bible
ra
🌐 Language
English
Español
Français
Deutsch
Português
Italiano
Nederlands
Русский
中文
日本語
한국어
العربية
Türkçe
Tiếng Việt
ไทย
Indonesia
All Languages
Home
/
Uyghur
/
Uyghur Arabic 2005 (ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى)
/
Genesis 23
Genesis 23
Uyghur Arabic 2005 (ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى)
← Chapter 22
Jump to:
Chapter 1
Chapter 2
Chapter 3
Chapter 4
Chapter 5
Chapter 6
Chapter 7
Chapter 8
Chapter 9
Chapter 10
Chapter 11
Chapter 12
Chapter 13
Chapter 14
Chapter 15
Chapter 16
Chapter 17
Chapter 18
Chapter 19
Chapter 20
Chapter 21
Chapter 22
Chapter 23
Chapter 24
Chapter 25
Chapter 26
Chapter 27
Chapter 28
Chapter 29
Chapter 30
Chapter 31
Chapter 32
Chapter 33
Chapter 34
Chapter 35
Chapter 36
Chapter 37
Chapter 38
Chapter 39
Chapter 40
Chapter 41
Chapter 42
Chapter 43
Chapter 44
Chapter 45
Chapter 46
Chapter 47
Chapter 48
Chapter 49
Chapter 50
Chapter 24 →
1
سارە 127 ياش ئۆمۈر كۆردى.
2
ئۇ كەنئاننىڭ قىريات-ئاربا، يەنى ھىبرون دېگەن جايىدا ئالەمدىن ئۆتتى. ئىبراھىم ئۇنىڭغا ھەسرەت بىلەن يىغا-زار قىلدى.
3
ئىبراھىم ئايالىنىڭ مېيىتىنىڭ يېنىدىن چىقىپ، خىتلارنىڭ يېنىغا باردى ۋە ئۇلارغا:
4
_ مەن سىلەرنىڭ ئاراڭلاردا ياشاۋاتقان ياقا يۇرتلۇق مۇساپىرمەن. ئايالىمنى دەپنە قىلىش ئۈچۈن ماڭا بىر پارچە يەر سېتىپ بەرسەڭلار، _ دېدى.
5
ئۇلار ئىبراھىمغا: _ جانابلىرى، قۇلاق سالسىلا! سىلى بىزنىڭ نەزىرىمىزدە ھۆرمەتكە سازاۋەر بىر ئادەم، ئاياللىرىنى ئەڭ ياخشى يەرلىكلىرىمىزدىن بىرىگە دەپنە قىلغايلا. ھېچقايسىمىز سىلىدىن قەبرىلىك يەر ئايىمايمىز، _ دېدى.
7
ئىبراھىم ئۇلارغا تەزىم قىلىپ:
8
_ ئەگەر سىلەر ئايالىمنى بۇ يەرگە دەپنە قىلىشىمغا رازى بولساڭلار، زوخارنىڭ ئوغلى ئەفروندىن
9
ماكپېلا دېگەن يەردىكى ئۆڭكۈرىنى ماڭا سېتىپ بېرىشىنى تەلەپ قىلساڭلار. ئۇ ئۆڭكۈر ئۇنىڭ ئېتىزىنىڭ چېتىدە. ئۇ سىلەرنىڭ ئالدىڭلاردا ئۆڭكۈرگە باھا قويۇپ بەرسە، ئۇ ئۆڭكۈرنى سېتىۋېلىپ ئائىلەمگە قەبرىستانلىق قىلاي دەيمەن، _ دېدى.
10
شۇ چاغدا ئەفرون باشقا خىتلار بىلەن بىرگە شەھەر دەرۋازىسىنىڭ ئالدىدا ئولتۇراتتى. ئۇ كۆپچىلىكنىڭ ئالدىدا:
11
_ جانابلىرى، قۇلاق سالغايلا، مەن ئېتىزىمنى ئۆڭكۈر بىلەن قوشۇپ سىلىگە بېرەي. كۆپچىلىك ئالدىدا ئۇنى سىلىگە سوۋغا قىلاي. ئاياللىرىنى ئۇ يەرگە دەپنە قىلغايلا، _ دېدى.
12
لېكىن ئىبراھىم ئولتۇرغان ھەممە خىتلارغا تەزىم قىلىپ،
13
ھەممە ئادەمگە ئاڭلىتىپ تۇرۇپ، ئەفرونغا: _ سۆزۈمگە قۇلاق سېلىپ، پۇلۇمنى قوبۇل قىلىپ، ئايالىمنى ئۇ يەرگە دەپنە قىلىشقا رۇخسەت قىلغايلا، _ دېدى.
14
ئەفرون جاۋاب قايتۇرۇپ:
15
_ جانابلىرى، ئۇ يەر ئاران 400 كۈمۈش تەڭگىگە ئەرزىيدۇ. بۇ سىلى بىلەن مېنىڭ ئارامدا قانچىلىك بىر ئىش ئىدى. ئاياللىرىنى ئۇ يەرگە دەپنە قىلىۋەرگەيلا، _ دېدى.
16
ئىبراھىم ئەفروننىڭ كۆپچىلىكنىڭ ئالدىدا ئېيتقىنى بويىچە ئۇنىڭغا يەرلىكلەرنىڭ ئۆلچەم بىرلىكى بويىچە 400 كۈمۈش تەڭگە تۆلەپ بەردى.
17
شۇنداق قىلىپ، ئەفرون مامرەنىڭ شەرقىي تەرىپىگە جايلاشقان ماكپېلادىكى ئۇ يەرنى ئىبراھىمنىڭ ئىگىدارچىلىقىغا ئۆتكۈزۈپ بەردى. ئۇ يەر ئېتىز، ئۆڭكۈر ۋە ئېتىز قىرىدىكى دەل-دەرەخلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالاتتى.
18
شەھەر دەرۋازىسىنىڭ ئالدىغا توپلانغان خىتلارنىڭ ھەممىسى بۇ يەرنىڭ ئەمدى ئىبراھىمغا مەنسۇپ بولغانلىقىغا گۇۋاھ بولدى.
19
شۇنداق قىلىپ، ئىبراھىم ئايالى سارەنى كەنئاننىڭ ماكپېلا دېگەن يېرىدىكى ئاشۇ ئۆڭكۈرگە دەپنە قىلدى.
20
خىتلارغا مەنسۇپ بولغان بۇ ئېتىز ۋە ئېتىزلىقتىكى ئۆڭكۈر ئەمدى ئىبراھىمنىڭ قەبرىستانلىقى بولۇپ، ئۇنىڭ خۇسۇسىي مۈلكىگە ئايلانغانىدى.
← Chapter 22
Jump to:
Chapter 1
Chapter 2
Chapter 3
Chapter 4
Chapter 5
Chapter 6
Chapter 7
Chapter 8
Chapter 9
Chapter 10
Chapter 11
Chapter 12
Chapter 13
Chapter 14
Chapter 15
Chapter 16
Chapter 17
Chapter 18
Chapter 19
Chapter 20
Chapter 21
Chapter 22
Chapter 23
Chapter 24
Chapter 25
Chapter 26
Chapter 27
Chapter 28
Chapter 29
Chapter 30
Chapter 31
Chapter 32
Chapter 33
Chapter 34
Chapter 35
Chapter 36
Chapter 37
Chapter 38
Chapter 39
Chapter 40
Chapter 41
Chapter 42
Chapter 43
Chapter 44
Chapter 45
Chapter 46
Chapter 47
Chapter 48
Chapter 49
Chapter 50
Chapter 24 →
All chapters:
1
2
3
4
5
6
7
8
9
10
11
12
13
14
15
16
17
18
19
20
21
22
23
24
25
26
27
28
29
30
31
32
33
34
35
36
37
38
39
40
41
42
43
44
45
46
47
48
49
50