bible
ra
🌐 Language
English
Español
Français
Deutsch
Português
Italiano
Nederlands
Русский
中文
日本語
한국어
العربية
Türkçe
Tiếng Việt
ไทย
Indonesia
All Languages
Home
/
Uyghur
/
Uyghur Arabic 2005 (ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى)
/
Genesis 50
Genesis 50
Uyghur Arabic 2005 (ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى)
← Chapter 49
Jump to:
Chapter 1
Chapter 2
Chapter 3
Chapter 4
Chapter 5
Chapter 6
Chapter 7
Chapter 8
Chapter 9
Chapter 10
Chapter 11
Chapter 12
Chapter 13
Chapter 14
Chapter 15
Chapter 16
Chapter 17
Chapter 18
Chapter 19
Chapter 20
Chapter 21
Chapter 22
Chapter 23
Chapter 24
Chapter 25
Chapter 26
Chapter 27
Chapter 28
Chapter 29
Chapter 30
Chapter 31
Chapter 32
Chapter 33
Chapter 34
Chapter 35
Chapter 36
Chapter 37
Chapter 38
Chapter 39
Chapter 40
Chapter 41
Chapter 42
Chapter 43
Chapter 44
Chapter 45
Chapter 46
Chapter 47
Chapter 48
Chapter 49
Chapter 50
1
يۈسۈپ ئاتىسىنىڭ مېيىتىگە ئۆزىنى تاشلاپ، ھەسرەت بىلەن يىغلىدى ۋە يۈزىنى سۆيدى.
2
كېيىن يۈسۈپ قول ئاستىدىكى تېۋىپلىرىغا ئاتىسىنىڭ جەسىتىنى موملاشنى بۇيرۇدى. ئۇلار ياقۇپنىڭ جەسىتىنى مۇمىيالاشتى.
3
ئۇلار بۇ ئىش ئۈچۈن قىرىق كۈن سەرپ قىلدى، چۈنكى جەسەتنى مۇمىيالاش ئۈچۈن قىرىق كۈن ۋاقىت كېتەتتى. مىسىرلىقلار ئۇنىڭغا يەتمىش كۈن ماتەم تۇتتى.
4
قارىلىق تۇتۇش مەزگىلى ئۆتكەندىن كېيىن، يۈسۈپ پىرئەۋننىڭ ئەمەلدارلىرىغا: _ ئېغىر كۆرمىسەڭلار، پىرئەۋنگە مۇنداق دەڭلار:
5
«ئاتام جان ئۈزۈش ئالدىدا مېنى ئۆزىنى كەنئاندا تەييارلاپ قويغان يەرلىككە قويۇشۇمغا قەسەم قىلدۇرغانىدى. شۇنىڭ ئۈچۈن ماڭا ئىجازەت بەرسە، ئۇ يەرگە بېرىپ ئاتامنى دەپنە قىلىپ كەلسەم»، _ دېدى.
6
پىرئەۋن: _ بارسۇن، ئاتىسىغا بەرگەن قەسىمىنى ئورۇنداپ، ئاتىسى تەلەپ قىلغان جايغا دەپنە قىلسۇن، _ دەپ جاۋاب قايتۇردى.
7
شۇنىڭ بىلەن يۈسۈپ ئاتىسىنى دەپنە قىلغىلى كەتتى. پىرئەۋننىڭ بارلىق يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرى، يەنى ئوردا ئەمەلدارلىرى ۋە مىسىردىكى كۆزگە كۆرۈنگەن ئەربابلار يۈسۈپ بىلەن بىللە بېرىشتى.
8
يۈسۈپنىڭ پۈتۈن ئائىلىسى، قېرىنداشلىرى ۋە ئاتىسىنىڭ باشقا ئائىلە ئەزالىرىمۇ بىرگە باردى. پەقەت يۈسۈپنىڭ كىچىك بالىلىرى ۋە چارۋا ماللىرىلا گوشەندە قالدى.
9
ئۇنىڭ بىلەن بىرگە بارغانلارنىڭ ئىچىدە يەنە جەڭ ھارۋىلىرىنى ھەيدىگەن لەشكەرلەرمۇ بار ئىدى. شۇنداق قىلىپ، ئۇلار چوڭ بىر قوشۇنغا ئايلانغانىدى.
10
ئۇلار ئىئوردان دەرياسىنىڭ شەرقىي قىرغىقىغا جايلاشقان ئاتاد دېگەن يەردىكى خامانغا كەلگەندە، قاتتىق يىغا-زار قىلىشتى. ئۇلار ئۇ يەردە يەتتە كۈن ھازا تۇتتى.
11
بۇنى كۆرگەن كەنئانلىقلار: «مىسىرلىقلارنىڭ دەپنە مۇراسىمى نېمىدېگەن داغدۇغىلىق» دېيىشتى. شۇڭا بۇ يەرگە ئابېل-مىزرائىم [مەنىسى «مىسىرلىقلارنىڭ ھازا تۇتۇشى»] دەپ نام قويۇلدى.
12
شۇنداق قىلىپ، ياقۇپنىڭ ئوغۇللىرى ئاتىسىنىڭ تاپشۇرۇقى بويىچە
13
ئۇنىڭ جەسىتىنى كەنئانغا ئاپىرىپ، مامرەنىڭ شەرقىدىكى ماكپېلادىكى ئۆڭكۈرگە دەپنە قىلدى. ئىبراھىم بۇ ئۆڭكۈر بىلەن يەرنى خىتلاردىن بولغان ئەفروندىن قەبرە قىلىش ئۈچۈن سېتىۋالغانىدى.
14
يۈسۈپ ئاتىسىنى دەپنە قىلىپ بولۇپ، ئۆز قېرىنداشلىرى ۋە دەپنە مۇراسىمىغا قاتنىشىش ئۈچۈن كەلگەن بارلىق كىشىلەر بىلەن بىرگە مىسىرغا قايتتى.
15
يۈسۈپنىڭ قېرىنداشلىرى ئاتىسى ئۆلگەندىن كېيىن: «بىز بۇرۇن يۈسۈپكە يامانلىق قىلغانىدۇق، ئەگەر ئۇ كۆڭلىدە بىزگە ئاداۋەت ساقلاپ، بىزدىن ئىنتىقام ئالسا، بىز قانداق قىلىمىز؟» دەپ ئويلاشتى.
16
شۇڭا ئۇلار بىر كىشى ئارقىلىق يۈسۈپكە: «ئاتىمىز جان ئۈزۈش ئالدىدا
17
بىزگە ساڭا بۇ سۆزلەرنى ئېيتىپ قويۇشىمىزنى تاپىلاپ: ‹ئاكىلىرىڭ ساڭا يامانلىق قىلىپ قويدى. ئۇلارنىڭ گۇناھىنى كەچۈرۈۋەتكىن› دېگەنىدى. شۇنىڭ ئۈچۈن ئاتىمىز ئىبادەت قىلغان خۇدانىڭ خىزمەتكارلىرى بولغان بىزلەر سەندىن گۇناھىمىزنى كەچۈرۈۋېتىشىڭنى سورايمىز» دەپ سۆز يەتكۈزدى. يۈسۈپ بۇ سۆزنى ئاڭلاپ يىغلىۋەتتى.
18
ئاندىن يۈسۈپنىڭ قېرىنداشلىرى ئۇنىڭ ئالدىغا بېرىپ، بېشى يەرگە تەگكۈچە تەزىم قىلىپ، مۇنداق دېدى: _ بىز سېنىڭ قۇلۇڭ بولايلى!
19
يۈسۈپ ئۇلارغا: _ قورقماڭلار! مەن سىلەرنى جازالايدىغانغا خۇدا ئەمەسمەن!
20
سىلەر ئەسلىدە ماڭا زىيانكەشلىك قىلماقچىدىڭلار، لېكىن خۇدا نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ھاياتىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن يامان نىيىتىڭلارنى ياخشىلىققا ئايلاندۇردى. مانا بۈگۈن شۇنچە نۇرغۇن كىشىلەر ھايات قالدى.
21
قورقماڭلار، مەن چوقۇم سىلەرنىڭ ۋە پەرزەنتلىرىڭلارنىڭ ھالىدىن ياخشى خەۋەر ئالىمەن، _ دېدى. يۈسۈپنىڭ قېرىنداشلىرىغا مېھرىبانلىق بىلەن تەسەللى بېرىشى ئۇلارنى خاتىرجەم قىلدى.
22
يۈسۈپ ۋە ئۇنىڭ ئاتىسىنىڭ ئۇرۇق-جەمەتى مىسىردا ياشاپ قالدى. يۈسۈپ 110 يىل ئۆمۈر كۆردى.
23
ئۇ ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرگەنلىكى ئۈچۈن، ئوغلى ئەفرايىمنىڭ ئۈچىنچى ئەۋلادىنى كۆرۈشكە مۇيەسسەر بولدى. يۈسۈپ ماناسسەنىڭ ئوغلى ماكىرنىڭ ئوغۇللىرىنىمۇ ئۆز پەرزەنتلىرى قاتارىدا قوبۇل قىلدى.
24
ئۇ قېرىنداشلىرىغا: _ مەن ئالەمدىن ئۆتۈشكە ئاز قالدىم. خۇدا چوقۇم سىلەردىن خەۋەر ئالىدۇ ۋە سىلەرنى بۇ يەردىن ئېلىپ ئىبراھىم، ئىسھاق ۋە ياقۇپقا بېرىشكە ۋەدە قىلغان زېمىنغا باشلاپ بارىدۇ، _ دېدى.
25
ئاندىن يۈسۈپ ئىسرائىل خەلقىگە: _ خۇدا سىلەرگە كۆڭۈل بۆلۈپ، سىلەرنى ئۇ يەرگە ئېلىپ بارىدىغان ۋاقىتتا، مېنىڭ جەسىتىمنى بىرگە ئېلىپ كېتىشكە ئالدىمدا قەسەم قىلىڭلار! _ دېدى.
26
يۈسۈپ 110 يېشىدا مىسىردا ئالەمدىن ئۆتتى. مىسىرلىقلار ئۇنىڭ جەسىتىنى مۇمىيالاپ، ساندۇققا سېلىپ قويدى.
← Chapter 49
Jump to:
Chapter 1
Chapter 2
Chapter 3
Chapter 4
Chapter 5
Chapter 6
Chapter 7
Chapter 8
Chapter 9
Chapter 10
Chapter 11
Chapter 12
Chapter 13
Chapter 14
Chapter 15
Chapter 16
Chapter 17
Chapter 18
Chapter 19
Chapter 20
Chapter 21
Chapter 22
Chapter 23
Chapter 24
Chapter 25
Chapter 26
Chapter 27
Chapter 28
Chapter 29
Chapter 30
Chapter 31
Chapter 32
Chapter 33
Chapter 34
Chapter 35
Chapter 36
Chapter 37
Chapter 38
Chapter 39
Chapter 40
Chapter 41
Chapter 42
Chapter 43
Chapter 44
Chapter 45
Chapter 46
Chapter 47
Chapter 48
Chapter 49
Chapter 50
All chapters:
1
2
3
4
5
6
7
8
9
10
11
12
13
14
15
16
17
18
19
20
21
22
23
24
25
26
27
28
29
30
31
32
33
34
35
36
37
38
39
40
41
42
43
44
45
46
47
48
49
50