bible
ra
🌐 Language
English
Español
Français
Deutsch
Português
Italiano
Nederlands
Русский
中文
日本語
한국어
العربية
Türkçe
Tiếng Việt
ไทย
Indonesia
All Languages
Home
/
Uyghur
/
Uyghur Arabic 2005 (ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى)
/
Deuteronomy 9
Deuteronomy 9
Uyghur Arabic 2005 (ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى)
← Chapter 8
Jump to:
Chapter 1
Chapter 2
Chapter 3
Chapter 4
Chapter 5
Chapter 6
Chapter 7
Chapter 8
Chapter 9
Chapter 10
Chapter 11
Chapter 12
Chapter 13
Chapter 14
Chapter 15
Chapter 16
Chapter 17
Chapter 18
Chapter 19
Chapter 20
Chapter 21
Chapter 22
Chapter 23
Chapter 24
Chapter 25
Chapter 26
Chapter 27
Chapter 28
Chapter 29
Chapter 30
Chapter 31
Chapter 32
Chapter 33
Chapter 34
Chapter 10 →
1
_ ئەي ئىسرائىللار، قۇلاق سېلىڭلار! يېقىندا سىلەر ئىئوردان دەرياسىدىن ئۆتۈپ، سىلەردىن چوڭ ۋە كۈچلۈك بولغان ئەللەرنى زېمىنىدىن قوغلاپ چىقىرىپ، ئۇلارنىڭ زېمىنىغا ئىگىدارچىلىق قىلىسىلەر. ئۇلار سېپىللىرى بۇلۇتقا تاقاشقان چوڭ شەھەرلەردە ياشايدۇ.
2
ئۇلارنىڭ ئارىسىدا كۈچلۈك ۋە بويلىرى ئېگىز بولغان ئاناقلارنىڭ ئەۋلادلىرىمۇ باردۇر. سىلەر ئۇلارنى بىلىسىلەر ھەم «ئاناقلارغا كىم قارشى تۇرالايدۇ؟» دېگەن سۆزلەرنىمۇ ئاڭلىغان.
3
لېكىن بۈگۈن بىلىشىڭلار كېرەككى، پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا ئالدىڭلاردا خۇددى دەھشەتلىك كۆيۈۋاتقان ئوتتەك مېڭىپ، ئۇلارنى بويسۇندۇرىدۇ ۋە ھالاك قىلىدۇ. سىلەر ئۇلارنى زېمىنىدىن قوغلاپ چىقىرىپ، تېزلا يوقىتىسىلەر. بۇ ئىشلار خۇددى پەرۋەردىگارنىڭ سىلەرگە ئېيتقىنىدەك بولىدۇ.
4
پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا ئۇ ئەللەرنى سىلەرنىڭ كۆز ئالدىڭلاردا زېمىنىدىن قوغلاپ چىقارغاندىن كېيىن، سىلەر ئۆزۈڭلارچە «بىز ھەققانىي بولغانلىقىمىز ئۈچۈن، پەرۋەردىگار بىزنى بۇ زېمىننى ئىگىلەشكە ئېلىپ كەلدى» دەپ ئويلىماڭلار. ئەمەلىيەتتە، ئۇ يەردىكى ئەللەر رەزىل بولغانلىقى ئۈچۈن، پەرۋەردىگار ئۇلارنى سىلەرنىڭ كۆز ئالدىڭلاردا زېمىنىدىن قوغلاپ چىقاردى.
5
سىلەرنىڭ ئۇلارنىڭ زېمىنىنى ئىگىلىشىڭلار ئىش-ئەمەللىرىڭلارنىڭ ھەققانىي، دۇرۇس بولغانلىقى سەۋەبىدىن ئەمەس، بەلكى ئۇلارنىڭ رەزىل بولغانلىقى سەۋەبىدىندۇر. پەرۋەردىگارىڭلار خۇدانىڭ ئۇلارنى كۆز ئالدىڭلاردا زېمىنىدىن قوغلىۋېتىشى پەرۋەردىگارنىڭ ئەجدادلىرىڭلار بولغان ئىبراھىم، ئىسھاق ۋە ياقۇپلارغا بەرگەن ۋەدىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشى سەۋەبىدىندۇر.
6
بىلىشىڭلار كېرەككى، پەرۋەردىگارنىڭ سىلەرگە ئۇ گۈزەل زېمىننى مۈلۈك قىلىپ بېرىشى، سىلەرنىڭ ھەققانىي بولغانلىقىڭلار ئۈچۈن ئەمەستۇر. ئەمەلىيەتتە سىلەر جاھىل خەلقسىلەر.
7
_ خەلقىمىزنىڭ چۆللۈكتە پەرۋەردىگارىڭلار خۇدانىڭ قانداق ئاچچىقىنى كەلتۈرگەنلىكىنى ئېسىڭلاردا تۇتۇڭلار، ئۇنى ئۇنتۇپ قالماڭلار. خەلق مىسىردىن چىققان كۈندىن تارتىپ تاكى ھازىرغىچە، پەرۋەردىگارغا ئاسىيلىق قىلىپ كەلدى.
8
سىناي تېغىدا خەلق پەرۋەردىگارنىڭ ئاچچىقىنى شۇنداق كەلتۈردىكى، ئۇ خەلقنى ھالاك قىلماقچى بولدى.
9
مەن تاغقا پەرۋەردىگارنىڭ خەلق بىلەن تۈزگەن ئەھدىسى يېزىلغان تاش تاختىلارنى تاپشۇرۇپ ئېلىش ئۈچۈن چىقتىم. تاغ ئۈستىدە 40 كېچە-كۈندۈز تۇردۇم، نان يېمىدىم، سۇ ئىچمىدىم.
10
پەرۋەردىگار ماڭا ئىككى پارچە ئەھدە تېشىنى بەردى. تاش تاختىلارنىڭ ئۈستىگە ئاشۇ كۈنى خەلق تاغ ئېتىكىگە يىغىلغاندا، خۇدا تاغدىكى ئوت ئىچىدە تۇرۇپ خەلققە ئېيتقان سۆزلىرى يېزىلغانىدى. پەرۋەردىگار ئەھدىنى تاش تاختىلارغا ئۆز بارمىقى بىلەن ئويغانىدى.
11
قىرىق كېچە-كۈندۈزدىن كېيىن پەرۋەردىگار ئەھدە يېزىلغان ئىككى پارچە تاش تاختىنى ماڭا بەردى.
12
ئاندىن پەرۋەردىگار ماڭا: «تېزدىن تاغدىن چۈشكىن، سەن ئۆزۈڭ مىسىردىن ئېلىپ چىققان بۇ خەلق تاپتىن چىقتى. ئۇلار شۇنچە تېزلا مەن ئەمر قىلغان يولدىن چىقىپ، ئۆزلىرىگە بۇت ياسىۋالدى!» دېدى.
13
پەرۋەردىگار ماڭا: «مەن بۇ خەلقنىڭ جاھىللىقىنى كۆرۈپ يەتتىم.
14
مېنى توسما، مەن ئۇلارنى ھالاك قىلىپ، يەر يۈزىدىن نامىنى يوقىتاي. مەن سېنىڭ ئەۋلادلىرىڭنى ئۇلاردىنمۇ چوڭ ۋە كۈچلۈك بىر خەلق قىلىمەن» دېدى.
15
مەن ئەھدە يېزىلغان ئىككى پارچە تاش تاختىنى قولۇمدا ئېلىپ، تاغدىن قايتىپ چۈشتۈم. تاغدا تېخىچىلا ئوت يالقۇنلاپ تۇراتتى.
16
كۆردۈمكى، خەلق پەرۋەردىگارىڭلار خۇدانىڭ ئالدىدا ئېغىر گۇناھ قىلىپ، موزاي بۇت ياساپ، ئۇنىڭ غەزىپىنى كەلتۈرۈپتۇ. ئۇ ئەمر قىلغان يولدىن شۇنچە تېز چەتنەپتۇ.
17
شۇنىڭ بىلەن مەن قولۇمدىكى ئاشۇ ئىككى پارچە تاش تاختىنى خەلقنىڭ كۆز ئالدىدا ئۇرۇپ چېقىۋەتتىم.
18
مەن يەنە بىر قېتىم پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا ئۆزۈمنى يەرگە تاشلاپ، قىرىق كېچە-كۈندۈز نان يېمىدىم، سۇ ئىچمىدىم، چۈنكى خەلقىمىز ئېغىر گۇناھ ئۆتكۈزگەنىدى. ئۇلار پەرۋەردىگار يىرگىنىدىغان ئىشنى قىلىپ، ئۇنىڭ غەزىپىنى قوزغىدى.
19
پەرۋەردىگارنىڭ ئۇلارغا قاتتىق غەزىپى كېلىپ، ئۇلارنى يوقاتماقچى بولغانلىقىدىن قورقتۇم. لېكىن پەرۋەردىگار يەنە بىر قېتىم مېنىڭ ئۆتۈنۈشۈمنى ئاڭلىدى.
20
پەرۋەردىگار ھارۇنغا شۇنچىلىك غەزەپلەندىكى، ھەتتا ئۇنىڭ جېنىنى ئالماقچى بولدى. مەن يەنىلا ئۇنىڭ ئۈچۈن ئۆتۈندۈم.
21
سىلەر موزاي بۇت ياساپ گۇناھ قىلدىڭلار، شۇڭا مەن ئۇنى كۆيدۈرۈۋەتتىم. ئاندىن ئۇنى كۇكۇم-تالقان قىلىپ، تاغدىن ئېقىپ چۈشكەن ئېرىققا چېچىۋەتتىم.
22
خەلقىمىز تابئېرا، ماسساھ ۋە قىبروت-ھاتتائاۋادىمۇ پەرۋەردىگارنىڭ غەزىپىنى كەلتۈردى.
23
پەرۋەردىگار خەلقنى كادېش-بارنېيادىن ئايرىلىپ، ئۇلارغا ئاتا قىلغان زېمىننى ئىگىلەشكە ئەمر قىلغاندا، ئۇلار پەرۋەردىگارنىڭ ئەمرىنى رەت قىلىپ، پەرۋەردىگارغا ئىشەنمىدى ۋە ئۇنىڭغا ئىتائەت قىلمىدى.
24
مەن سىلەرنى تونۇغاندىن بېرى، سىلەرمۇ داۋاملىق پەرۋەردىگارغا ئاسىيلىق قىلىپ كەلدىڭلار.
25
پەرۋەردىگار سىلەرنى ھالاك قىلىمەن دېگەچكە، مەن ئۇنىڭ ئالدىدا قىرىق كېچە-كۈندۈز ئۆزۈمنى يەرگە تاشلاپ،
26
ئۇنىڭدىن ئۆتۈندۈم: «ئى ئىگەم پەرۋەردىگار، ئۆز خەلقىڭنى ھالاك قىلمىغىن! ئۇلار سېنىڭ مۈلكۈڭدۈر، سەن ئۇلارنى ئۇلۇغلۇقۇڭ بىلەن قۇتقۇزدۇڭ، قۇدرەتلىك قولۇڭ بىلەن مىسىردىن ئېلىپ چىقتىڭ.
27
سېنىڭ خىزمەتكارلىرىڭ بولغان ئىبراھىم، ئىسھاق ۋە ياقۇپنى ياد ئېيتىپ، بۇ خەلقنىڭ جاھىللىقى، رەزىللىكى ۋە گۇناھلىرىغا نەزەر سالمىغىن.
28
مىسىرلىقلار: ‹ئۇلارنىڭ پەرۋەردىگارى ئۇلارنى ۋەدە قىلغان زېمىنىغا ئېلىپ بارالماپتۇ. ئۇلارنىڭ پەرۋەردىگارى ئۇلارنى ئۆچ كۆرگەچكە، ئۇلارنى ھالاك قىلىش ئۈچۈن چۆلگە ئېلىپ بېرىپتۇ!› دېمىسۇن.
29
ئۇلار نېمىلا بولسۇن، سېنىڭ خەلقىڭ، سېنىڭ مۈلكۈڭ، ئۇلارنى يۈكسەك كۈچ-قۇدرىتىڭ ۋە ھەممىگە قادىر قولۇڭ بىلەن مىسىردىن ئېلىپ چىقتىڭ.»
← Chapter 8
Jump to:
Chapter 1
Chapter 2
Chapter 3
Chapter 4
Chapter 5
Chapter 6
Chapter 7
Chapter 8
Chapter 9
Chapter 10
Chapter 11
Chapter 12
Chapter 13
Chapter 14
Chapter 15
Chapter 16
Chapter 17
Chapter 18
Chapter 19
Chapter 20
Chapter 21
Chapter 22
Chapter 23
Chapter 24
Chapter 25
Chapter 26
Chapter 27
Chapter 28
Chapter 29
Chapter 30
Chapter 31
Chapter 32
Chapter 33
Chapter 34
Chapter 10 →
All chapters:
1
2
3
4
5
6
7
8
9
10
11
12
13
14
15
16
17
18
19
20
21
22
23
24
25
26
27
28
29
30
31
32
33
34