bible
ra
🌐 Language
English
Español
Français
Deutsch
Português
Italiano
Nederlands
Русский
中文
日本語
한국어
العربية
Türkçe
Tiếng Việt
ไทย
Indonesia
All Languages
Home
/
Uyghur
/
Uyghur Arabic 2005 (ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى)
/
Genesis 46
Genesis 46
Uyghur Arabic 2005 (ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى)
← Chapter 45
Jump to:
Chapter 1
Chapter 2
Chapter 3
Chapter 4
Chapter 5
Chapter 6
Chapter 7
Chapter 8
Chapter 9
Chapter 10
Chapter 11
Chapter 12
Chapter 13
Chapter 14
Chapter 15
Chapter 16
Chapter 17
Chapter 18
Chapter 19
Chapter 20
Chapter 21
Chapter 22
Chapter 23
Chapter 24
Chapter 25
Chapter 26
Chapter 27
Chapter 28
Chapter 29
Chapter 30
Chapter 31
Chapter 32
Chapter 33
Chapter 34
Chapter 35
Chapter 36
Chapter 37
Chapter 38
Chapter 39
Chapter 40
Chapter 41
Chapter 42
Chapter 43
Chapter 44
Chapter 45
Chapter 46
Chapter 47
Chapter 48
Chapter 49
Chapter 50
Chapter 47 →
1
ياقۇپ پۈتۈن مال-مۈلۈكلىرىنى يىغىشتۇرۇپ، بەئەرشەباغا كېلىپ، ئۇ يەردە ئاتىسى ئىسھاق ئېتىقاد قىلغان خۇداغا ئاتاپ قۇربانلىق قىلدى.
2
شۇ كېچىسى ئۇنىڭغا بىر غايىبانە ئالامەت كۆرۈنۈپ، خۇدا: _ ياقۇپ، ياقۇپ! _ دەپ چاقىردى. _ لەببەي، _ دەپ جاۋاب بەردى ياقۇپ.
3
خۇدا ئۇنىڭغا: _ مەن خۇدا، سېنىڭ ئاتاڭ ئېتىقاد قىلغان خۇدادۇرمەن. سەن مىسىرغا بېرىشتىن قورقما. چۈنكى مەن ئۇ يەردە سېنىڭ ئەۋلادلىرىڭنى ئۇلۇغ بىر خەلق قىلىمەن.
4
مەن ساڭا مىسىردا يار بولىمەن ۋە كېيىن ئەۋلادلىرىڭنى بۇ زېمىنغا چوقۇم قايتۇرۇپ كېلىمەن. سەن ئالەمدىن ئۆتكەندە، يۈسۈپ يېنىڭدا بولىدۇ، _ دېدى.
5
ياقۇپ بەئەرشەبادىن يولغا چىقتى. ئۇنىڭ ئوغۇللىرى ئاتىسى ياقۇپنى ۋە ئۆزلىرىنىڭ خوتۇن-بالىلىرىنى پىرئەۋن ئەۋەتكەن ھارۋىلارغا ئولتۇرغۇزۇپ،
6
كەنئاندىكى چارۋىلىرى ۋە مال-مۈلۈكلىرىنى ئېلىپ، مىسىرغا قاراپ ماڭدى. شۇنداق قىلىپ، ياقۇپ ۋە ئۇنىڭ پۈتۈن ئەۋلادلىرى،
7
يەنى ئوغۇل-قىزلىرى ۋە ئوغۇل-قىز نەۋرىلىرىمۇ مىسىرغا بىرگە كەلدى.
8
ئىسرائىل، يەنى ياقۇپنىڭ مىسىرغا بىرلىكتە كەلگەن ئەۋلادلىرىنىڭ ئىسىملىكى تۆۋەندىكىچە: ياقۇپنىڭ چوڭ ئوغلى رۇبېن
9
ۋە ئۇنىڭ خانوك، پاللۇ خەزرون ۋە كارمى قاتارلىق ئوغۇللىرى،
10
شىمون ۋە ئۇنىڭ يىمۇئېل، يامىن، ئوھاد، ياكىن، زوخار، شۇنداقلا كەنئانلىق ئايالىدىن بولغان شائۇل قاتارلىق ئوغۇللىرى،
11
لاۋىي ۋە ئۇنىڭ گېرشوم، قوھات ۋە مىرارى قاتارلىق ئوغۇللىرى،
12
يەھۇدا ۋە ئۇنىڭ شېلاھ، پەرەس، زەراخ قاتارلىق ئوغۇللىرى، (يەھۇدانىڭ يەنە ئېر ۋە ئونان ئىسىملىك ئوغۇللىرى بولۇپ، ئۇلار كەنئاندا ئۆلۈپ كەتكەنىدى.) پەرەس ۋە ئۇنىڭ خەزرون، خامۇل قاتارلىق ئوغۇللىرى،
13
ئىسساكار ۋە ئۇنىڭ تولاھ، پۇۋاھ، يوب ۋە شىمرون قاتارلىق ئوغۇللىرى،
14
زەبۇلۇن ۋە ئۇنىڭ سەرەد، ئېلون، ياخلىئېل قاتارلىق ئوغۇللىرى.
15
يۇقىرىدىكىلەر پاددان-ئاررامدا ياقۇپ بىلەن ئايالى لېياھتىن تارالغان ئەۋلادلار بولۇپ، قىزى دىنانى قوشقاندا، جەمئىي 33 نەپەر ئىدى.
16
گاد ۋە ئۇنىڭ زىفيون، خاگگى، شۇنىي، ئەزبون، ئەرى، ئارودى ۋە ئارئېلى قاتارلىق ئوغۇللىرى،
17
ئاشېر ۋە ئۇنىڭ يىمناھ، يىشۋاھ، يىشۋى، بىرىئا قاتارلىق ئوغۇللىرى، قىزى سەراخ ۋە بىرىئاانىڭ خەبەر ۋە مالكىئېل قاتارلىق ئوغۇللىرى.
18
يۇقىرىدىكىلەر لابان قىزى لېياھقا دېدەك قىلىپ بەرگەن زىلپا بىلەن ياقۇپتىن تارالغان ئەۋلادلار بولۇپ، ئۇلار جەمئىي 16 نەپەر ئىدى.
19
ئايالى راھىلە ياقۇپقا ئىككى ئوغۇل تۇغۇپ بەرگەن بولۇپ، ئۇلار يۈسۈپ بىلەن بىنيامىن ئىدى.
20
يۈسۈپ مىسىردا ئون دېگەن شەھەرنىڭ روھانىيسى پوتىفېرانىڭ قىزى ئاسىناتتىن ماناسسە ۋە ئەفرايىم ئىسىملىك ئىككى ئوغۇل كۆرگەنىدى.
21
بىنيامىننىڭ بەلا، بەكەر، ئاشبېل، گېرا، نائامان، ئېخى، روش، مۇپپىم، خۇپپىم ۋە ئارىد قاتارلىق ئوغۇللىرى بار ئىدى.
22
يۇقىرىدىكىلەر راھىلە بىلەن ياقۇپتىن تارالغان ئەۋلادلار بولۇپ، جەمئىي 14 نەپەر ئىدى.
23
داننىڭ خۇشىم ئىسىملىك بىر ئوغلى،
24
نافتالىنىڭ ياخزىئېل، گۇنى، يېزەر ۋە شىللېم قاتارلىق ئوغۇللىرى بار ئىدى.
25
يۇقىرىدىكىلەر لابان قىزى راھىلەگە دېدەك قىلىپ بەرگەن بىلھاھ بىلەن ياقۇپتىن تارالغان ئەۋلادلار بولۇپ، جەمئىي 7 نەپەر ئىدى.
26
دېمەك، ياقۇپنىڭ كېلىنلىرىنى ھېسابقا ئالمىغاندا، ياقۇپ بىلەن بىرگە مىسىرغا بارغان ئۇنىڭ ئەۋلادلىرى جەمئىي 66 كىشى ئىدى.
27
يۈسۈپنىڭ مىسىردا كۆرگەن ئىككى ئوغلىنى قوشقاندا، ياقۇپ جەمەتىنىڭ مىسىردىكى سانى جەمئىي 70 كىشى بولدى.
28
ياقۇپ گوشەن رايونىغا بارىدىغان يولنى بىلىش ئۈچۈن يەھۇدانى يۈسۈپنىڭ ئالدىغا ئەۋەتكەنىدى. ئۇلار گوشەنگە كەلگەندە،
29
يۈسۈپ ۋەزىرلىك ھارۋىسىدا ئولتۇرۇپ، ئاتىسى ئىسرائىلنىڭ ئالدىغا باردى. يۈسۈپ ئاتىسىنى كۆرۈش بىلەنلا ئۇنى قۇچاقلاپ، ئۇزۇنغىچە يىغلىدى.
30
ئىسرائىل يۈسۈپكە: _ مەن سېنىڭ ھايات ئىكەنلىكىڭنى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆردۈم. ئەمدى ئۆلۈپ كەتسەممۇ ئارمىنىم يوق! _ دېدى.
31
يۈسۈپ قېرىنداشلىرىغا ۋە بارلىق ئائىلە ئەزالىرىغا مۇنداق دېدى: _ مەن پىرئەۋنگە سىلەرنىڭ كەنئاندىن بۇ يەرگە كەلگەنلىكىڭلارنى مەلۇم قىلاي.
32
ئۇنىڭغا سىلەرنىڭ چارۋىچى ئىكەنلىكىڭلارنى، چارۋا ۋە مال-مۈلكۈڭلارنى ئېلىپ كەلگەنلىكىڭلارنى ئېيتاي.
33
پىرئەۋن سىلەر بىلەن كۆرۈشۈپ، كەسپىڭلارنى سورىسا،
34
ئۇنىڭغا: «بىز كىچىكىمىزدىن تارتىپ چارۋىچىلىق قىلىپ كەلگەن، ئاتا-بوۋىلىرىمىزمۇ چارۋىچى ئىدى» دەڭلار. شۇنىڭ بىلەن ئۇ سىلەرنى ئۆز خەلقىدىن ئايرىپ، گوشەن رايونىغا ئورۇنلاشتۇرىدۇ، _ دېدى. يۈسۈپنىڭ بۇنداق دېيىشىدىكى سەۋەب، مىسىرلىقلار چارۋىچىلارنى پەقەت كۆزگە ئىلمايتتى.
← Chapter 45
Jump to:
Chapter 1
Chapter 2
Chapter 3
Chapter 4
Chapter 5
Chapter 6
Chapter 7
Chapter 8
Chapter 9
Chapter 10
Chapter 11
Chapter 12
Chapter 13
Chapter 14
Chapter 15
Chapter 16
Chapter 17
Chapter 18
Chapter 19
Chapter 20
Chapter 21
Chapter 22
Chapter 23
Chapter 24
Chapter 25
Chapter 26
Chapter 27
Chapter 28
Chapter 29
Chapter 30
Chapter 31
Chapter 32
Chapter 33
Chapter 34
Chapter 35
Chapter 36
Chapter 37
Chapter 38
Chapter 39
Chapter 40
Chapter 41
Chapter 42
Chapter 43
Chapter 44
Chapter 45
Chapter 46
Chapter 47
Chapter 48
Chapter 49
Chapter 50
Chapter 47 →
All chapters:
1
2
3
4
5
6
7
8
9
10
11
12
13
14
15
16
17
18
19
20
21
22
23
24
25
26
27
28
29
30
31
32
33
34
35
36
37
38
39
40
41
42
43
44
45
46
47
48
49
50