bible
ra
🌐 Language
English
Español
Français
Deutsch
Português
Italiano
Nederlands
Русский
中文
日本語
한국어
العربية
Türkçe
Tiếng Việt
ไทย
Indonesia
All Languages
Home
/
Uyghur
/
Uyghur Arabic 2005 (ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى)
/
Genesis 47
Genesis 47
Uyghur Arabic 2005 (ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى)
← Chapter 46
Jump to:
Chapter 1
Chapter 2
Chapter 3
Chapter 4
Chapter 5
Chapter 6
Chapter 7
Chapter 8
Chapter 9
Chapter 10
Chapter 11
Chapter 12
Chapter 13
Chapter 14
Chapter 15
Chapter 16
Chapter 17
Chapter 18
Chapter 19
Chapter 20
Chapter 21
Chapter 22
Chapter 23
Chapter 24
Chapter 25
Chapter 26
Chapter 27
Chapter 28
Chapter 29
Chapter 30
Chapter 31
Chapter 32
Chapter 33
Chapter 34
Chapter 35
Chapter 36
Chapter 37
Chapter 38
Chapter 39
Chapter 40
Chapter 41
Chapter 42
Chapter 43
Chapter 44
Chapter 45
Chapter 46
Chapter 47
Chapter 48
Chapter 49
Chapter 50
Chapter 48 →
1
يۈسۈپ پىرئەۋن بىلەن كۆرۈشكىلى بېرىپ، ئۇنىڭغا: _ ئاتام بىلەن قېرىنداشلىرىم كەنئاندىن چارۋا ۋە پۈتۈن مال-مۈلۈكلىرىنى ئېلىپ بۇ يەرگە كەلدى. ھازىرچە ئۇلار گوشەندە تۇرۇۋاتىدۇ، _ دېدى.
2
ئاندىن كېيىن يۈسۈپ قېرىندىشىدىن بەشىنى پىرئەۋن بىلەن كۆرۈشتۈرۈشكە ئېلىپ كەلدى.
3
پىرئەۋن يۈسۈپنىڭ قېرىنداشلىرىدىن: _ سىلەر قايسى كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىسىلەر؟ _ دەپ سورىدى. ئۇلار جاۋابەن: _ ئالىيلىرى، بىز ئاتا-بوۋىلىرىمىزغا ئوخشاش چارۋىچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىمىز.
4
كەنئاندا ماللىرىمىزنى باقىدىغان ئوتلاق قالمىدى، قەھەتچىلىكمۇ ئېغىر بولدى. شۇ سەۋەبتىن بىز بۇ يەرگە كۆچۈپ كەلدۇق. ئالىيلىرىدىن بىزنىڭ گوشەن رايونىدا تۇرۇشىمىزغا ئىجازەت بېرىشلىرىنى سورايمىز، _ دېيىشتى.
5
پىرئەۋن يۈسۈپكە: _ ئاتاڭ بىلەن قېرىنداشلىرىڭ بۇ يەرگە كەپتۇ.
6
مىسىرنىڭ زېمىنى ئۇلارنىڭمۇ زېمىنىدۇر. ئۇلار مىسىرنىڭ قەيېرىدە تۇرۇشنى خالىسا، شۇ يەردە تۇرسۇن، گوشەندە تۇرسىمۇ بولىۋېرىدۇ. ئۇلارنىڭ ئارىسىدا مال بېقىشقا مايىر كىشىلەر بولسا، ئۇلارنى ماللىرىمنى باشقۇرۇشقا قويساڭمۇ بولىدۇ، _ دېدى.
7
كېيىن يۈسۈپ ئاتىسى ياقۇپنى ئوردىغا باشلاپ كېلىپ، پىرئەۋن بىلەن كۆرۈشتۈردى. ياقۇپ پىرئەۋنگە بەخت-سائادەت تىلىدى.
8
پىرئەۋن ئۇنىڭدىن: _ قانچە ياشقا كىردىڭىز؟ _ دەپ سورىدى.
9
ياقۇپ ئۇنىڭغا: _ مەن بۇ دۇنيادا 130 يىل ياشىدىم، ھاياتىم مۇساپىرچىلىق ئىچىدە جاپا-مۇشەققەتلىك ئۆتتى. مەن تېخى ئاتا-بوۋىلىرىمنىڭ يېشىغا يەتمىدىم، _ دەپ جاۋاب بەردى.
10
خوشلىشىش ئالدىدا ياقۇپ يەنە پىرئەۋنگە بەخت تىلىدى ۋە ئۇنىڭ ھۇزۇرىدىن چىقتى.
11
يۈسۈپ پىرئەۋننىڭ ئەمرى بويىچە ئاتىسى بىلەن قېرىنداشلىرىنى مىسىرنىڭ ئەڭ ياخشى يېرىگە، يەنى رەمسېس رايونىغا ئورۇنلاشتۇردى.
12
يۈسۈپ ئاتىسى ۋە قېرىنداشلىرىنىڭ جان سانىغا قاراپ، ئاشلىق يەتكۈزۈپ بەردى.
13
ھەممە يەردە ئاشلىق قالمىدى، قەھەتچىلىك ئىنتايىن ئېغىرلىشىپ كەتتى. مىسىرلىقلار ۋە كەنئانلىقلار قەھەتچىلىك سەۋەبىدىن ئازاب چېكەتتى.
14
يۈسۈپ ئاشلىق سېتىپ، مىسىرلىقلار بىلەن كەنئانلىقلارنىڭ قولىدىكى ھەممە پۇللارنى يىغىپ، ئوردىغا تاپشۇردى.
15
مىسىر ۋە كەنئاندىكى خەلقنىڭ قولىدىكى پۇللار تۈگىگەندە، مىسىر خەلقى يۈسۈپنىڭ ئالدىغا كېلىپ، ئۇنىڭدىن: _ پۇللىرىمىز تۈگىدى. كۆز ئالدىلىرىدا ئۆلۈپ كەتمەيلى، بىزگە ئاشلىق تېپىپ بەرگەيلا، _ دەپ تەلەپ قىلىشتى.
16
يۈسۈپ ئۇلارغا: _ ئەگەر پۇلۇڭلار تۈگەپ كەتكەن بولسا، چارۋا ماللىرىڭلارنى ئاشلىققا تېگىشىڭلار، _ دېدى.
17
شۇنىڭ بىلەن ئۇلار چارۋا ماللىرىنى يۈسۈپنىڭ ئالدىغا ئېلىپ كېلىشتى. يۈسۈپ ئۇلارنىڭ ئات، ئېشەك، قوي، كالا ۋە ئۆچكىلىرىگە ئاشلىق تېگىشىپ بەردى. شۇنداق قىلىپ، يۈسۈپ بۇ يىلى ئاشلىق بەدىلىگە ئۇلارنىڭ چارۋا ماللىرىنىڭ ھەممىسىنى يىغىۋالدى.
18
كېيىنكى يىلى ئۇلار يەنە كېلىپ: _ جانابلىرى، ھەقىقىي ئەھۋالىمىزنى سىلىدىن يوشۇرمايمىز. پۇللىرىمىز پۈتۈنلەي تۈگىدى. چارۋا ماللىرىمىزمۇ ئۆزلىرىگە ئۆتۈپ كەتتى. ھازىر بىزنىڭ تېنىمىز ۋە يېرىمىزدىن باشقا ھېچ نەرسىمىز قالمىدى.
19
كۆز ئالدىلىرىدا ئۆلۈپ كەتمەيلى، يەرلىرىمىزمۇ ئاق تاشلىنىپ قالمىسۇن. بىزمۇ، يېرىمىزمۇ پىرئەۋنگە تەۋە بولسۇن، بىزگە ئاشلىق بەرگەيلا. بىز پىرئەۋننىڭ قۇلى بولۇپ، ئۇنىڭ دېھقانچىلىقىنى قىلايلى. ھايات قېلىشىمىز ۋە يەرلەرنىڭ ئاق تاشلىنىپ قالماسلىقى ئۈچۈن، ئۇرۇقلۇق بەرگەيلا! _ دەپ تەلەپ قىلىشتى.
20
شۇنداق قىلىپ، يۈسۈپ مىسىرنىڭ پۈتۈن زېمىنىنى پىرئەۋن ئۈچۈن سېتىۋالدى. ئاچارچىلىقنىڭ ئېغىرلىقىدىن مىسىرلىقلار يەرلىرىنى سېتىشقا مەجبۇر بولدى. نەتىجىدە، پۈتۈن يەر-زېمىن پىرئەۋنگە ئۆتۈپ كەتتى.
21
پۈتۈن مىسىر خەلقىمۇ ئۇنىڭ قۇلى بولۇپ قالدى.
22
پەقەت روھانىيلارنىڭ يەرلىرىلا ئۆز قوللىرىدا قالدى، چۈنكى ئۇلار پىرئەۋندىن ھەقسىز ئاشلىق ئالاتتى. شۇڭا ئۇلارنىڭ يەرلىرىنى سېتىشى ھاجەتسىز ئىدى.
23
يۈسۈپ خەلققە: _ مەن پادىشاھ ئۈچۈن سىلەرنى ۋە يەر-زېمىنلىرىڭلارنى سېتىۋالغانىكەنمەن، ئۇ يەرلەردە دېھقانچىلىق قىلىشىڭلار ئۈچۈن ئۇرۇق بېرەي.
24
ھوسۇل ئالغان ۋاقتىڭلاردا ھوسۇلنىڭ بەشتىن بىرىنى پادىشاھقا تاپشۇرۇپ، قالغىنىنى ئۆزۈڭلارغا ئوزۇق قىلىڭلار ۋە ئۇرۇقلۇق ئۈچۈن ساقلاپ قويۇڭلار، _ دېدى.
25
ئۇلار: _ جانابلىرى بىزگە ئىلتىپات كۆرسىتىپ، ھاياتىمىزنى قۇتقۇزۇپ قالدىلا. سىز پىرئەۋننىڭ قۇلى بولۇشقا رازىمىز، _ دېيىشتى.
26
شۇڭا يۈسۈپ مىسىرلىقلارغا قانۇن تۈزۈپ: «دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرىدىن ئېلىنغان ھوسۇلنىڭ بەشتىن بىر قىسمى پادىشاھقا تەۋەدۇر» دەپ بېكىتتى. بۇ قانۇن شۇنىڭدىن بېرى كۈچكە ئىگە بولۇپ كەلمەكتە. پەقەت روھانىيلارنىڭ يەرلىرىلا پىرئەۋننىڭ ئىگىدارچىلىقىغا ئۆتمىدى.
27
ئىسرائىللار مىسىرنىڭ گوشەن ۋىلايىتىدە ئولتۇراقلاشتى. ئۇلار يەرگە ئىگە بولۇپ، روناق تېپىپ، ئاھالىلىرىنىڭ سانى ھەسسىلەپ كۆپەيدى.
28
ياقۇپ مىسىردا 17 يىل ياشاپ، 147 يىل ئۆمۈر كۆردى.
29
ئۇ ۋاپات بولۇش ئالدىدا يۈسۈپنى چاقىرتىپ كېلىپ، ئۇنىڭغا: _ ئەگەر سەن مەندىن رازى بولساڭ، قولۇڭنى ئىككى يوتامنىڭ ئاستىغا قويۇپ، ماڭا مېھرىبان، ۋاپادار بولىدىغانلىقىڭغا ۋە مېنى مىسىرغا دەپنە قىلمايدىغانلىقىڭغا قەسەم قىل.
30
مەن ۋاپات بولغاندا، مېنى مىسىردىن ئېلىپ كېتىپ، ئاتا-بوۋام دەپنە قىلىنغان يەرگە دەپنە قىل، _ دېدى. يۈسۈپ ئاتىسىغا: _ ۋەسىيىتىڭىزنى چوقۇم ئورۇندايمەن، _ دېدى.
31
ئىسرائىل: _ ئۇنداق بولسا، ماڭا قەسەم قىل، _ دېدى. شۇنىڭ بىلەن يۈسۈپ قەسەم قىلدى. ئىسرائىل تۆشىكى ئۈستىدە خۇداغا سەجدە قىلدى.
← Chapter 46
Jump to:
Chapter 1
Chapter 2
Chapter 3
Chapter 4
Chapter 5
Chapter 6
Chapter 7
Chapter 8
Chapter 9
Chapter 10
Chapter 11
Chapter 12
Chapter 13
Chapter 14
Chapter 15
Chapter 16
Chapter 17
Chapter 18
Chapter 19
Chapter 20
Chapter 21
Chapter 22
Chapter 23
Chapter 24
Chapter 25
Chapter 26
Chapter 27
Chapter 28
Chapter 29
Chapter 30
Chapter 31
Chapter 32
Chapter 33
Chapter 34
Chapter 35
Chapter 36
Chapter 37
Chapter 38
Chapter 39
Chapter 40
Chapter 41
Chapter 42
Chapter 43
Chapter 44
Chapter 45
Chapter 46
Chapter 47
Chapter 48
Chapter 49
Chapter 50
Chapter 48 →
All chapters:
1
2
3
4
5
6
7
8
9
10
11
12
13
14
15
16
17
18
19
20
21
22
23
24
25
26
27
28
29
30
31
32
33
34
35
36
37
38
39
40
41
42
43
44
45
46
47
48
49
50