bible
ra
🌐 Language
English
Español
Français
Deutsch
Português
Italiano
Nederlands
Русский
中文
日本語
한국어
العربية
Türkçe
Tiếng Việt
ไทย
Indonesia
All Languages
Home
/
Uyghur
/
Uyghur Arabic 2005 (ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى)
/
Genesis 34
Genesis 34
Uyghur Arabic 2005 (ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى)
← Chapter 33
Jump to:
Chapter 1
Chapter 2
Chapter 3
Chapter 4
Chapter 5
Chapter 6
Chapter 7
Chapter 8
Chapter 9
Chapter 10
Chapter 11
Chapter 12
Chapter 13
Chapter 14
Chapter 15
Chapter 16
Chapter 17
Chapter 18
Chapter 19
Chapter 20
Chapter 21
Chapter 22
Chapter 23
Chapter 24
Chapter 25
Chapter 26
Chapter 27
Chapter 28
Chapter 29
Chapter 30
Chapter 31
Chapter 32
Chapter 33
Chapter 34
Chapter 35
Chapter 36
Chapter 37
Chapter 38
Chapter 39
Chapter 40
Chapter 41
Chapter 42
Chapter 43
Chapter 44
Chapter 45
Chapter 46
Chapter 47
Chapter 48
Chapter 49
Chapter 50
Chapter 35 →
1
بىر كۈنى ياقۇپنىڭ لېياھتىن بولغان قىزى دىنا يەرلىك كەنئانلىقلارنىڭ قىزلىرى بىلەن كۆرۈشكىلى چىقتى.
2
ئۇ يەرنىڭ قەبىلە باشلىقى خىۋلاردىن بولغان خامورنىڭ شەكەم ئىسىملىك بىر ئوغلى بار ئىدى. ئۇ دىنانى كۆرۈپ قېلىپ، ئۇنى تۇتۇۋېلىپ، ئۇنىڭ نومۇسىغا تەگدى.
3
لېكىن ئۇ دىنانى ياخشى كۆرۈپ قېلىپ، تاتلىق سۆزلەر بىلەن ئۇنىڭ مۇھەببىتىگە ئېرىشمەكچى بولدى.
4
ئۇ ئاتىسى خامورغا: _ مەيلى قانداق بولمىسۇن، مۇشۇ قىزنى خوتۇنلۇققا ئېلىپ بەر، _ دېدى.
5
ياقۇپ قىزىنىڭ دەپسەندە قىلىنغانلىقىدىن خەۋەر تاپتى. لېكىن ئۇ چاغدا ئوغۇللىرى يايلاقتا مال بېقىۋاتقاچقا، داۋراڭ سالماي، ئۇلارنىڭ كېلىشىنى كۈتتى.
6
شەكەمنىڭ ئاتىسى خامور ياقۇپنىڭ ئالدىغا قىزىنى سوراپ كەلگەندە،
7
ياقۇپنىڭ ئوغۇللىرى يايلاقتىن يېڭىلا كەلگەنىدى. ئۇلار بۇ ئىشتىن خەۋەر تېپىپ، قاتتىق غەزەپكە كەلدى ۋە شەكەمنىڭ ئۆزلىرىنىڭ سىڭلىسى بولغان دىنانىڭ نومۇسىغا تېگىشىنى پۈتۈن ئىسرائىل قەبىلىسىنى ھاقارەتلەيدىغان، شۇنداقلا يۈز بېرىشكە تېگىشلىك بولمىغان سەتچىلىك، دەپ قارىدى.
8
خامور ئۇلارغا: _ ئوغلۇم شەكەم دىنانى ياخشى كۆرۈپ قاپتۇ. ئوغلۇمنىڭ ئۇنى نىكاھىغا ئېلىشىغا رۇخسەت قىلغايسىلەر.
9
بىز ئىككى قەبىلە قۇدا بولايلى، سىلەرنىڭ قىزلىرىڭلارنى بىز ئالايلى، بىزنىڭ قىزلىرىمىزنى سىلەر ئېلىڭلار.
10
شۇنداق قىلساڭلار، سىلەر بىزنىڭ يۇرتىمىزدا خالىغان يېرىڭلاردا ئولتۇراقلىشىپ، ئەركىن سودا قىلىپ، يەر-زېمىن سېتىۋالالايسىلەر، _ دېدى.
11
ئارقىدىن شەكەم ئۆزى دىنانىڭ ئاتىسى ۋە قېرىنداشلىرىدىن مۇنداق دەپ ئۆتۈندى: _ سىلەرنىڭ مەرھەمىتىڭلارغا ئېرىشسەم، مەندىن نېمە تەلەپ قىلساڭلار شۇنى بېرىمەن.
12
پەقەت دىنانى نىكاھىمغا ئېلىشىمغا رۇخسەت قىلساڭلار، قانچىلىك تويلۇق تەلەپ قىلساڭلار قولۇم كۆكسۈمدە.
13
شەكەم دىنانىڭ نومۇسىغا تەگكەنلىكى ئۈچۈن، دىنانىڭ ئاكىلىرى شەكەم ۋە ئاتىسى خامورنى ئالداپ،
14
مۇنداق دېدى: _ بىز سىڭلىمىزنى خەتنە قىلىنمىغان كىشىگە بەرمەيمىز. بۇنداق قىلىش بىزگە نومۇس.
15
پەقەت سىلەر بىر شەرتنى قوبۇل قىلساڭلار، سىلەرنىڭ تەلىپىڭلارغا ماقۇل بولىمىز. سىلەر بىزگە ئوخشاش ھەممە ئەرلىرىڭلارنى خەتنە قىلدۇرۇڭلار.
16
شۇنداق بولغاندا، بىز قىزلىرىمىزنى سىلەرگە بېرىمىز ھەم قىزلىرىڭلارنى ئالىمىز ۋە يۇرتۇڭلاردا تۇرۇپ قېلىپ، سىلەر بىلەن بىر خەلق بولىمىز.
17
ئەگەر سىلەر بىزنىڭ خەتنە قىلىش توغرىسىدىكى شەرتىمىزنى قوبۇل قىلمىساڭلار، سىڭلىمىزنى بۇ يەردىن ئېلىپ كېتىمىز، _ دېدى.
18
ئۇلارنىڭ بۇ سۆزلىرى خامور ۋە ئوغلى شەكەمنىڭ قۇلىقىغا ياقتى.
19
شەكەم ياقۇپنىڭ قىزى دىناغا كۆيۈپ قالغاچقا، خەتنە قىلدۇرۇشقا ئالدىرىدى. ئۇ ئائىلىسىدە ئاتىسىدىن قالسىلا ئەڭ ئابرۇيلۇق ئادەم ئىدى.
20
شۇنىڭ بىلەن خامور ۋە شەكەم شەھەر دەرۋازىسى ئالدىدىكى كىشىلەر يىغىلىدىغان جايغا بېرىپ، يۇرت ئەھلىگە:
21
_ بۇ كىشىلەر دوستانە ئادەملەر ئىكەن. ئۇلارنىڭ بۇ يەردە تۇرۇپ قېلىشىغا ۋە سودا-سېتىق ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىشىغا رۇخسەت قىلايلى. زېمىنىمىز كەڭ، ئۇلار سىغىپ كېتىدۇ. بىز ئۇلارنىڭ قىزلىرىنى ئالساق، ئۇلار بىزنىڭ قىزلىرىمىزنى ئالسا بولىدۇ.
22
لېكىن بۇ كىشىلەر بىزگە بىر شەرت قويۇۋاتىدۇ، يەنى بىزنىڭ ئەرلىرىمىز ئۇلارنىڭ ئەرلىرىگە ئوخشاش خەتنە قىلدۇرۇلۇشى كېرەك ئىكەن. ئەگەر بىز بۇ شەرتنى قوبۇل قىلساق، ئۇلار بىز بىلەن بىرگە ياشاپ، بىز بىلەن بىر خەلق بولىدىكەن.
23
بىز ئۇلارنى بۇ يەردە ئېلىپ قېلىش ئۈچۈن بۇ شەرتكە ماقۇل بولايلى. شۇنداق قىلساق، ئۇلارنىڭ چارۋا ماللىرى ۋە پۈتۈن مۈلكى بىزنىڭ بولمامدۇ؟ _ دېدى.
24
خامور بىلەن شەكەمنىڭ تەكلىپىنى شەھەر دەرۋازىسى ئالدىغا يىغىلغان پۈتۈن يۇرت ئەھلى قۇۋۋەتلىدى. شۇنىڭ بىلەن شەھەردىكى ئەرلەرنىڭ ھەممىسى خەتنە قىلدۇردى.
25
ئارىدىن ئۈچ كۈن ئۆتتى، خەتنە قىلدۇرغان ئەرلەر تېخى ساقايمىغانىدى. ياقۇپنىڭ ئىككى ئوغلى، يەنى دىنانىڭ ئاكىلىرى بولغان شىمون بىلەن لاۋىي قولىغا قىلىچ ئېلىپ، شەھەرگە توسالغۇسىز بۆسۈپ كىرىپ، شەھەردىكى پۈتۈن ئەرلەرنى قىرىپ تاشلىدى.
26
ھەتتا خامور بىلەن ئوغلى شەكەمنىمۇ ئۆلتۈرۈۋەتتى. ئاندىن ئۇلار شەكەمنىڭ ئۆيىدىن دىنانى ئېلىپ چىقتى.
27
قىرغىنچىلىقتىن كېيىن ياقۇپنىڭ باشقا ئوغۇللىرى شەھەرنى بۇلاڭ-تالاڭ قىلىپ، سىڭلىسى ئۈچۈن ئىنتىقام ئالدى.
28
ئۇلار شەھەر ۋە دالالاردىكى كالا، قوي، ئۆچكە، ئېشەك ۋە باشقا نەرسىلەرنى بۇلاپ كەتتى.
29
شۇنداقلا، ئۇلار يەنە بارلىق قىممەتلىك بايلىقلارنى ۋە ھەممە ئۆيلەردىكى بار بىساتلارنى بۇلاڭ-تالاڭ قىلدى، خوتۇن-قىزلىرى، بالىلىرىنى ئەسىرگە ئالدى.
30
ياقۇپ شىمون بىلەن لاۋىيغا: _ سىلەر مېنى بالاغا تىقتىڭلار. بۈگۈندىن باشلاپ، كەنئانلىقلار، پەرىززىلەر ۋە بۇ يەردىكى باشقا ئەللەر ماڭا ئۆچمەنلىك قىلىدۇ. بىزنىڭ ئادەم سانىمىز ئاز، ئەگەر ئۇلار بىرلىشىپ بىزگە ھۇجۇم قىلسا، پۈتۈن ئائىلىمىز ھالاك بولىدۇ، _ دېدى.
31
لېكىن ئۇلار: _ ئۇنداقتا، ئۇلار سىڭلىمىزغا پاھىشە ئايالغا قىلىدىغان مۇئامىلىنى قىلسا بولامدۇ؟! _ دەپ جاۋاب قايتۇرۇشتى.
← Chapter 33
Jump to:
Chapter 1
Chapter 2
Chapter 3
Chapter 4
Chapter 5
Chapter 6
Chapter 7
Chapter 8
Chapter 9
Chapter 10
Chapter 11
Chapter 12
Chapter 13
Chapter 14
Chapter 15
Chapter 16
Chapter 17
Chapter 18
Chapter 19
Chapter 20
Chapter 21
Chapter 22
Chapter 23
Chapter 24
Chapter 25
Chapter 26
Chapter 27
Chapter 28
Chapter 29
Chapter 30
Chapter 31
Chapter 32
Chapter 33
Chapter 34
Chapter 35
Chapter 36
Chapter 37
Chapter 38
Chapter 39
Chapter 40
Chapter 41
Chapter 42
Chapter 43
Chapter 44
Chapter 45
Chapter 46
Chapter 47
Chapter 48
Chapter 49
Chapter 50
Chapter 35 →
All chapters:
1
2
3
4
5
6
7
8
9
10
11
12
13
14
15
16
17
18
19
20
21
22
23
24
25
26
27
28
29
30
31
32
33
34
35
36
37
38
39
40
41
42
43
44
45
46
47
48
49
50