bible
ra
🌐 Language
English
Español
Français
Deutsch
Português
Italiano
Nederlands
Русский
中文
日本語
한국어
العربية
Türkçe
Tiếng Việt
ไทย
Indonesia
All Languages
Home
/
Uyghur
/
Uyghur Arabic 2005 (ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى)
/
Genesis 42
Genesis 42
Uyghur Arabic 2005 (ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى)
← Chapter 41
Jump to:
Chapter 1
Chapter 2
Chapter 3
Chapter 4
Chapter 5
Chapter 6
Chapter 7
Chapter 8
Chapter 9
Chapter 10
Chapter 11
Chapter 12
Chapter 13
Chapter 14
Chapter 15
Chapter 16
Chapter 17
Chapter 18
Chapter 19
Chapter 20
Chapter 21
Chapter 22
Chapter 23
Chapter 24
Chapter 25
Chapter 26
Chapter 27
Chapter 28
Chapter 29
Chapter 30
Chapter 31
Chapter 32
Chapter 33
Chapter 34
Chapter 35
Chapter 36
Chapter 37
Chapter 38
Chapter 39
Chapter 40
Chapter 41
Chapter 42
Chapter 43
Chapter 44
Chapter 45
Chapter 46
Chapter 47
Chapter 48
Chapter 49
Chapter 50
Chapter 43 →
1
ياقۇپ مىسىردا ئاشلىق بارلىقىنى ئاڭلاپ، ئوغۇللىرىغا: _ سىلەر بىر-بىرىڭلارغا قارىشىپلا تۇرامسىلەر! نېمىشقا بىر چىقىش يولى تاپمايسىلەر؟
2
ئاڭلىشىمچە مىسىردا ئاشلىق بار ئىكەن. ئاچلىقتىن ئۆلۈپ كەتمەيلى. ئۇ يەرگە بېرىپ، بىرئاز ئاشلىق سېتىۋېلىپ ئەكېلىڭلار، _ دېدى.
3
شۇنىڭ بىلەن يۈسۈپنىڭ ئون ئاكىسى مىسىرغا ئاشلىق سېتىۋالغىلى باردى.
4
لېكىن ياقۇپ يۈسۈپنىڭ ئىنىسى بىنيامىننى ئۇلار بىلەن بىرگە ئەۋەتمىدى. چۈنكى ياقۇپ ئۇنىڭ بىرەر يامانلىققا ئۇچراپ قېلىشىدىن قورقاتتى.
5
ئىسرائىلنىڭ ئوغۇللىرى ۋە باشقىلار ئاشلىق سېتىۋالغىلى مىسىرغا بېرىشتى. چۈنكى كەنئاندىمۇ ئاچارچىلىق ئېغىر بولغانىدى.
6
يۈسۈپ مىسىرنىڭ باش ۋەزىرى بولغاچقا، ھەرقايسى جايلاردىن كەلگەنلەرگە ئاشلىق سېتىپ بېرىشكە مەسئۇل ئىدى. شۇڭا يۈسۈپنىڭ ئاكىلىرى ئۇنىڭ ئالدىغا كېلىپ، بېشى يەرگە تەگكۈچە ئېگىلىپ تەزىم قىلدى.
7
يۈسۈپ ئاكىلىرىنى كۆرۈپلا تونۇپ قالدى، لېكىن تونۇماسلىققا سېلىپ، ئۇلاردىن جىددىي قىياپەتتە: _ سىلەر قەيەردىن كەلدىڭلار؟ _ دەپ سورىدى. _ بىز كەنئاندىن ئاشلىق سېتىۋالغىلى كەلدۇق، _ دەپ جاۋاب بېرىشتى ئۇلار.
8
يۈسۈپ ئاكىلىرىنى تونۇغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇلار يۈسۈپنى تونۇمىغانىدى.
9
ئۇ ئاكىلىرى توغرىسىدا كىچىك ۋاقتىدا كۆرگەن چۈشلىرىنى ئېسىگە ئېلىپ، مەقسەتلىك ھالدا ئۇلارغا: _ سىلەر ئايغاقچى، مەملىكىتىمىزنىڭ ئاجىز يەرلىرىنى چارلىغىلى كەلدىڭلار! _ دېدى.
10
ئۇلار: _ ياق جانابلىرى، بىز ئاشلىق سېتىۋالغىلى كەلدۇق.
11
بىز ئاكا-ئۇكىلار راستچىل ئادەملەرمىز، بىز ھەرگىز ئايغاقچى ئەمەس! _ دەپ جاۋاب قايتۇرۇشتى.
12
يۈسۈپ ئۇلارغا: _ ياق، سىلەر مەملىكىتىمىزنىڭ ئاجىز يەرلىرىنى چارلىغىلى كەلدىڭلار! _ دەپ چىڭ تۇرۇۋالدى.
13
ئۇلار: _ ئى جانابلىرى، بىز ئەسلىدە بىر ئاتىدىن ئون ئىككى قېرىنداش ئىدۇق. ئاتىمىز كەنئاندا تۇرىدۇ. ئەڭ كىچىك ئىنىمىز ئۇنىڭ يېنىدا قالدى، يەنە بىر ئىنىمىز يوقاپ كەتتى! _ دېدى.
14
يۈسۈپ يەنە چىڭ تۇرۇپ: _ ياق، مەن ھازىر ئېيتقاندەك، سىلەر راستتىنلا ئايغاقچى.
15
سىلەرنىڭ سەمىمىيىتىڭلارنى سىناش ئۈچۈن پىرئەۋننىڭ نامى بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، كىچىك ئىنىڭلار بۇ يەرگە كەلمىگۈچە، سىلەرنى ھەرگىز قويۇۋەتمەيمەن.
16
ئاراڭلاردىن بىرىڭلار بېرىپ، ئۇنى ئېلىپ كېلىڭلار. گېپىڭلار ئىسپاتلانمىغۇچە، قالغانلىرىڭلار بۇ يەردە زىنداندا ياتىسىلەر. ئىنىڭلارنى ئەكېلەلمىسەڭلار، ھەممىڭلار چوقۇم ئايغاقچى! _ دېدى.
17
شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنى ئۈچ كۈن زىندانغا قاماپ قويدى.
18
ئۈچىنچى كۈنى يۈسۈپ ئۇلارغا: _ مەن خۇداغا ئىخلاسمەن ئادەممەن. ئەگەر سىلەر مېنىڭ شەرتىمنى قوبۇل قىلساڭلار، بىر قوشۇق قېنىڭلاردىن كېچىمەن.
19
ئۆزۈڭلارنىڭ سەمىمىي ئادەم ئىكەنلىكىڭلارنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن بىر ئادىمىڭلارنى زىنداندا قالدۇرۇپ، قالغانلىرىڭلار ئالغان ئاشلىقلارنى ئېلىپ، ئائىلەڭلەردىكى ئاچارچىلىقتا قالغانلارغا يەتكۈزۈپ بېرىڭلار.
20
ئاندىن كىچىك ئىنىڭلارنى بۇ يەرگە ئېلىپ كېلىڭلار. شۇنداق قىلساڭلار، سۆزۈڭلارنىڭ راستلىقى ئىسپاتلىنىپ، ئۆلۈمدىن ئامان قالىسىلەر! _ دېدى. ئۇلار بۇ شەرتنى قوبۇل قىلىپ،
21
ئۆزئارا: «بۇرۇن بىز بىر ئىنىمىزغا زىيانكەشلىك قىلغانلىقىمىز ئۈچۈن، بۈگۈن بىز بۇ جازاغا دۇچار بولدۇق! ئەينى چاغدا بىز ئۇنىڭ ئازابىنى كۆرۈپ تۇرۇپمۇ، يالۋۇرۇشلىرىنى ئاڭلاپ تۇرۇپمۇ پىسەنت قىلمىغانىدۇق. ئەمدى بىز بۇ بالا-قازاغا يولۇقتۇق!» دېيىشتى.
22
رۇبېن ئۇلارغا: _ مەن سىلەرگە: «بۇ بالىغا تەگمەيلى» دېسەم، ئاڭلىمىغانىدىڭلار. ئەمدى ئۇنىڭ قان قىساسىنى تۆلەيدىغان بولدۇق! _ دېدى.
23
يۈسۈپ ئۇلارنىڭ سۆزلىرىنى چۈشەندى. ئاكىلىرى بولسا بۇنى بىلمەيتتى، چۈنكى يۈسۈپ ئۇلار بىلەن تەرجىمان ئارقىلىق سۆزلەشكەنىدى.
24
يۈسۈپ ئۆزىنى چەتكە ئېلىپ، يىغلاپ تاشلىدى. ئاندىن قايتىپ كىرىپ، ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى شىموننى تۇتقۇزۇپ، ئۇلارنىڭ كۆز ئالدىدا ئۇنى باغلاتتى.
25
يۈسۈپ خىزمەتكارلىرىغا ئاكىلىرىنىڭ تاغارلىرىغا ئاشلىق تولدۇرۇپ بېرىشنى، ئاشلىققا تۆلىگەن پۇللىرىنى تاغارلىرىغا سېلىپ قويۇشنى ۋە ئۇلارغا ئوزۇق-تۈلۈك تەييارلاپ بېرىشنى بۇيرۇدى. ھەممە تەييارلىق پۈتكەندىن كېيىن،
26
ئۇلار ئالغان ئاشلىقلىرىنى ئېشەكلىرىگە ئارتىپ، يولىغا راۋان بولدى.
27
ئۇلار قونالغۇغا بارغاندا، ئارىسىدىن بىرى ئېشىكىگە يەم بېرىش ئۈچۈن تاغىرىنى ئېچىپ، پۇلىنىڭ تاغاردا تۇرغانلىقىنى كۆردى ۋە
28
قېرىنداشلىرىغا: _ ئۇلار پۇلۇمنى قايتۇرۇپ بېرىپتۇ. مانا تاغارنىڭ ئىچىدە تۇرىدۇ! _ دېدى. ئۇلار قورقۇپ، تىترەشكەن ھالدا ئۆزئارا: «بۇ خۇدانىڭ بىزگە نېمە قىلغىنىدۇ؟» دېيىشتى.
29
ئۇلار كەنئانغا قايتىپ كېلىپ، ئاتىسى ياقۇپنىڭ ئالدىغا كىرىپ، ئۆتكەن ئىشلارنى بىر-بىرلەپ سۆزلەپ بەردى.
30
ئۇلار مۇنداق دېدى: _ مىسىرنىڭ باش ۋەزىرى بىزگە قاتتىق گەپ قىلىپ: «سىلەر زېمىنىمىزنى چارلاشقا كەلگەن ئايغاقچىلار» دەپ، بىزنى ئەيىبلىدى.
31
بىز ئۇنىڭغا: «بىز ئايغاقچى ئەمەسمىز، سەمىمىي ئادەملەرمىز.
32
بىز بىر ئاتىدىن جەمئىي ئون ئىككى قېرىنداش ئىدۇق، بىر ئىنىمىز يوقاپ كەتتى. ئەڭ كىچىك ئىنىمىز كەنئاندا ئاتىمىزغا ھەمراھ بولۇپ قالدى» دېدۇق.
33
بىراق ئۇ: «سىلەرنىڭ سەمىمىيىتىڭلارنى سىنايمەن. بىر ئادىمىڭلارنى زىندانغا قامايمەن. قالغانلىرىڭلار ئالغان ئاشلىقىڭلارنى ئېلىپ، ئاچارچىلىقتا قالغان ئائىلەڭلەرگە يەتكۈزۈپ بېرىڭلار.
34
ئاندىن كىچىك ئىنىڭلارنى مېنىڭ يېنىمغا ئېلىپ كېلىڭلار. شۇنداق قىلساڭلار، سىلەرنىڭ ئايغاقچى ئەمەس، بەلكى سەمىمىي ئادەم ئىكەنلىكىڭلارغا ئىشىنىپ، قېرىندىشىڭلارنى قايتۇرۇپ بېرىمەن. بۇ يەردە تۇرۇپ قېلىپ، سودا قىلساڭلارمۇ بولىدۇ» دېدى.
35
كېيىن ئۇلار ئاشلىقلىرىنى تۆككەندە، ئۆز پۇللىرىنىڭ تاغاردا ئىكەنلىكىنى كۆرۈشتى. ئاتا-بالىلار پۇل قاپچۇقلىرىنى كۆرۈپ، ئىنتايىن قورقۇشتى.
36
ياقۇپ ئۇلارغا: _ سىلەر بىر-بىرلەپ مېنى ھەممە ئوغۇللىرىمدىن جۇدا قىلماقچىمۇسىلەر؟ يۈسۈپ يوق بولدى، شىمونمۇ يوق بولدى. ئەمدى بىنيامىننىمۇ ئېلىپ كەتمەكچى بولۇۋاتامسىلەر؟ بالا-قازانىڭ ھەممىسى مېنىڭ بېشىمغىلا كېلەمدۇ؟ _ دېدى.
37
رۇبېن ئاتىسىغا ۋەدە بېرىپ: _ ئەگەر مەن بىنيامىننى قايتۇرۇپ ئەكەلمىسەم، مېنىڭ ئىككى ئوغلۇمنى ئۆلتۈرۈۋېتىڭ. كىچىك ئىنىمىز بىنيامىننى ماڭا ئامانەت قىلىڭ. مەن ئۇنى چوقۇم قايتۇرۇپ ئەكېلىمەن، _ دېدى.
38
لېكىن ياقۇپ ئۇلارغا: _ بۇ ئوغلۇم سىلەر بىلەن بارمىسۇن! ئۇنىڭ بىر قورساقتىن بولغان ئاكىسى ئۆلۈپ كېتىپ، يالغۇز قالدى. مۇبادا ئۇ يولدا بىرەر پىشكەللىككە يولۇقۇپ قالسا، مەن قېرىغىنىمدا ھەسرەت چېكىپ ئۆلۈپ كېتىمەن، _ دېدى.
← Chapter 41
Jump to:
Chapter 1
Chapter 2
Chapter 3
Chapter 4
Chapter 5
Chapter 6
Chapter 7
Chapter 8
Chapter 9
Chapter 10
Chapter 11
Chapter 12
Chapter 13
Chapter 14
Chapter 15
Chapter 16
Chapter 17
Chapter 18
Chapter 19
Chapter 20
Chapter 21
Chapter 22
Chapter 23
Chapter 24
Chapter 25
Chapter 26
Chapter 27
Chapter 28
Chapter 29
Chapter 30
Chapter 31
Chapter 32
Chapter 33
Chapter 34
Chapter 35
Chapter 36
Chapter 37
Chapter 38
Chapter 39
Chapter 40
Chapter 41
Chapter 42
Chapter 43
Chapter 44
Chapter 45
Chapter 46
Chapter 47
Chapter 48
Chapter 49
Chapter 50
Chapter 43 →
All chapters:
1
2
3
4
5
6
7
8
9
10
11
12
13
14
15
16
17
18
19
20
21
22
23
24
25
26
27
28
29
30
31
32
33
34
35
36
37
38
39
40
41
42
43
44
45
46
47
48
49
50