bible
ra
🌐 Language
English
Español
Français
Deutsch
Português
Italiano
Nederlands
Русский
中文
日本語
한국어
العربية
Türkçe
Tiếng Việt
ไทย
Indonesia
All Languages
Home
/
Uyghur
/
Uyghur Arabic 2005 (ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى)
/
Deuteronomy 25
Deuteronomy 25
Uyghur Arabic 2005 (ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى)
← Chapter 24
Jump to:
Chapter 1
Chapter 2
Chapter 3
Chapter 4
Chapter 5
Chapter 6
Chapter 7
Chapter 8
Chapter 9
Chapter 10
Chapter 11
Chapter 12
Chapter 13
Chapter 14
Chapter 15
Chapter 16
Chapter 17
Chapter 18
Chapter 19
Chapter 20
Chapter 21
Chapter 22
Chapter 23
Chapter 24
Chapter 25
Chapter 26
Chapter 27
Chapter 28
Chapter 29
Chapter 30
Chapter 31
Chapter 32
Chapter 33
Chapter 34
Chapter 26 →
1
_ ئەگەر تالاش-تارتىش يۈز بېرىپ، ھەر ئىككىلا تەرەپ سوتقا ئەرز قىلسا، سوتچى ھەق-ناھەقنى ئايرىپ، بىگۇناھ ئادەمنى ئاقلىسۇن، گۇناھكارنى جازالىسۇن.
2
ئەگەر گۇناھكارغا قامچىلاش جازاسى بېرىشكە تېگىشلىك بولسا، سوتچى نەق مەيداندا گۇناھكارنى يەرگە ياتقۇزۇپ، گۇناھىنىڭ ئېغىر-يېنىكلىكىگە قاراپ، ھۆكۈمىنى ئىجرا قىلسۇن.
3
ئەڭ كۆپ بولغاندا، قىرىق قامچا ئۇرۇلسۇن. ئەگەر قىرىق قامچىدىن ئېشىپ كەتسە، ئۆزۈڭلارنىڭ قېرىندىشىنى ئوچۇق-ئاشكارا ھاقارەت قىلغان بولىسىلەر.
4
خامان تېپىۋاتقان ئۆكۈزنىڭ ئاغزىنى بوغماڭلار.
5
بىر ھويلىدا بىرگە ياشاۋاتقان قېرىنداشلارنىڭ بىرى ۋاپات بولسا، لېكىن ئۇنىڭ ئوغلى بولمىسا، ئۆلگۈچىنىڭ ئايالى سىرتقا ياتلىق بولمىسۇن. قېرىنداشلىرى مەجبۇرىيەتلىرىنى ئادا قىلىپ، ئۆلگەن قېرىندىشىنىڭ ئايالىنى ئەمرىگە ئالسۇن.
6
ئۆلگۈچىنىڭ نامى ئىسرائىللارنىڭ ئىچىدىن يوقىلىپ كەتمەسلىك ئۈچۈن، ئۇنىڭدىن تۇغۇلغان تۇنجى ئوغۇل ئۆلگەن قېرىندىشىنىڭ ئوغلى ھېسابلانسۇن.
7
ئەگەر بىرسى ئۆلۈپ كەتكەن قېرىندىشىنىڭ تۇل قالغان ئايالىنى ئەمرىگە ئېلىشقا ئۇنىمىسا، تۇل ئايال شەھەر دەرۋازىسى ئالدىدىكى ئاقساقاللارنىڭ ئالدىغا بېرىپ: «يولدىشىمنىڭ قېرىندىشى مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىپ، مېنى ئەمرىگە ئېلىپ، قېرىندىشى ئۈچۈن نام قالدۇرۇشقا ئۇنىمىدى» دېسۇن.
8
ئاقساقاللار ئۆلگۈچىنىڭ قېرىندىشىنى چاقىرىپ كېلىپ، ئۇنىڭغا تەربىيە قىلسۇن. ئەگەر ئۇ يەنىلا ئۇنىمىسا،
9
تۇل ئايال ئاقساقاللارنىڭ ئالدىدا ئۇنىڭ بىر پاي ئايىغىنى سالدۇرۇۋالسۇن ۋە يۈزىگە تۈكۈرۈپ: «ئۆز قېرىندىشىنىڭ نەسلىنى داۋاملاشتۇرۇشقا ئۇنىمىغان كىشى مۇشۇنداق ھاقارەتكە قالىدۇ» دەپ جاكارلىسۇن.
10
شۇنىڭدىن كېيىن ئۇنىڭ ئائىلىسى ئىسرائىللار ئارىسىدا «ئايىغى سالدۇرۇلغاننىڭ ئائىلىسى» دەپ ئاتىلىدۇ.
11
ئەگەر ئىككى ئادەم ئۇرۇشۇپ قېلىپ، بىرسىنىڭ ئايالى ئېرىگە ياردەملىشىپ، يەنە بىر ئادەمنىڭ جىنسىي ئەزاسىنى تۇتۇۋالسا،
12
ئۇ ئايالنىڭ قولى كېسىلسۇن. ئۇنىڭغا رەھىم قىلىشقا بولمايدۇ.
13
تىجارەت قىلغاندا، تېشى چوڭ، كىچىك بولغان ئىككى خىل تارازا ئىشلەتمەڭلار.
14
ئۆيۈڭلاردىمۇ ئۆلچىمى خاتا كەمچەن ئىشلەتمەڭلار.
15
پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا سىلەرگە ئاتا قىلغان زېمىندا ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈشۈڭلار ئۈچۈن، توغرا ۋە دەل تارازا ۋە ئۆلچىگۈچ ئىشلىتىڭلار.
16
چۈنكى مۇنداق ئىشلاردا ئالدامچىلىق قىلىدىغانلاردىن پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا يىرگىنىدۇ.
17
_ سىلەر مىسىردىن چىققاندىن كېيىن، ئامالەكلەرنىڭ سەپىرىڭلاردا سىلەرگە قانداق مۇئامىلە قىلغانلىقىنى ئۇنتۇماڭلار.
18
ئۇلار سىلەرنىڭ ھېرىپ، ھالىڭلاردىن كەتكەن ۋاقتىڭلاردىن پايدىلىنىپ، سەپتىن چۈشۈپ قالغانلارغا ھۇجۇم قىلدى، خۇدادىن قورقمىدى.
19
شۇڭا پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا سىلەرگە مۈلۈك قىلىپ بەرگەن زېمىنغا سىلەرنى ئۆزى باشلاپ كىرىپ، چېگرايىڭلارنى ئامان قىلغاندىن كېيىن، ئامالەك خەلقىنى يوقىتىڭلار. ئۇلارنى كىشىلەرنىڭ خاتىرىسىدىنمۇ ئۆچۈرۈۋېتىڭلار. بۇ ئېسىڭلاردا بولسۇن.
← Chapter 24
Jump to:
Chapter 1
Chapter 2
Chapter 3
Chapter 4
Chapter 5
Chapter 6
Chapter 7
Chapter 8
Chapter 9
Chapter 10
Chapter 11
Chapter 12
Chapter 13
Chapter 14
Chapter 15
Chapter 16
Chapter 17
Chapter 18
Chapter 19
Chapter 20
Chapter 21
Chapter 22
Chapter 23
Chapter 24
Chapter 25
Chapter 26
Chapter 27
Chapter 28
Chapter 29
Chapter 30
Chapter 31
Chapter 32
Chapter 33
Chapter 34
Chapter 26 →
All chapters:
1
2
3
4
5
6
7
8
9
10
11
12
13
14
15
16
17
18
19
20
21
22
23
24
25
26
27
28
29
30
31
32
33
34