bible
ra
🌐 Language
English
Español
Français
Deutsch
Português
Italiano
Nederlands
Русский
中文
日本語
한국어
العربية
Türkçe
Tiếng Việt
ไทย
Indonesia
All Languages
Home
/
Uyghur
/
Uyghur Arabic 2005 (ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى)
/
Genesis 40
Genesis 40
Uyghur Arabic 2005 (ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى)
← Chapter 39
Jump to:
Chapter 1
Chapter 2
Chapter 3
Chapter 4
Chapter 5
Chapter 6
Chapter 7
Chapter 8
Chapter 9
Chapter 10
Chapter 11
Chapter 12
Chapter 13
Chapter 14
Chapter 15
Chapter 16
Chapter 17
Chapter 18
Chapter 19
Chapter 20
Chapter 21
Chapter 22
Chapter 23
Chapter 24
Chapter 25
Chapter 26
Chapter 27
Chapter 28
Chapter 29
Chapter 30
Chapter 31
Chapter 32
Chapter 33
Chapter 34
Chapter 35
Chapter 36
Chapter 37
Chapter 38
Chapter 39
Chapter 40
Chapter 41
Chapter 42
Chapter 43
Chapter 44
Chapter 45
Chapter 46
Chapter 47
Chapter 48
Chapter 49
Chapter 50
Chapter 41 →
1
مەلۇم مەزگىل ئۆتكەندىن كېيىن، ئوردىنىڭ باش ساقىيى بىلەن باش ناۋىيى مىسىر پادىشاھى، يەنى پىرئەۋننىڭ ئالدىدا خاتالىق ئۆتكۈزدى.
2
پىرئەۋن غەزەپلىنىپ،
3
بۇ ئىككى يۇقىرى ئەمەلدارنى ياساۋۇل مەھكىمىسىدىكى زىندانغا، يەنى يۈسۈپ قامالغان زىندانغا قامىدى.
4
ئۇلار زىنداندا بىرمەزگىل ياتتى. ياساۋۇل بېگى يۈسۈپنى بۇ ئىككى ئەمەلدارنى كۈتۈشكە ئورۇنلاشتۇردى.
5
بىر كۈنى كېچىدە باش ساقىي بىلەن باش ناۋاي چۈش كۆردى. ئىككىيلەننىڭ كۆرگەن چۈشلىرىنىڭ مەنىسى ئوخشىمايتتى.
6
ئەتىسى ئەتىگەندە يۈسۈپ ئۇلارنى يوقلاپ كىرگىنىدە، ئۇلارنىڭ كۆڭلىنىڭ بىئاراملىقىنى كۆردى.
7
ئۇ ئۇلاردىن: _ سىلەر بۈگۈن نېمانچىلا پەرىشان؟ _ دەپ سورىدى.
8
ئۇلار: _ ئىككىمىز ئاخشام چۈش كۆردۇق. لېكىن چۈشىمىزنىڭ مەنىسىنى يېشىپ بېرىدىغان ئادەم يوق، _ دەپ جاۋاب بېرىشتى. يۈسۈپ ئۇلارغا: _ چۈشكە تەبىر بېرىش قابىلىيىتى خۇدادىن كېلىدۇ. چۈشۈڭلارنى ماڭا ئېيتىپ بېرىڭلار، _ دېدى.
9
شۇنىڭ بىلەن باش ساقىي چۈشىنى ئېيتىپ بەردى: _ چۈشۈمدە ئالدىمدا بىر تۈپ ئۈزۈم كۆچىتى تۇرۇپتىمىش.
10
كۆچەتتە ئۈچ تال يۇمران شاخ بولۇپ، ئۇلار بىخلاپ، چېچەكلەپ، ئۈزۈم چۈشۈپ، ئۈزۈم پىشىپتىمىش.
11
قولۇمدا پىرئەۋننىڭ شاراب جامى بولۇپ، مەن ئۈزۈملەرنى ئۈزۈپ، شىرنىسىنى جامغا سىقىپ، جامنى پىرئەۋنگە سۇنۇپتىمىشمەن.
12
يۈسۈپ مۇنداق دېدى: _ بۇ چۈشنىڭ مەنىسى مۇنداق: ئۈچ يۇمران شاخ ئۈچ كۈننى كۆرسىتىدۇ.
13
ئۈچ كۈن ئىچىدە پىرئەۋن سىزگە كەڭچىلىك قىلىپ، ئەسلى مەنسىپىڭىزنى بېرىدىكەن. سىز پىرئەۋنگە بۇرۇن باش ساقىي بولغان ۋاقتىڭىزدىكىدەك يەنە شاراب تۇتىدىكەنسىز.
14
ئەمما ئىشلىرىڭىز ئوڭۇشلۇق بولغاندا، مېنى ئۇنتۇپ قالماي، ماڭا ھېسداشلىق قىلغايسىز. پىرئەۋن ئالدىدا مەن ئۈچۈن گەپ قىلىپ، زىنداندىن چىقىشىمغا ياردەم قىلغايسىز.
15
مەن ئەسلىدە ئىبرانىيمەن، يۇرتۇمدىن ناھەق تۇتۇپ كېلىنگەنمەن. مىسىردىمۇ مېنى زىندانغا تاشلىغۇدەك بىرەر يامان ئىش قىلغىنىم يوق.
16
باش ساقىينىڭ چۈشىگە ياخشى تەبىر بەرگەنلىكىنى كۆرگەن باش ناۋاي يۈسۈپكە مۇنداق دېدى: _ مەنمۇ بىر چۈش كۆرۈپتىمەن. چۈشۈمدە بېشىمدا ئۈچ سېۋەتتە نان بارمىش.
17
ئەڭ ئۈستىدىكى سېۋەتتە ھەر خىل ئۇندا پىشۇرۇلغان پىرئەۋن يەيدىغان نانلار بارمىش. لېكىن ئۇلارنى ئۇچار قاناتلار يەۋاتقۇدەكمىش.
18
يۈسۈپ مۇنداق دېدى: _ بۇ چۈشنىڭ مەنىسى مۇنداق: ئۈچ سېۋەت ئۈچ كۈننى كۆرسىتىدۇ.
19
ئۈچ كۈن ئىچىدە پىرئەۋن كاللىڭىزنى ئېلىپ، جەسىتىڭىزنى ياغاچقا سانجىپ قويىدىكەن، تېنىڭىز قاغا-قۇزغۇنلارغا يەم بولىدىكەن.
20
ئۈچىنچى كۈنى پىرئەۋننىڭ تۇغۇلغان كۈنى بولۇپ، پىرئەۋن ئۆز ئەمەلدارلىرىغا زىياپەت بەردى. ئۇ باش ساقىي بىلەن باش ناۋاينى زىنداندىن چىقارتىپ، ئەمەلدارلارنىڭ ئالدىغا كەلتۈردى.
21
ئۇ باش ساقىينىڭ مەنسىپىنى ئەسلىگە كەلتۈردى،
22
باش ناۋاينى ئۆلتۈرگۈزۈپ، جەسىتىنى خادىغا سانجىتىپ قويدى. بۇ ئىشلار دەل يۈسۈپنىڭ تەبىرىدەك بولۇپ چىقتى.
23
لېكىن باش ساقىي يۈسۈپنى ئېسىدىن چىقىرىپ، ئۇنى پۈتۈنلەي ئۇنتۇپ كەتتى.
← Chapter 39
Jump to:
Chapter 1
Chapter 2
Chapter 3
Chapter 4
Chapter 5
Chapter 6
Chapter 7
Chapter 8
Chapter 9
Chapter 10
Chapter 11
Chapter 12
Chapter 13
Chapter 14
Chapter 15
Chapter 16
Chapter 17
Chapter 18
Chapter 19
Chapter 20
Chapter 21
Chapter 22
Chapter 23
Chapter 24
Chapter 25
Chapter 26
Chapter 27
Chapter 28
Chapter 29
Chapter 30
Chapter 31
Chapter 32
Chapter 33
Chapter 34
Chapter 35
Chapter 36
Chapter 37
Chapter 38
Chapter 39
Chapter 40
Chapter 41
Chapter 42
Chapter 43
Chapter 44
Chapter 45
Chapter 46
Chapter 47
Chapter 48
Chapter 49
Chapter 50
Chapter 41 →
All chapters:
1
2
3
4
5
6
7
8
9
10
11
12
13
14
15
16
17
18
19
20
21
22
23
24
25
26
27
28
29
30
31
32
33
34
35
36
37
38
39
40
41
42
43
44
45
46
47
48
49
50