bible
ra
🌐 Language
English
Español
Français
Deutsch
Português
Italiano
Nederlands
Русский
中文
日本語
한국어
العربية
Türkçe
Tiếng Việt
ไทย
Indonesia
All Languages
Home
/
Uyghur
/
Uyghur Arabic 2005 (ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى)
/
Genesis 41
Genesis 41
Uyghur Arabic 2005 (ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى)
← Chapter 40
Jump to:
Chapter 1
Chapter 2
Chapter 3
Chapter 4
Chapter 5
Chapter 6
Chapter 7
Chapter 8
Chapter 9
Chapter 10
Chapter 11
Chapter 12
Chapter 13
Chapter 14
Chapter 15
Chapter 16
Chapter 17
Chapter 18
Chapter 19
Chapter 20
Chapter 21
Chapter 22
Chapter 23
Chapter 24
Chapter 25
Chapter 26
Chapter 27
Chapter 28
Chapter 29
Chapter 30
Chapter 31
Chapter 32
Chapter 33
Chapter 34
Chapter 35
Chapter 36
Chapter 37
Chapter 38
Chapter 39
Chapter 40
Chapter 41
Chapter 42
Chapter 43
Chapter 44
Chapter 45
Chapter 46
Chapter 47
Chapter 48
Chapter 49
Chapter 50
Chapter 42 →
1
ئىككى يىلدىن كېيىن پىرئەۋن مۇنداق بىر چۈش كۆردى. ئۇ چۈشىدە نىل دەرياسىنىڭ بويىدا تۇراتتى.
2
دەريادىن يەتتە تۇياق ساغلام ھەم سېمىز كالا چىقىپ، قىرغاقتىكى قومۇشلۇقتا ئوتلىدى.
3
ئارقىدىن كۆرۈمسىز ۋە ئورۇق يەتتە تۇياق كالا چىقىپ، قىرغاقتىكى ھېلىقى يەتتە كالىنىڭ يېنىغا باردى.
4
بۇ يەتتە كۆرۈمسىز ۋە ئورۇق كالا ھېلىقى يەتتە ساغلام ھەم سېمىز كالىنى يەۋەتتى. دەل شۇ چاغدا پىرئەۋن ئويغىنىپ كەتتى.
5
ئۇ قايتا ئۇيقۇغا كېتىپ، يەنە بىر چۈش كۆردى. ئۇ چۈشىدە بىر تۈپ بۇغداينىڭ تولۇق ۋە يېتىلگەن يەتتە دانە باشاق چىقارغانلىقىنى كۆردى.
6
ئۇنىڭدىن كېيىن ئاشۇ بىر تۈپ بۇغداينىڭ يەنە يەتتە دانە پۇچەك باشاق چىقارغانلىقىنى كۆردى. ئۇلار ئىسسىق شامالدا سولىشىپ قالدى.
7
كېيىن بۇ يەتتە دانە سولىشىپ قالغان پۇچەك باشاق ھېلىقى تولۇق يېتىلگەن يەتتە باشاقنى يۇتۇۋەتتى. دەل شۇ چاغدا پىرئەۋن ئويغىنىپ كەتتى. ئۇ ئۆزىنىڭ چۈش كۆرگەنلىكىنى بىلدى.
8
تاڭ ئاتقاندا، پىرئەۋن چۈشىدىن بىئارام بولدى. ئۇ مىسىردىكى بارلىق چۈشكە تەبىر بېرىدىغانلارنى ۋە دانىشمەنلەرنى چاقىرتىپ، چۈشلىرىنى ئۇلارغا ئېيتىپ بەردى. لېكىن ئۇنىڭ چۈشلىرىگە ھېچكىم تەبىر بېرەلمىدى.
9
شۇ چاغدا باش ساقىي پىرئەۋنگە مۇنداق دېدى: _ بۈگۈن مېنىڭ ئۆتكۈزگەن خاتالىقلىرىم ئېسىمگە كەلدى.
10
بىر قېتىم ئالىيلىرى بىزگە قاتتىق غەزەپلىنىپ، باش ناۋاي بىلەن مېنى ياساۋۇل مەھكىمىسىدىكى زىندانغا قامىتىپ قويغانىدىلە.
11
بىر كۈنى كېچىدە بىز ئىككىلىمىز چۈش كۆرۈپتۇق. كۆرگەن چۈشلىرىمىزنىڭ ئوخشىمىغان ئۆزىگە خاس مەنىسى بار ئىدى.
12
ئۇ چاغدا بىر ئىبرانىي ياش بىز بىلەن بىر زىنداندا ئىدى. ئۇ ئەسلىدە ياساۋۇل بېگىنىڭ خىزمەتكارى ئىكەن. ئىككىمىز چۈشىمىزنى ئۇنىڭغا ئېيتىپ بەرسەك، ئۇ چۈشىمىزگە تەبىر بەرگەنىدى.
13
نەتىجىدە، ئىشلار دەل ئۇنىڭ تەبىرىدەك بولۇپ چىقتى. ئالىيلىرى مېنىڭ مەنسىپىمنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، باش ناۋاينى دارغا ئاستىلا.
14
پىرئەۋن يۈسۈپنى چاقىرىپ كېلىشكە ئادەم ئەۋەتتى. ئۇلار دەرھال بېرىپ، ئۇنى زىنداندىن چىقىرىپ، چاچ-ساقاللىرىنى چۈشۈرتۈپ، كىيىملىرىنى يەڭگۈشلەپ، پىرئەۋننىڭ ئالدىغا ئېلىپ كەلدى.
15
پىرئەۋن ئۇنىڭغا: _ مەن بىر چۈش كۆرگەنىدىم، لېكىن چۈشۈمگە ھېچكىم تەبىر بېرەلمىدى. ئاڭلىشىمچە سەن چۈشكە تەبىر بېرەلەيدىكەنسەن، _ دېدى.
16
يۈسۈپ: _ ئالىيلىرى، مەن شەخسەن ئۆزۈم چۈشكە تەبىر بېرەلمەيمەن. لېكىن خۇدا ئۆزلىرىگە ياخشى تەبىر بېرىدۇ، _ دەپ جاۋاب بەردى.
17
پىرئەۋن مۇنداق دېدى: _ چۈشۈمدە مەن نىل دەرياسىنىڭ بويىدا تۇرۇپتىمىشمەن.
18
يەتتە تۇياق سېمىز ھەم ساغلام كالا دەريادىن چىقىپ، قىرغاقتىكى قومۇشلۇقتا ئوتلاشقا باشلىدى.
19
ئارقىدىن يەنە يەتتە تۇياق ئاۋاق، ئاجىز ۋە بەك كۆرۈمسىز كالا دەريادىن چىقتى. مەن بۇرۇن مىسىردا بۇنداق قورقۇنچلۇق كالىلارنى كۆرۈپ باقمىغانىدىم.
20
بۇ ئورۇق ۋە ئاۋاق كالىلار ھېلىقى سېمىز كالىلارنى يەۋەتتى.
21
لېكىن ئۇلار يەنىلا بۇرۇنقىدەك كۆرۈمسىز ئىدىكى، سېمىز كالىلارنى يەۋەتكەندەك تۇرقى يوق ئىدى. بۇ چاغدا مەن ئويغىنىپ كەتتىم.
22
كەينىدىن يەنە بىر چۈش كۆردۈم. چۈشۈمدە بىر تۈپ بۇغداي يەتتە دانە تولۇق ۋە يېتىلگەن باشاق چىقاردى.
23
ئۇنىڭدىن كېيىن ئاشۇ بىر تۈپ بۇغداي يەنە يەتتە دانە پۇچەك باشاق چىقاردى. ئۇلار ئىسسىق شامالدا سولىشىپ قالدى.
24
بۇ پۇچەك باشاقلار ھېلىقى تولۇق يېتىلگەن باشاقلارنى يۇتۇۋەتتى. مەن بۇ چۈشۈمنى چۈشكە تەبىر بەرگۈچىلەرگە ئېيتىپ بەرگەنىدىم، لېكىن ھېچكىم تەبىر بېرەلمىدى.
25
يۈسۈپ پىرئەۋنگە مۇنداق دېدى: _ بۇ ئىككى چۈشنىڭ مەنىسى بىردۇر. خۇدا ئۆزى قىلماقچى بولغان ئىشلارنى ئالىيلىرىغا ئالدىن بىلدۈرۈپتۇ.
26
يەتتە سېمىز كالا يەتتە يىلنى كۆرسىتىدۇ. تولۇق يېتىلگەن يەتتە باشاقمۇ يەتتە يىلنى كۆرسىتىدۇ. بۇ ئىككى چۈشنىڭ مەنىسى ئوخشاش.
27
كەينىدىن چىققان يەتتە ئورۇق ۋە كۆرۈمسىز كالا بىلەن ئىسسىق شامالدا سولىشىپ قالغان يەتتە پۇچەك باشاق بولسا يەتتە يىل قەھەتچىلىك بولىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.
28
دېمەك، كەمىنىلىرى ھېلى ئۆزلىرىگە دېگىنىمدەك، خۇدا ئۆزى قىلماقچى بولغان ئىشلاردىن ئالىيلىرىغا ئالدىن بېشارەت بېرىپتۇ.
29
پۈتكۈل مىسىردا مىسلى كۆرۈلمىگەن ھالدا يەتتە يىل باياشاتچىلىق بولىدۇ.
30
كەينىدىن يەتتە يىل قەھەتچىلىك يۈز بېرىپ، پۈتكۈل مىسىرنى ئاچارچىلىق قاپلايدۇ. كىشىلەر ئىلگىرىكى باياشات يىللارنى ئۇنتۇپ كېتىدۇ.
31
ئاچارچىلىق شۇنداق قاتتىق بولىدۇكى، كىشىلەر بۇرۇنقى باياشات يىللىرىنى قايتا ئېسىگە ئالالمايدۇ.
32
ئالىيلىرىنىڭ ئوخشاش ئىككى چۈش كۆرۈشلىرى خۇدانىڭ بۇ ئىشلارنى پات ئارىدا جەزمەن ئەمەلگە ئاشۇرىدىغانلىقىنىڭ بېشارىتىدۇر.
33
شۇنىڭ ئۈچۈن ئالىيلىرىنىڭ مەملىكەتنى ئىدارە قىلىشقا ئەقىل-پاراسەتلىك ۋە يىراقنى كۆرەر بىر كىشىنى قويۇشلىرىغا
34
ھەم ئەمەلدارلارنى تاللاپ، باياشات بولغان يەتتە يىلدا پۈتۈن مىسىردىكى ئاشلىقنىڭ بەشتىن بىرىنى يىغىۋېلىشلىرىغا تەكلىپ بېرىمەن.
35
ئۇلار ئالىيلىرىنىڭ نازارىتىدە مۇشۇ باياشات يىللاردا ئاشلىق توپلاپ، ھەرقايسى شەھەرلەردە ساقلىسۇن.
36
شۇندىلا كەينى-كەينىدىن كېلىدىغان يەتتە قەھەتچىلىك يىلىدا بۇ زاپاس ساقلانغان ئاشلىق بىلەن پۈتۈن خەلقنى تەمىنلەپ، خەلقنى ئاچ قېلىپ ئۆلۈپ كېتىشتىن ساقلاپ قالالايلا.
37
پىرئەۋن ۋە ئۇنىڭ ئەمەلدارلىرى يۈسۈپنىڭ بۇ تەكلىپىنى قوللاپ-قۇۋۋەتلىدى.
38
شۇنىڭ بىلەن پىرئەۋن ئەمەلدارلىرىغا: _ بىز بۇ ئىشنى باشقۇرۇشقا يۈسۈپتىنمۇ لايىق كىشىنى تاپالمايمىز. چۈنكى ئۇنىڭدا خۇدانىڭ روھى بار ئىكەن! _ دېدى.
39
ئاندىن پىرئەۋن يۈسۈپكە: _ خۇدا بۇ ئىشلارنى ساڭا ئۇقتۇرغانىكەن، سەن چوقۇم ھەممەيلەندىن ئەقىللىق ۋە يىراقنى كۆرەردۇرسەن.
40
مەن سېنى مەملىكىتىمنى ئىدارە قىلىشقا تەيىنلەيمەن. پۈتۈن خەلقىم سېنىڭ ئەمرىڭگە بويسۇنىدۇ. مەملىكىتىمدە پەقەت مېنىڭ ھوقۇقۇملا سەندىن يۇقىرى بولىدۇ.
41
ھازىردىن باشلاپ سېنى مىسىرنىڭ باش ۋەزىرلىكىگە تەيىنلىدىم، _ دېدى.
42
شۇنىڭ بىلەن پىرئەۋن ئۆز بارمىقىدىكى مۆھۈرلۈك ئۈزۈكنى چىقىرىپ، يۈسۈپنىڭ قولىغا سالدى ۋە ئۇچىسىغا ئېسىل زىغىر رەختتىن تىكىلگەن تون كىيدۈرۈپ، بوينىغا ئالتۇن زەنجىر ئېسىپ قويدى.
43
ئۇ يەنە يۈسۈپنى ئوردىنىڭ ۋەزىرلىك ھارۋىسىغا ئولتۇرغۇزدى. ھارۋىنىڭ ئالدىدا يول باشلاپ كېتىۋاتقان مۇھاپىزەتچىلەر يول بويىدىكى كىشىلەرنى ئۇنىڭغا تەزىم قىلىشقا بۇيرۇيدىغان بولدى. شۇنداق قىلىپ، يۈسۈپ باش ۋەزىرلىككە تەيىنلىنىپ، پۈتۈن مەملىكەتنى ئىدارە قىلدى.
44
پىرئەۋن يۈسۈپكە: _ مەن بولسام پىرئەۋن. لېكىن مىسىردا سېنىڭ رۇخسىتىڭسىز ھەرقانداق ئادەمنىڭ مىدىر-سىدىر قىلىشىغا رۇخسەت يوق! _ دېدى.
45
پىرئەۋن يۈسۈپكە مىسىرچە زافنات-پانېئاخ دەپ ئىسىم قويدى ۋە ئۇنىڭغا ئون دېگەن شەھەرنىڭ روھانىيسى پوتىفېرانىڭ قىزى ئاسىناتنى خوتۇنلۇققا ئېلىپ بەردى. يۈسۈپ مىسىرنىڭ پىرئەۋنىنىڭ خىزمىتىنى قىلىشقا باشلىغان ۋاقتىدا، ئوتتۇز ياشتا ئىدى. ئۇ پىرئەۋن ئوردىسىدىن چىقىپ، مىسىرنىڭ ھەرقايسى جايلىرىنى كۆزدىن كەچۈردى.
47
باياشاتلىق بولغان يەتتە يىلدا دېھقانچىلىق مەھسۇلاتىدىن مول ھوسۇل ئېلىندى.
48
يۈسۈپ شۇ يىللار جەريانىدا مىسىردا ئاشلىق توپلاپ، شەھەرلەردە ساقلىدى. ھەر شەھەرنىڭ ئەتراپىدىكى ئېتىزلاردىن يىغىۋېلىنغان ئاشلىقنى شۇ شەھەرلەرگە قويدى.
49
يۈسۈپ دېڭىز ساھىلىدىكى قۇمدەك شۇنچە كۆپ ئاشلىق توپلىدىكى، ئۇنى ھېسابلاشتىن ۋاز كەچتى. چۈنكى ئاشلىقلار ھېسابلىغىلى بولمىغۇدەك دەرىجىدە كۆپ ئىدى.
50
قەھەتچىلىك يىللىرى يېتىپ كېلىشتىن ئىلگىرى، يۈسۈپنىڭ ئايالى، يەنى ئون دېگەن شەھەرنىڭ روھانىيسى پوتىفېرانىڭ قىزى ئاسىنات ئۇنىڭغا ئىككى ئوغۇل تۇغۇپ بەردى.
51
يۈسۈپ: «خۇدا پۈتۈن دەردىمنى ۋە ئاتامنىڭ ئائىلىسىنى كۆڭلۈمدىن كۆتۈرۈۋەتتى» دەپ، تۇنجى ئوغلىغا ماناسسە [ئىبرانىي تىلىدىكى «ئۇنتۇلدۇرغان» دېگەن سۆز بىلەن ئاھاڭداش] دەپ ئىسىم قويدى.
52
ئىككىنچى ئوغلىغا «خۇدا مېنى ئازاب-ئوقۇبەتلىك يەردە پەرزەنتكە ئېرىشتۈردى» دەپ، ئەفرايىم [ئىبرانىي تىلىدىكى «ئىككى قېتىم مېۋىلەش» دېگەن سۆز بىلەن ئاھاڭداش] دەپ ئىسىم قويدى.
53
مىسىرلىقلار بەھرىمەن بولغان يەتتە باياشات يىل ئاياغلاشتى.
54
يۈسۈپ ئالدىن ئېيتقاندەك، يەتتە قەھەتچىلىك يىلى ئارقا-ئارقىدىن كەلدى. ئەتراپتىكى ھەممە دۆلەتلەردىمۇ ئاچارچىلىق يۈز بەردى. لېكىن مىسىرنىڭ ھەممە يېرىدىن ئاشلىق تېپىلاتتى.
55
ئاخىرى مىسىردىمۇ ئاچارچىلىق يۈز بەردى. خەلق پىرئەۋنگە يالۋۇرۇپ، ئاشلىق تەلەپ قىلدى. پىرئەۋن ئۇلارغا يۈسۈپنىڭ يېنىغا بېرىشنى ۋە ھەممە ئىشتا ئۇنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىغا بويسۇنۇشنى بۇيرۇدى.
56
ئاچارچىلىق بارغانسېرى ئېغىرلىشىپ، مىسىرنىڭ ھەممە يېرىنى قاپلاشقا باشلىدى. شۇڭا يۈسۈپ پۈتكۈل ئاشلىق ئامبارلىرىنى ئېچىپ، زاپاس ئاشلىقلارنى مىسىرلىقلارغا سېتىپ بەردى.
57
ئەتراپتىكى دۆلەتلەردىكى كىشىلەرمۇ كېلىشىپ، يۈسۈپتىن ئاشلىق سېتىۋالدى. چۈنكى ھەممە يەردە ئاچارچىلىق يۈز بەرگەن بولۇپ، ئەھۋال ئىنتايىن ئېغىر ئىدى.
← Chapter 40
Jump to:
Chapter 1
Chapter 2
Chapter 3
Chapter 4
Chapter 5
Chapter 6
Chapter 7
Chapter 8
Chapter 9
Chapter 10
Chapter 11
Chapter 12
Chapter 13
Chapter 14
Chapter 15
Chapter 16
Chapter 17
Chapter 18
Chapter 19
Chapter 20
Chapter 21
Chapter 22
Chapter 23
Chapter 24
Chapter 25
Chapter 26
Chapter 27
Chapter 28
Chapter 29
Chapter 30
Chapter 31
Chapter 32
Chapter 33
Chapter 34
Chapter 35
Chapter 36
Chapter 37
Chapter 38
Chapter 39
Chapter 40
Chapter 41
Chapter 42
Chapter 43
Chapter 44
Chapter 45
Chapter 46
Chapter 47
Chapter 48
Chapter 49
Chapter 50
Chapter 42 →
All chapters:
1
2
3
4
5
6
7
8
9
10
11
12
13
14
15
16
17
18
19
20
21
22
23
24
25
26
27
28
29
30
31
32
33
34
35
36
37
38
39
40
41
42
43
44
45
46
47
48
49
50