bible
ra
🌐 Language
English
Español
Français
Deutsch
Português
Italiano
Nederlands
Русский
中文
日本語
한국어
العربية
Türkçe
Tiếng Việt
ไทย
Indonesia
All Languages
Home
/
Uyghur
/
Uyghur Arabic 2005 (ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى)
/
Genesis 32
Genesis 32
Uyghur Arabic 2005 (ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى)
← Chapter 31
Jump to:
Chapter 1
Chapter 2
Chapter 3
Chapter 4
Chapter 5
Chapter 6
Chapter 7
Chapter 8
Chapter 9
Chapter 10
Chapter 11
Chapter 12
Chapter 13
Chapter 14
Chapter 15
Chapter 16
Chapter 17
Chapter 18
Chapter 19
Chapter 20
Chapter 21
Chapter 22
Chapter 23
Chapter 24
Chapter 25
Chapter 26
Chapter 27
Chapter 28
Chapter 29
Chapter 30
Chapter 31
Chapter 32
Chapter 33
Chapter 34
Chapter 35
Chapter 36
Chapter 37
Chapter 38
Chapter 39
Chapter 40
Chapter 41
Chapter 42
Chapter 43
Chapter 44
Chapter 45
Chapter 46
Chapter 47
Chapter 48
Chapter 49
Chapter 50
Chapter 33 →
1
ياقۇپ سەپىرىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقاندا، يول ئۈستىدە ئۇنىڭغا خۇدانىڭ پەرىشتىلىرى ئۇچرىدى.
2
ياقۇپ ئۇلارنى كۆرۈپ: «بۇ يەر خۇدانىڭ دەرگاھى ئىكەن!» دېدى ۋە ئۇ جاينىڭ ئىسمىنى ماخانايىم [مەنىسى «ئىككى دەرگاھ»] دەپ ئاتىدى.
3
ياقۇپنىڭ ئاكىسى ئەساۋ ئىدوم، يەنى سەئىر رايونىدا تۇرۇۋاتاتتى. ياقۇپ ئاكىسى ئەساۋنىڭ ئالدىغا ئادەملىرىنى ئەۋەتىپ،
4
ئۇنىڭغا مۇنداق دېيىشنى بۇيرۇدى: «كەمىنىلىرى ياقۇپ تا ھازىرغىچە لاباننىڭ يېنىدا تۇرغانىدىم، ئەمدى قايتىپ كەلدىم.
5
مېنىڭ ھازىر كالا، ئېشەك، قوي، ئۆچكە، قۇل ۋە دېدەكلىرىم بار بولدى. مەن مەرھەمەتلىرىگە ئېرىشىش ئۈچۈن ئالدىلىرىغا ئادەملىرىمنى ئەۋەتتىم!»
6
ياقۇپنىڭ ئادەملىرى قايتىپ كېلىپ، ئۇنىڭغا: _ بىز ئاكىڭىز ئەساۋ بىلەن كۆرۈشتۇق. ئۇ تۆت يۈز ئادەمنى ئېلىپ، سىز بىلەن كۆرۈشكىلى يولغا چىقتى، _ دېدى.
7
ياقۇپ قورقۇنچ ۋە تەشۋىش ئىچىدە ئۆز ئادەملىرىنى ئىككى توپقا بۆلدى ھەمدە قوي، ئۆچكە، كالا ۋە تۆگىلىرىنىمۇ ئىككىگە ئايرىدى.
8
چۈنكى ئۇ: «ئەگەر ئەساۋنىڭ ئادەملىرى بىر توپقا ھۇجۇم قىلسا، يەنە بىر توپ قېچىپ قۇتۇلۇپ قالار» دەپ ئويلىغانىدى.
9
ياقۇپ مۇنداق دۇئا قىلدى: _ ئى بوۋام ئىبراھىم بىلەن ئاتام ئىسھاق ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇدا، دۇئايىمغا قۇلاق سالغايسەن! ئى پەرۋەردىگار، سەن مېنى يۇرتۇمغا ھەمدە تۇغقانلىرىمنىڭ يېنىغا قايتىشقا بۇيرۇغان ۋە ھەممە ئىشلىرىمنى ئوڭ قىلىپ بېرىدىغانلىقىڭنى ئېيتقانىدىڭ.
10
مەن سېنىڭ مەندەك بىر خىزمەتكارىڭغا كۆرسەتكەن بارلىق مېھرىبانلىقىڭ ۋە سەمىمىيىتىڭگە لايىق ئەمەسمەن. بۇرۇن مەن ئىئوردان دەرياسىدىن ئۆتكىنىمدە، قولۇمدا پەقەت بىرلا ھاسا بار ئىدى. ئەمدى بۇ ئىككى توپ كىشىنى باشلاپ قايتىۋاتىمەن.
11
مېنى ئاكام ئەساۋنىڭ قولىدىن قۇتقۇزغايسەن. مەن ئۇنىڭ مېنى، ھەتتا خوتۇن، بالا-چاقىلىرىمنىمۇ ئۆلتۈرۈۋېتىشىدىن قورقىمەن.
12
ھەممە ئىشلىرىمنى ئاسان قىلىدىغانلىقىڭ ۋە ماڭا دېڭىز ساھىلىدىكى قۇمدەك سان-ساناقسىز ئەۋلاد بېرىدىغانلىقىڭ ھەققىدە قىلغان ۋەدەڭنى ئېسىڭدە تۇتقايسەن.
13
ياقۇپ ئۇ يەردە بىر كېچە قونۇپ، ئۆزىنىڭ مال-مۈلكىنىڭ بىر قىسمىنى، يەنى 200 ئۆچكە، 20 تېكە، 200 ساغلىق قوي، 20 قوچقار، بوتىلاقلىرى بىلەن قوشۇپ 30 چىشى تۆگە، 40 ئىنەك، 10 بۇقا، 20 مادا ئېشەك ۋە 10 ھاڭگا ئېشەكنى ئاكىسى ئەساۋغا سوۋغا قىلىش ئۈچۈن تاللىدى.
16
ئۇ بۇ ماللارنى ئايرىم-ئايرىم پادا قىلىپ، ھەربىر توپ پادىغا ئايرىم پادىچى تەيىنلەپ، ئۇلارغا: _ سىلەر ئالدىمدا مېڭىۋېرىڭلار. ھەربىر توپ پادىنىڭ ئارىسىغا بەلگىلىك ئارىلىق قويۇپ ھەيدەڭلار، _ دېدى.
17
ئۇ يول باشلاپ ماڭغان خىزمەتكارىغا: _ ئاكام ئەساۋ ساڭا ئۇچراپ، سەندىن: «خوجايىنىڭ كىم، قەيەرگە بارىسەن، سەن ھەيدەپ كېتىۋاتقان بۇ ماللار كىمنىڭ؟» دەپ سورىسا،
18
سەن: «بۇلار خىزمەتكارىڭىز ياقۇپنىڭ ماللىرى بولۇپ، خوجايىنى ئەساۋغا قىلغان سوۋغىتىدۇر. ئۆزى كەينىمىزدە كېلىۋاتىدۇ» دەپ جاۋاب بەرگىن، _ دېدى.
19
ئۇ ئىككىنچى ۋە ئۈچىنچى توپنىڭ يېتەكچىلىرىگە ۋە باشقىلارغا: _ سىلەر ئەساۋغا ئۇچرىغاندا: «خىزمەتكارىڭىز ياقۇپ كەينىمىزدە كېلىۋاتىدۇ» دەڭلار، _ دەپ بۇيرۇدى. ياقۇپ ئىچىدە: «بىز كۆرۈشكەندە، بۇ سوۋغاتلار بىلەن ئۇنىڭ ئاچچىقىنى ياندۇرسام، بەلكىم ئۇ مېنى كەچۈرۈۋېتەر» دەپ ئويلىدى.
21
شۇنىڭ بىلەن ئۇ سوۋغاتلارنى ئالدىن يولغا سېلىۋېتىپ، كېچىنى شۇ يەردە ئۆتكۈزدى.
22
شۇ كۈنى كېچىدە ياقۇپ ئورنىدىن تۇرۇپ، ئىككى ئايالى، ئىككى توقىلى ۋە 11 پەرزەنتىنى ئېلىپ، ياببوق دەرياسىدىن ئۆتتى.
23
ئۇلارنى دەريادىن ئۆتكۈزۈپ بولغاندىن كېيىن، ھەممە تەئەللۇقاتلىرىنىمۇ قارشى تەرەپكە ئۆتكۈزۈۋەتتى.
24
ئۆزى بۇ تەرەپتە يالغۇز قالدى. ئۇ شۇ يەردە بىر كىشى بىلەن تاڭ ئاتقۇچە چېلىشتى.
25
ئۇ كىشى ياقۇپتىن ئۈستۈن كېلەلمەيدىغانلىقىغا كۆزى يېتىپ، ئۇنىڭ ساغرىسىغا ئۇرۇپ قويدى. شۇنىڭ بىلەن ياقۇپنىڭ سۆڭگىچى ئورنىدىن چىقىپ كەتتى.
26
ئۇ كىشى: _ تاڭ ئاتاي دەپ قالدى، مېنى قويۇپ بەر! _ دېدى. _ سەن ماڭا بەخت ئاتا قىلمىغۇچە، قويۇپ بەرمەيمەن، _ دېدى ياقۇپ.
27
ئۇ كىشى ياقۇپتىن: _ ئىسمىڭ نېمە؟ _ دەپ سورىدى. _ ئىسمىم ياقۇپ، _ دېدى.
28
ھېلىقى كىشى يەنە: _ بۇنىڭدىن كېيىن ئىسمىڭ ياقۇپ ئەمەس، ئىسرائىل [مەنىسى «خۇدا بىلەن چېلىشتى»] بولسۇن. چۈنكى سەن خۇدا بىلەنمۇ ھەم ئىنسانلار بىلەنمۇ چېلىشىپ، ئۇلاردىن ئۈستۈن كەلدىڭ، _ دېدى.
29
ياقۇپ ئۇنىڭدىن: _ ئېيتقىن، ئىسمىڭ نېمە؟ _ دەپ سورىدى. ھېلىقى كىشى: _ نېمىشقا ئىسمىمنى سورايسەن، _ دېدى ۋە ياقۇپقا بەخت ئاتا قىلدى.
30
ياقۇپ ئىچىدە: _ مەن خۇدا بىلەن يۈزمۇيۈز كۆرۈشكەن بولساممۇ، جېنىم ساق قالدى! _ دېدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ بۇ يەرنىڭ نامىنى پىنىئەل [مەنىسى «خۇدانىڭ يۈزى»] دەپ ئاتىدى.
31
ياقۇپ پىنىئەلدىن يولغا چىققاندا، كۈن چىققانىدى. ئۇنىڭ سۆڭگىچى ئورنىدىن چىقىپ كەتكەچكە، ئاقساپ ماڭاتتى.
32
خۇدا ياقۇپنىڭ ساغرىسىغا تەگكەنلىكى ئۈچۈن، ئىسرائىللار تا بۈگۈنگىچە ھايۋانلارنىڭ ساغرىسىنىڭ پېيىنى يېمەيدۇ.
← Chapter 31
Jump to:
Chapter 1
Chapter 2
Chapter 3
Chapter 4
Chapter 5
Chapter 6
Chapter 7
Chapter 8
Chapter 9
Chapter 10
Chapter 11
Chapter 12
Chapter 13
Chapter 14
Chapter 15
Chapter 16
Chapter 17
Chapter 18
Chapter 19
Chapter 20
Chapter 21
Chapter 22
Chapter 23
Chapter 24
Chapter 25
Chapter 26
Chapter 27
Chapter 28
Chapter 29
Chapter 30
Chapter 31
Chapter 32
Chapter 33
Chapter 34
Chapter 35
Chapter 36
Chapter 37
Chapter 38
Chapter 39
Chapter 40
Chapter 41
Chapter 42
Chapter 43
Chapter 44
Chapter 45
Chapter 46
Chapter 47
Chapter 48
Chapter 49
Chapter 50
Chapter 33 →
All chapters:
1
2
3
4
5
6
7
8
9
10
11
12
13
14
15
16
17
18
19
20
21
22
23
24
25
26
27
28
29
30
31
32
33
34
35
36
37
38
39
40
41
42
43
44
45
46
47
48
49
50