bible
ra
🌐 Language
English
Español
Français
Deutsch
Português
Italiano
Nederlands
Русский
中文
日本語
한국어
العربية
Türkçe
Tiếng Việt
ไทย
Indonesia
All Languages
Home
/
Uyghur
/
Uyghur Arabic 2005 (ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى)
/
Genesis 39
Genesis 39
Uyghur Arabic 2005 (ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى)
← Chapter 38
Jump to:
Chapter 1
Chapter 2
Chapter 3
Chapter 4
Chapter 5
Chapter 6
Chapter 7
Chapter 8
Chapter 9
Chapter 10
Chapter 11
Chapter 12
Chapter 13
Chapter 14
Chapter 15
Chapter 16
Chapter 17
Chapter 18
Chapter 19
Chapter 20
Chapter 21
Chapter 22
Chapter 23
Chapter 24
Chapter 25
Chapter 26
Chapter 27
Chapter 28
Chapter 29
Chapter 30
Chapter 31
Chapter 32
Chapter 33
Chapter 34
Chapter 35
Chapter 36
Chapter 37
Chapter 38
Chapter 39
Chapter 40
Chapter 41
Chapter 42
Chapter 43
Chapter 44
Chapter 45
Chapter 46
Chapter 47
Chapter 48
Chapter 49
Chapter 50
Chapter 40 →
1
ئىسمائىل قەبىلىسىدىكى سودىگەرلەر يۈسۈپنى مىسىرغا ئەكېلىپ، مىسىر پادىشاھى، يەنى پىرئەۋننىڭ بىر ئەمەلدارى، يەنى ياساۋۇللار باشلىقى پوتىفارغا ساتقانىدى.
2
پەرۋەردىگار يۈسۈپكە يار بولۇپ، ئۇنىڭ ھەممە ئىشلىرىنى ئوڭ قىلدى. ئۇ مىسىرلىق خوجايىنىنىڭ ئۆيىدە تۇردى.
3
پوتىفار پەرۋەردىگارنىڭ يۈسۈپكە يار بولۇپ، ئۇنىڭ ھەممە ئىشلىرىنى ئوڭ قىلغانلىقىنى بايقىدى.
4
پوتىفار ئۇنىڭدىن رازى بولۇپ، ئۇنى ئۆزىنىڭ شەخسىي ياردەمچىسى قىلىپ تەيىنلەپ، ئۇنى ئائىلە ئىشلىرى ۋە پۈتۈن مال-مۈلكىنى باشقۇرۇشقا تەيىنلىدى.
5
شۇ ۋاقىتتىن باشلاپ، پەرۋەردىگار پوتىفارنىڭ پۈتۈن ئائىلىسىگە، چارۋا ماللىرىغا ۋە تېرىقچىلىقىغا بەرىكەت ئاتا قىلدى.
6
شۇنىڭ بىلەن پوتىفار ھەممىنى يۈسۈپنىڭ باشقۇرۇشىغا تاپشۇرۇپ، ئۆزىنىڭ يېمەك-ئىچمىكىدىن باشقا ھېچ ئىش بىلەن كارى بولمايدىغان بولدى. يۈسۈپ كېلىشكەن، چىرايلىق يىگىت ئىدى.
7
ئۇزۇن ئۆتمەي، ئۇنىڭغا خوجايىنىنىڭ ئايالىنىڭ كۆزى چۈشۈپ قالدى. ئۇ يۈسۈپكە: _ كەل، مەن بىلەن بىر ئورۇندا يات! _ دېدى.
8
يۈسۈپ رەت قىلىپ: _ ئويلاپ كۆرۈڭ، خوجايىنىم ماڭا ئىشىنىپ، بارلىق مال-مۈلكىنى مېنىڭ باشقۇرۇشۇمغا تاپشۇردى. مەن بولغاچقىلا، ئۇ پۈتۈن ئائىلە ئىشلىرىدىن خاتىرجەم.
9
مەن بۇ ئائىلىدە ئۇنىڭغا ئوخشاشلا ھوقۇقلۇق. ئۇ سىزدىن باشقا ھەممە نەرسىسىنى ماڭا تاپشۇردى. سىز ئۇنىڭ ئايالى تۇرسىڭىز، مەن قانداقمۇ بۇنداق ئەخلاقسىز ئىشنى قىلىپ، خۇدانىڭ ئالدىدا گۇناھكار بولاي؟ _ دېدى.
10
پوتىفارنىڭ ئايالى ھەر كۈنى شېرىن سۆزلەر بىلەن يۈسۈپنى ئۆزىگە قاراتماقچى بولغان بولسىمۇ، لېكىن يۈسۈپ ئۇنىڭ بىلەن بىر ئورۇندا يېتىش تۈگۈل، ئۇنىڭ بىلەن بىر يەردە تۇرۇشنىمۇ رەت قىلىپ كەلدى.
11
بىر كۈنى يۈسۈپ بىر ئىش سەۋەبى بىلەن ئۆيگە كىردى. ئۇ چاغدا ئۆيدە باشقا خىزمەتكارلار يوق ئىدى.
12
پوتىفارنىڭ ئايالى يۈسۈپنىڭ كىرگەنلىكىنى كۆرۈپ، ئۇنىڭ تونىغا ئېسىلىۋېلىپ: _ كەلگىن، بىز بىر ئورۇندا ياتايلى! _ دېدى. بىراق يۈسۈپ قېچىپ، تاشقىرىغا چىقىپ كەتتى. تونى بولسا ئايالنىڭ قولىدا قالدى.
13
ئۇ يۈسۈپنىڭ تونىنى تاشلاپ قېچىپ چىقىپ كەتكىنىنى كۆرۈپ،
14
چۇقان سېلىپ، ئۆي خىزمەتكار لىرىنى چاقىرىپ، ئۇلارغا: _ قاراڭلار، ئېرىم ئەكەلگەن ئىبرانىي قۇل بىز مىسىرلىقلارغا ھاقارەت قىلدى. ئۇ مېنىڭ ھۇجرامغا كىرىپ، نومۇسۇمغا تەگمەكچى بولغانىدى، مەن قاتتىق ۋارقىرىدىم.
15
ئۇ مېنىڭ ۋارقىرىغىنىمنى ئاڭلاپ، تونىنى ئېلىشقىمۇ ئۈلگۈرەلمەي، قېچىپ چىقىپ كەتتى، _ دېدى.
16
ئۇ يۈسۈپنىڭ تونىنى بەرمەي، ئېرىنىڭ كېلىشىنى كۈتتى.
17
ئېرى كەلگەندە، ئۇنىڭغا مۇنداق دېدى: _ سىز ئەكەلگەن ھېلىقى ئىبرانىي قۇل مېنىڭ ھۇجرامغا كىرىپ، ماڭا ھاقارەت قىلدى.
18
مەن ۋارقىرىغانىدىم، ئۇ تونىنى ئېلىشقىمۇ ئۈلگۈرەلمەي، قېچىپ چىقىپ كەتتى.
19
يۈسۈپنىڭ خوجايىنى ئايالىنىڭ يەنە: «سېنىڭ قۇلۇڭنىڭ ماڭا قىلغان مۇئامىلىسى مانا مۇشۇ!» دېگەنلىكىنى ئاڭلاپ، ئىنتايىن غەزەپلەندى.
20
ئۇ يۈسۈپنى تۇتۇپ، ئوردا زىندانىغا قاماپ قويدى. شۇنىڭ بىلەن يۈسۈپ ئۇ يەردە قاماقتا ياتتى.
21
لېكىن پەرۋەردىگار يۈسۈپكە يار بولۇپ، ئۇنىڭغا مېھىر-شەپقەت كۆرسەتتى. شۇڭا زىندان بېشى ئۇنى ياخشى كۆرۈپ،
22
ئۇنى زىنداندىكى باشقا مەھبۇسلارنى باشقۇرۇش ۋە زىندان ئىشلىرىغا مەسئۇل بولۇشقا تەيىنلىدى.
23
يۈسۈپ مەسئۇل بولغان ئىشلارغا زىندان بېشى باش قاتۇرمايدىغان بولدى. چۈنكى پەرۋەردىگار يۈسۈپكە يار بولغاچقا، ئۇ باشقۇرغان ھەممە ئىشلار ئوڭۇشلۇق بولاتتى.
← Chapter 38
Jump to:
Chapter 1
Chapter 2
Chapter 3
Chapter 4
Chapter 5
Chapter 6
Chapter 7
Chapter 8
Chapter 9
Chapter 10
Chapter 11
Chapter 12
Chapter 13
Chapter 14
Chapter 15
Chapter 16
Chapter 17
Chapter 18
Chapter 19
Chapter 20
Chapter 21
Chapter 22
Chapter 23
Chapter 24
Chapter 25
Chapter 26
Chapter 27
Chapter 28
Chapter 29
Chapter 30
Chapter 31
Chapter 32
Chapter 33
Chapter 34
Chapter 35
Chapter 36
Chapter 37
Chapter 38
Chapter 39
Chapter 40
Chapter 41
Chapter 42
Chapter 43
Chapter 44
Chapter 45
Chapter 46
Chapter 47
Chapter 48
Chapter 49
Chapter 50
Chapter 40 →
All chapters:
1
2
3
4
5
6
7
8
9
10
11
12
13
14
15
16
17
18
19
20
21
22
23
24
25
26
27
28
29
30
31
32
33
34
35
36
37
38
39
40
41
42
43
44
45
46
47
48
49
50