bible
ra
🌐 Language
English
Español
Français
Deutsch
Português
Italiano
Nederlands
Русский
中文
日本語
한국어
العربية
Türkçe
Tiếng Việt
ไทย
Indonesia
All Languages
Home
/
Uyghur
/
Uyghur Arabic 2005 (ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى)
/
Genesis 44
Genesis 44
Uyghur Arabic 2005 (ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى)
← Chapter 43
Jump to:
Chapter 1
Chapter 2
Chapter 3
Chapter 4
Chapter 5
Chapter 6
Chapter 7
Chapter 8
Chapter 9
Chapter 10
Chapter 11
Chapter 12
Chapter 13
Chapter 14
Chapter 15
Chapter 16
Chapter 17
Chapter 18
Chapter 19
Chapter 20
Chapter 21
Chapter 22
Chapter 23
Chapter 24
Chapter 25
Chapter 26
Chapter 27
Chapter 28
Chapter 29
Chapter 30
Chapter 31
Chapter 32
Chapter 33
Chapter 34
Chapter 35
Chapter 36
Chapter 37
Chapter 38
Chapter 39
Chapter 40
Chapter 41
Chapter 42
Chapter 43
Chapter 44
Chapter 45
Chapter 46
Chapter 47
Chapter 48
Chapter 49
Chapter 50
Chapter 45 →
1
يۈسۈپ غوجىدارىغا: _ سەن ئۇلارنىڭ تاغارلىرىغا ئۇلار ئېلىپ كېتەلىگۈدەك ئاشلىق قاچىلاپ، پۇللىرىنى تاغارلىرىغا سېلىپ قوي.
2
ئۇلارنىڭ ئەڭ كىچىكىنىڭ تاغىرىغا مېنىڭ كۈمۈش جامىم بىلەن پۇلىنى سېلىپ قوي! _ دەپ بۇيرۇق قىلدى. غوجىدار بۇيرۇققا بىنائەن شۇنداق قىلدى.
3
ئەتىسى تاڭ سەھەردە يۈسۈپنىڭ قېرىنداشلىرى ئېشەكلىرى بىلەن يولغا سېلىپ قويۇلدى.
4
ئۇلار شەھەردىن چىقىپ ئانچە يىراققا بارمايلا، يۈسۈپ غوجىدارىغا: _ سەن دەرھال ئۇلارنىڭ كەينىدىن قوغلاپ بېرىپ، ئۇلارغا: «سىلەر نېمىشقا ياخشىلىققا يامانلىق قىلىسىلەر؟
5
نېمىشقا خوجايىنىمنىڭ كۈمۈش جامىنى ئوغرىلاپ كېتىسىلەر؟ خوجايىنىم ئۇ جامدا ھەم شاراب ئىچەتتى، ھەم پال ئاچاتتى. سىلەر ئېغىر گۇناھ ئۆتكۈزدۈڭلار!» دېگىن، _ دېدى.
6
غوجىدار ئۇلارغا يېتىشىپ، يۈسۈپنىڭ سۆزىنى ئۇلارغا دېدى.
7
ئۇلار: _ غوجام، بۇ نېمە دېگەنلىرى؟ بىز بۇنداق ئىشتىن نېرىدۇرمىز!
8
ئۆزلىرىگە مەلۇم، بىز ھەتتا ئۆتكەن قېتىمدا تاغارلىرىمىزدا پۇللارنىڭ بارلىقىنى كۆرۈپ، ئۇنى كەنئاندىن قايتۇرۇپ ئەكەلگەن تۇرساق، خوجايىنلىرىنىڭ ئالتۇن-كۈمۈشلىرىنى ئوغرىلامدۇق؟
9
ئەگەر ئۆزلىرى قايسىمىزنىڭ تاغىرىدىن جامنى تېپىۋالسىلا، شۇ ئۆلۈمگە مەھكۇم بولسۇن. قالغانلىرىمىزمۇ ئۆزلىرىنىڭ قۇلى بولايلى! _ دېيىشتى.
10
غوجىدار: _ دېگىنىڭلاردەك بولسۇن. كىم جامنى ئوغرىلىغان بولسا، شۇ مېنىڭ قۇلۇم بولسۇن. قالغانلىرىڭلار قايتىپ كەتسەڭلار بولىدۇ، _ دېدى.
11
شۇنىڭ بىلەن ھەركىم ئۆزىنىڭ تاغارلىرىنى دەرھال ئېشەكلىرىدىن يەرگە چۈشۈرۈپ، ئاغزىنى ئاچتى.
12
غوجىدار چوڭىنىڭ تاغىرىدىن كىچىكىنىڭ تاغىرىغىچە ئاختۇرۇپ چىقتى. ئاخىردا كۈمۈش جامنى بىنيامىننىڭ تاغىرىدىن تېپىۋالدى.
13
قېرىنداشلىرى ئۈمىدسىزلەنگەن ھالدا كىيىملىرىنى يىرتىشىپ، يۈك-تاقلىرىنى ئېشەكلىرىگە ئارتىشىپ، ئارقىسىغا، يەنى كەلگەن شەھەرگە قايتىپ كېلىشتى.
14
يەھۇدا ۋە قېرىنداشلىرى يۈسۈپنىڭ ئۆيىگە قايتىپ بارغىنىدا، يۈسۈپ تېخى ئۆيىدە ئىدى. ئۇلار يۈسۈپنى كۆرۈپ، ئۆزلىرىنى ئۇنىڭ ئالدىغا تاشلىدى.
15
يۈسۈپ ئۇلارغا: _ سىلەرنىڭ بۇ نېمە قىلغىنىڭلار؟ مەندەك بىر ئادەمنىڭ پال ئاچالايدىغانلىقىنى بىلمەمتىڭلار؟ _ دېدى.
16
يەھۇدا جاۋابەن: _ ئى ئالىيلىرى، بىز بۇ ئىشقا نېمە دېيەلەيمىز؟ ئۇنى ئالمىدۇق، دەپ قانداقمۇ ئۆزىمىزنى ئاقلىيالايمىز؟ خۇدا بىزنىڭ گۇناھىمىزنى ئاشكارا قىلدى. ئەمدى بىز جاملىرىنى ئېلىۋالغان ئىنىمىز بىلەن بىرگە سىلىنىڭ قۇللىرى بولايلى! _ دېدى.
17
يۈسۈپ ئۇلارغا: _ ياق، ھەرگىز ھەممىڭلارنى قۇل قىلمايمەن! پەقەت جامنى ئالغان كىشىلا ماڭا قۇل بولسۇن. قالغانلىرىڭلار ئاتاڭلارنىڭ يېنىغا قايتىپ كېتىڭلار، ئامان-ئېسەن بولۇڭلار، _ دېدى.
18
يەھۇدا يۈسۈپنىڭ ئالدىغا بېرىپ: _ ئى جانابلىرى، ئۆزلىرىگە ئەھۋالنى ئوچۇق بايان قىلىشىمغا رۇخسەت قىلغايلا. ئۆزلىرى پىرئەۋن بىلەن باراۋەر ئادەم، كەمىنىلىرىگە رەھىم قىلغايلا!
19
ئۆزلىرى بىزدىن: «سىلەرنىڭ ئاتاڭلار ياكى باشقا قېرىنداشلىرىڭلار بارمۇ؟» دەپ سورىغانىدىلە،
20
بىز: «ياشىنىپ قالغان ئاتىمىز ۋە ئاتىمىز ياشىنىپ قالغاندا كۆرگەن بىر كىچىك ئىنىمىز بار. بۇ ئىنىمىزنىڭ بىر قورساقتىن بولغان ئاكىسى ئۆلۈپ كەتكەن. ئۇ ئۇلارنىڭ ئانىسىدىن قالغان بىردىنبىر بالا، شۇڭا ئاتىمىز ئۇنىڭغا بەك ئامراق» دېگەنىدۇق.
21
ئۆزلىرى بىزگە: «ئۇنى ئېلىپ كېلىڭلار، ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرەي» دەپ تاپىلىغانىدىلە.
22
لېكىن بىز بۇ بالىنىڭ ئاتىسىدىن ئايرىلالمايدىغانلىقىنى، ئەگەر ئايرىلسا، ئاتىمىزنىڭ چوقۇم ئۆلىدىغانلىقىنى ئېيتقانىدۇق.
23
ئۆزلىرى بىزگە: «كىچىك ئىنىڭلارنى ئېلىپ كەلمىگۈچە، يۈزۈمگە قارىغۇچى بولماڭلار!» دېگەنىدىلە.
24
بىز ئاتىمىزنىڭ يېنىغا بېرىپ، ئۆزلىرىنىڭ سۆزلىرىنى يەتكۈزدۇق.
25
كېيىن ئاتىمىز بىزنى يەنە ئاشلىق ئەكېلىشكە بۇيرۇدى.
26
بىز ئۇنىڭغا: «ئىنىمىز بىز بىلەن بىرگە بارمىغۇچە، بىز ئۇ كىشىنىڭ يۈزىگە قارىيالمايمىز. كىچىك ئىنىمىز بىز بىلەن بىرگە بارمىسا، بىزمۇ بارمايمىز» دېدۇق.
27
ئاتىمىز بىزگە: «سىلەرگە مەلۇمكى، ئايالىم راھىلە ماڭا پەقەت ئىككى ئوغۇل تۇغۇپ بەردى.
28
ئۇلارنىڭ بىرى مەندىن جۇدا بولدى. ئۇ مەندىن ئايرىلغاندىن كېيىن، ئۇنى قايتا كۆرمىدىم. ئۇ چوقۇم يىرتقۇچ ھايۋانلارغا يەم بولدى.
29
ئەگەر سىلەر بۇ ئوغلۇمنى مەندىن ئېلىپ كېتىپ، ئۇمۇ يولدا بىرەر پىشكەللىككە يولۇقۇپ قالسا، قېرىغىنىمدا ھەسرەت چېكىپ، ئۆلۈپ كېتىمەن» دېدى.
30
ئەمدى ئويلاپ باقسىلا! ئەگەر بىز بۇ بالىنى ئېلىپ كەتمىسەك، ئاتىمىز بۇ بالىنىڭ قايتىپ كەلمىگەنلىكىنى كۆرۈپلا، ھاياتىدىن ئايرىلىدۇ. چۈنكى ئاتىمىزنىڭ ھاياتى بۇ بالىنىڭ تەقدىرىگە باغلىقتۇر.
31
ئاتىمىز بىلەن كۆرۈشكىنىمىزدە ئىنىمىز يېنىمىزدا بولمىسا، ئۇ قېرىغىنىدا ھەسرەت چېكىپ ئۆلۈپ كېتىدۇ. ئۇنىڭ ئۆلۈشىگە بىز سەۋەبچى بولغان بولىمىز.
32
كەمىنىلىرى ئاتامغا كېپىللىك بېرىپ: «ئەگەر بالىنى قايتۇرۇپ ئەكەلمىسەم، ئۆمۈرۋايەت گۇناھكار بولۇپ ئۆتەي» دېگەنىدىم.
33
شۇڭا ئى جانابلىرى، بۇ بالا ئۈچۈن كەمىنىلىرى بۇ يەردە قېلىپ، ئۆزلىرىگە قۇل بولاي. ئۇ بالا ئاكىلىرى بىلەن بىرگە قايتىپ كەتسۇن!
34
ئەگەر مەن بۇ بالىسىز يالغۇز كەتسەم، ئاتامنىڭ يۈزىگە قانداق قارىيالايمەن؟ مەن ئاتامنىڭ بۇنداق بالا-قازاغا ئۇچرىشىغا چىداپ تۇرالمايمەن! _ دېدى.
← Chapter 43
Jump to:
Chapter 1
Chapter 2
Chapter 3
Chapter 4
Chapter 5
Chapter 6
Chapter 7
Chapter 8
Chapter 9
Chapter 10
Chapter 11
Chapter 12
Chapter 13
Chapter 14
Chapter 15
Chapter 16
Chapter 17
Chapter 18
Chapter 19
Chapter 20
Chapter 21
Chapter 22
Chapter 23
Chapter 24
Chapter 25
Chapter 26
Chapter 27
Chapter 28
Chapter 29
Chapter 30
Chapter 31
Chapter 32
Chapter 33
Chapter 34
Chapter 35
Chapter 36
Chapter 37
Chapter 38
Chapter 39
Chapter 40
Chapter 41
Chapter 42
Chapter 43
Chapter 44
Chapter 45
Chapter 46
Chapter 47
Chapter 48
Chapter 49
Chapter 50
Chapter 45 →
All chapters:
1
2
3
4
5
6
7
8
9
10
11
12
13
14
15
16
17
18
19
20
21
22
23
24
25
26
27
28
29
30
31
32
33
34
35
36
37
38
39
40
41
42
43
44
45
46
47
48
49
50