bible
ra
🌐 Language
English
Español
Français
Deutsch
Português
Italiano
Nederlands
Русский
中文
日本語
한국어
العربية
Türkçe
Tiếng Việt
ไทย
Indonesia
All Languages
Home
/
Uyghur
/
Uyghur Arabic 2005 (ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى)
/
Numbers 18
Numbers 18
Uyghur Arabic 2005 (ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى)
← Chapter 17
Jump to:
Chapter 1
Chapter 2
Chapter 3
Chapter 4
Chapter 5
Chapter 6
Chapter 7
Chapter 8
Chapter 9
Chapter 10
Chapter 11
Chapter 12
Chapter 13
Chapter 14
Chapter 15
Chapter 16
Chapter 17
Chapter 18
Chapter 19
Chapter 20
Chapter 21
Chapter 22
Chapter 23
Chapter 24
Chapter 25
Chapter 26
Chapter 27
Chapter 28
Chapter 29
Chapter 30
Chapter 31
Chapter 32
Chapter 33
Chapter 34
Chapter 35
Chapter 36
Chapter 19 →
1
پەرۋەردىگار ھارۇنغا مۇنداق دېدى: _ سەن، ئوغۇللىرىڭ ۋە لاۋىي قەبىلىسىدىكى قېرىنداشلىرىڭ ئىبادەت چېدىرى توغرۇلۇق چۈشۈرگەن ئەمرلىرىمگە خىلاپلىق قىلساڭلار، جاۋابكار بولىسىلەر. روھانىيلارنىڭ ۋەزىپىلىرىگە دەخلى قىلىنغان سەۋەنلىكلەرگە پەقەت سەن ۋە ئوغۇللىرىڭلا جاۋابكار بولىسىلەر.
2
سەن ۋە ئوغۇللىرىڭ ئەھدە چېدىرىنىڭ ئالدىدا خىزمەتتە بولغىنىڭلاردا، لاۋىي قەبىلىسىدىكى قېرىنداشلىرىڭلارنى بىرگە ئېلىۋېلىپ، ئۆزۈڭلارغا ياردەملەشتۈرۈڭلار.
3
ئۇلار سېنىڭ ۋە چېدىرنىڭ خىزمىتىدە بولسۇن. لېكىن ئۇلار چېدىرنىڭ ئىچىدىكى مۇقەددەس بۇيۇملارغا ۋە قۇربانلىق سۇپىسىغا يېقىنلاشمىسۇن. بولمىسا، ئۇلار ھەم سىلەر ھالاك بولىسىلەر.
4
ئۇلار ساڭا ياردەملىشىپ، ئۇچرىشىش چېدىرىغا قاراشقا، چېدىرنىڭ بارلىق ئىشلىرىنى بىر تەرەپ قىلىشقا مەسئۇل بولسۇن. لاۋىيلاردىن باشقىلارنىڭ سىلەرگە يېقىنلىشىشىغا بولمايدۇ.
5
سىلەر ئۇچرىشىش چېدىرى ۋە قۇربانلىق سۇپىسىغا قاراشقا مەسئۇل بولىسىلەر. سىلەر ئۆز مەجبۇرىيىتىڭلارنى ئادا قىلىپ، ئىسرائىللارغا يەنە غەزەپ قىلىشىمدىن ساقلىنىڭلار.
6
مەن پەرۋەردىگار ئىسرائىللارنىڭ ئارىسىدىن قېرىنداشلىرىڭ بولغان لاۋىيلارنى تاللاپ، ئۇلارنى ساڭا ياردەمچى قىلىپ، ئۇچرىشىش چېدىرىغا قاراشقا مەسئۇل قىلدىم.
7
قۇربانلىق سۇپىسى ۋە ئەڭ مۇقەددەس جايغا مۇناسىۋەتلىك روھانىيلىق ۋەزىپىسىگە پەقەت سەن ۋە ئوغۇللىرىڭ مەسئۇل بولىسىلەر. بۇ سىلەرنىڭ مەسئۇلىيىتىڭلار. چۈنكى مەن روھانىيلىق خىزمىتىنى سىلەرگە ھەدىيە قىلدىم. باشقىلار مۇقەددەس جايغا يېقىن بارسا، چوقۇم ئۆلتۈرۈڭلار.
8
پەرۋەردىگار ھارۇنغا مۇنداق دېدى: _ سېنى ئىسرائىللار ماڭا تەقدىم قىلغان ھەدىيەلەرگە قاراشقا مەسئۇل قىلدىم. ماڭا ئاتالغان ھەدىيەلەرنى ساڭا ۋە ئوغۇللىرىڭغا تەقدىم قىلىپ، سىلەرنىڭ ئېرىشىشكە تېگىشلىك بولغان نېسىۋەڭلار قىلدىم. بۇ سىلەرنىڭ مەڭگۈلۈك ئۈلۈشۈڭلاردۇر.
9
ئىسرائىللار ماڭا ھەدىيە قىلغان ئەڭ مۇقەددەس نەرسىلەردىن مەيلى ئاشلىق ھەدىيەسى بولسۇن، مەيلى گۇناھ كەچۈرۈم قىلىنىش قۇربانلىقى بولسۇن، مەيلى ئەيىب قۇربانلىقى بولسۇن، ھەممىسىنىڭ كۆيدۈرۈلمىگەن قىسمى ساڭا ۋە ئەۋلادلىرىڭغا تەۋەدۇر.
10
بۇ نەرسىلەرنى ئەڭ مۇقەددەس بىلىپ، پەقەت ئەرلەر يېسۇن. بۇ نەرسىلەرنى مۇقەددەس نەرسە دەپ بىلسۇن.
11
ئىسرائىللارنىڭ ئېگىز كۆتۈرۈپ قىلغان ھەدىيەلىرى ساڭا مەنسۇپتۇر. مەن بۇلارنى ساڭا ۋە ئوغۇل-قىزلىرىڭغا تەقدىم قىلدىم. بۇ سىلەرنىڭ مەڭگۈلۈك ئۈلۈشۈڭلاردۇر. ئائىلەڭدىكى پاك بولغان كىشىلەرنىڭ ھەممىسى بۇنى يېسە بولىدۇ.
12
ئسرائىللار ماڭا تۇنجى ھوسۇلدىن ئېلىپ ھەدىيە قىلغان ئەڭ ياخشى، يېڭى زەيتۇن يېغىنى، شارابلىرىنى ۋە ئاشلىقلىرىنى ساڭا تەقدىم قىلدىم.
13
ئۇلار مەن پەرۋەردىگارغا ھەدىيە قىلغان بارلىق تۇنجى پىشقان زىرائەتلىرىنىڭ ھەممىسى سېنىڭ بولسۇن. ئائىلەڭدىكى پاك بولغان ھەممە كىشىلەر ئۇنى يېسە بولىدۇ.
14
ئىسرائىللار ماڭا ئاتىغان بارلىق نەرسىلەرمۇ ساڭا مەنسۇپ بولسۇن.
15
ماڭا ھەدىيە قىلىنغان تۇنجى ئوغۇللار ۋە تۇنجى تۇغۇلغان ئەركەك ھايۋانلارمۇ ساڭا مەنسۇپ بولسۇن. لېكىن خەلق تۇنجى ئوغۇل ۋە ناپاك ھايۋاننىڭ تۇنجى ئەركەك پۇشتىنى سىلەرگە ھەق تۆلەپ، قايتۇرۇۋالسۇن.
16
ئۇلار ئېيىغا توشقاندا، كىشى بېشىغا بەش كۈمۈش تەڭگە قايتۇرۇۋېلىش ھەققى ئېلىنىپ قايتۇرۇپ بېرىلسۇن. مۇقەددەس جاينىڭ ئۆلچەم بىرلىكى بويىچە بىر تەڭگە 12 گىرامغا تەڭ.
17
ئەمما كالا، قوي ياكى ئۆچكىنىڭ تۇنجى تۇغۇلغانلىرىنى قايتۇرۇۋېلىشقا بولمايدۇ. ئۇلار مەن پەرۋەردىگارغا ئاتالغاندۇر. ئۇلارنىڭ قېنى قۇربانلىق سۇپىسىغا چېچىلسۇن. مايلىرى كۆيدۈرۈلۈپ، مەن پەرۋەردىگارنى مەمنۇن قىلىدىغان خۇش پۇراقلىق ھەدىيە قىلىنسۇن.
18
ئۇلارنىڭ گۆشى، ئېگىز كۆتۈرۈلگەن تۆش ۋە ئوڭ يوتا گۆش ھەدىيەلىرىگە ئوخشاش، ساڭا مەنسۇپ بولسۇن.
19
ئىسرائىللارنىڭ ماڭا ئېلىپ كەلگەن ھەدىيەلىرىنىڭ ھەممىسىنى ساڭا ۋە سېنىڭ ئوغۇل-قىزلىرىڭغا مەنسۇپ قىلدىم. بۇ سىلەرنىڭ مەڭگۈلۈك ئۈلۈشۈڭلاردۇر. بۇ مېنىڭ ھۇزۇرۇمدا سەن ۋە سېنىڭ ئەۋلادلىرىڭ بىلەن تۈزگەن ۋە بىكار قىلىشقا بولمايدىغان مەڭگۈلۈك ئەھدەمدۇر.
20
پەرۋەردىگار ھارۇنغا يەنە مۇنداق دېدى: _ ئىسرائىللار ئىگە بولماقچى بولغان زېمىندا سېنىڭ ئۈلۈشۈڭ بولمايدۇ. ئۇلارغا نېسىۋە قىلىپ بېرىلگەن زېمىندىمۇ سېنىڭ نېسىۋەڭ بولمايدۇ. چۈنكى مەن ئۆزۈم سېنىڭ ئىسرائىللار ئارىسىدىكى ئۈلۈشۈڭ ۋە نېسىۋەڭ بولىمەن.
21
ئىسرائىللار تەقدىم قىلغان بارلىق ئوندىن بىر ئۈلۈش ھەدىيەلەرنى سىلەر لاۋىيلارنىڭ نېسىۋىسى بولسۇن دەپ، ئۇچرىشىش چېدىرىدىكى خىزمىتىڭلارنىڭ ھەققى قىلىپ بەردىم.
22
گۇناھ ئۆتكۈزۈپ، ئۆلۈمگە دۇچار بولماسلىقى ئۈچۈن، ھازىردىن باشلاپ لاۋىيلاردىن باشقا ھېچكىم ئۇچرىشىش چېدىرىغا يېقىنلاشمىسۇن.
23
پەقەت لاۋىيلارلا ئۇچرىشىش چېدىرىدا خىزمەتتە بولىدۇ. ئۇلار ئۆز ۋەزىپىلىرىنى ئادا قىلىش جەريانىدا سادىر قىلغان سەۋەنلىكلىرىگە مەسئۇل بولىدۇ. بۇ سىلەرنىڭ ئەۋلادتىن ئەۋلادقىچە ئەمەل قىلىشىڭلارغا تېگىشلىك بولغان مەڭگۈلۈك بەلگىلىمىدۇر. لاۋىيلارنىڭ ئىسرائىللار ئارىسىدا نېسىۋىسى بولمايدۇ.
24
چۈنكى مەن ئىسرائىللارنىڭ ماڭا ئېلىپ كەلگەن ئوندىن بىر ئۈلۈش ھەدىيەسىنى لاۋىيلارنىڭ نېسىۋىسى قىلدىم. شۇڭا مەن «ئۇلارنىڭ ئىسرائىللار ئارىسىدا نېسىۋىسى بولمايدۇ» دەپ ئېيتتىم.
25
پەرۋەردىگار مۇساغا مۇنداق دېدى:
26
_ سەن لاۋىيلارغا بۇ ئەمرنى يەتكۈزگىن: «ئەي لاۋىيلار، سىلەر مەن پەرۋەردىگار سىلەرگە مەنسۇپ قىلىپ بەرگەن ئوندىن بىر ئۈلۈش نېسىۋەڭلارنى قوبۇل قىلغىنىڭلاردا، ئۇنىڭ ئوندىن بىر ئۈلۈشىنى ماڭا ھەدىيە قىلىڭلار.
27
مەن سىلەرنىڭ ھەدىيەڭلەرنى ئىسرائىللارنىڭ خاماندىكى ئاشلىقى، شاراب كۆلچىكىدىكى شارابىدەك قوبۇل قىلىمەن.
28
سىلەر ئىسرائىللارنىڭ تەقدىم قىلغان ئوندىن بىر ئۈلۈش ھەدىيەسىنىڭ ئوندىن بىر ئۆلۈشىنى ماڭا تەقدىم قىلىڭلار. ماڭا بېغىشلىغان بۇ ھەدىيەنى روھانىي ھارۇنغا تاپشۇرۇڭلار.
29
سىلەر ئېرىشكەن بارلىق ھەدىيەلەرنىڭ ئەڭ ياخشىسىدىن ماڭا مەنسۇپ بولغان ئۈلۈشنى ماڭا ئاتاپ ھەدىيە قىلىڭلار.»
30
لاۋىيلارغا يەنە مۇنداق دەپ ئېيتقىن: «سىلەر مەن پەرۋەردىگارغا ئەڭ ياخشىسىنى سۇنغىنىڭلاردا، مەن بۇنى خامىنىڭلاردىن ياكى شاراب كۆلچىكىڭلاردىن كەلگەندەك قوبۇل قىلىمەن.
31
قالغانلىرىنى سىلەر ۋە ئائىلەڭلەردىكىلەر نەدىلا يېسەڭلار بولىدۇ. چۈنكى ئۇ سىلەرنىڭ ئۇچرىشىش چېدىرىدا قىلغان خىزمىتىڭلارنىڭ ھەققىدۇر.
32
سىلەر ئەڭ ياخشىسىنى مەن پەرۋەردىگارغا ھەدىيە قىلغان بولساڭلار، قالغانلىرىنى يېسەڭلار، گۇناھكار بولمايسىلەر. ھەدىيە قىلىنغان مۇقەددەس نەرسىلەرنى بۇلغىماڭلار، بولمىسا ھالاك بولىسىلەر.»
← Chapter 17
Jump to:
Chapter 1
Chapter 2
Chapter 3
Chapter 4
Chapter 5
Chapter 6
Chapter 7
Chapter 8
Chapter 9
Chapter 10
Chapter 11
Chapter 12
Chapter 13
Chapter 14
Chapter 15
Chapter 16
Chapter 17
Chapter 18
Chapter 19
Chapter 20
Chapter 21
Chapter 22
Chapter 23
Chapter 24
Chapter 25
Chapter 26
Chapter 27
Chapter 28
Chapter 29
Chapter 30
Chapter 31
Chapter 32
Chapter 33
Chapter 34
Chapter 35
Chapter 36
Chapter 19 →
All chapters:
1
2
3
4
5
6
7
8
9
10
11
12
13
14
15
16
17
18
19
20
21
22
23
24
25
26
27
28
29
30
31
32
33
34
35
36