلار خۇداغا ئاتاپ قۇربانلىق قىلماڭلار،
22
يۇرتۇڭلاردا يەڭلار. بۇلارنى خۇددى جەرەن ۋە بۇغا يېگەنگە ئوخشاش پاك كىشىلەرمۇ، ناپاك كىشىلەرمۇ يېسە بولىدۇ.
23
لېكىن قېنىنى يېمەڭلار، قېنىنى خۇددى سۇ تۆككەندەك يەرگە تۆكۈۋېتىڭلار.
← Chapter 14
Jump to:
Chapter 1
Chapter 2
Chapter 3
Chapter 4
Chapter 5
Chapter 6
Chapter 7
Chapter 8
Chapter 9
Chapter 10
Chapter 11
Chapter 12
Chapter 13
Chapter 14
Chapter 15
Chapter 16
Chapter 17
Chapter 18
Chapter 19
Chapter 20
Chapter 21
Chapter 22
Chapter 23
Chapter 24
Chapter 25
Chapter 26
Chapter 27
Chapter 28
Chapter 29
Chapter 30
Chapter 31
Chapter 32
Chapter 33
Chapter 34
Chapter 16 →
All chapters:
1
2
3
4
5
6
7
8
9
10
11
12
13
14
15
16
17
18
19
20
21
22
23
24
25
26
27
28
29
30
31
32
33
34