bible
ra
🌐 Language
English
Español
Français
Deutsch
Português
Italiano
Nederlands
Русский
中文
日本語
한국어
العربية
Türkçe
Tiếng Việt
ไทย
Indonesia
All Languages
Home
/
Uyghur
/
Uyghur Arabic 2005 (ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى)
/
Numbers 36
Numbers 36
Uyghur Arabic 2005 (ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى)
← Chapter 35
Jump to:
Chapter 1
Chapter 2
Chapter 3
Chapter 4
Chapter 5
Chapter 6
Chapter 7
Chapter 8
Chapter 9
Chapter 10
Chapter 11
Chapter 12
Chapter 13
Chapter 14
Chapter 15
Chapter 16
Chapter 17
Chapter 18
Chapter 19
Chapter 20
Chapter 21
Chapter 22
Chapter 23
Chapter 24
Chapter 25
Chapter 26
Chapter 27
Chapter 28
Chapter 29
Chapter 30
Chapter 31
Chapter 32
Chapter 33
Chapter 34
Chapter 35
Chapter 36
1
گىلئاد ماكىرنىڭ ئوغلى، ماناسسەنىڭ نەۋرىسى، يۈسۈپنىڭ ئەۋرىسى ئىدى. ئۇنىڭ جەمەتىنىڭ باشلىقلىرى مۇسا ۋە ئىسرائىللارنىڭ قەبىلە باشلىقلىرىنىڭ ئالدىغا كەلدى ۋە مۇساغا مۇنداق دېدى:
2
_ سىلى پەرۋەردىگارنىڭ ئەمرى بويىچە زېمىنلارنى چەك تاشلاش يولى بىلەن ئىسرائىللارغا تەقسىم قىلغانلىرىدا، پەرۋەردىگار سىلىنىڭ زىلوفخادنىڭ زېمىنىنى ئۇنىڭ قىزلىرىغا تەقسىم قىلىپ بېرىدىغانلىقىنى بۇيرۇغانىدى.
3
ئەگەر ئۇ قىزلار باشقا قەبىلىلەرگە ياتلىق بولسا، قەبىلىمىزنىڭ زېمىنىدىن ئۇلارغا تەقسىم قىلىپ بېرىلگەن زېمىنلار ئۇلار ياتلىق بولغان ئەرلەرنىڭ قەبىلىلىرىگە تەۋە بولۇپ كېتىدۇ. بۇنداق بولغاندا قەبىلىمىزگە چەك ئارقىلىق تەقسىم قىلىنغان زېمىنلارمۇ ئازلاپ كېتىدۇ.
4
قۇت يىلىغا كەلگەندە، سېتىۋېتىلگەن بارلىق زېمىنلار ئەسلى ئىگىسىگە قايتىپ كېلىدۇ. زىلوفخادنىڭ قىزلىرىنىڭ زېمىنى بولسا قايتۇرۇلماي، ئۇلارنىڭ ئەرلىرىنىڭ قەبىلىسىگە مەنسۇپ بولۇپ، بىزنىڭ قەبىلىمىز ئۇ زېمىندىن مەھرۇم بولۇپ قالىدۇ.
5
مۇسا پەرۋەردىگارنىڭ ئەمرى بويىچە ئىسرائىللارغا مۇنداق دېدى: _ يۈسۈپنىڭ ئوغلىنىڭ قەبىلىسىدىكىلەرنىڭ دېگىنى توغرا.
6
زىلوفخادنىڭ قىزلىرى ھەققىدە پەرۋەردىگارنىڭ ئەمرى مۇنداق: «ئۇلار ئۆز ئەركىنلىكى بىلەن ياتلىق بولسا بولىدۇ، لېكىن چوقۇم ئۆز قەبىلىسى ئىچىدىكىلەر بىلەن تويلىشىشى كېرەك.
7
ئىسرائىللارنىڭ زېمىنى بىر قەبىلىدىن يەنە بىر قەبىلىگە يۆتكەلسە بولمايدۇ. ھەربىر قەبىلە چوقۇم ئەجدادلىرىدىن قالغان زېمىنىنى ساقلاپ قېلىشى كېرەك.
8
زېمىنغا ئىگە بولغان قىزلار چوقۇم ئۆز قەبىلىسى ئىچىدىكىلەرگە ياتلىق بولسۇن. شۇنداق بولغاندا، ھەربىر قەبىلە ئەجدادلىرىدىن قالغان زېمىنىنى ساقلاپ قالىدۇ.
9
ئىسرائىللارنىڭ زېمىنى بىر قەبىلىدىن يەنە بىر قەبىلىگە يۆتكەلسە بولمايدۇ. ھەربىر قەبىلە چوقۇم ئەجدادلىرىدىن قالغان زېمىنىنى ساقلاپ قېلىشى كېرەك.»
10
زىلوفخادنىڭ قىزلىرى پەرۋەردىگارنىڭ مۇساغا قىلغان ئەمرىگە ئەمەل قىلدى.
11
ماخلاھ، تىرزاھ، خوگلاھ، مىلكاھ ۋە نوئاھلار ئاتىسىنىڭ ئاكا-ئۇكىلىرىنىڭ ئوغۇللىرىغا ياتلىق بولدى.
12
ئۇلار يۈسۈپنىڭ ئوغلى ماناسسەنىڭ قەبىلىسىدىن ئىدى. شۇنداق قىلىپ، ئۇ قىزلارنىڭ زېمىنى ئۆز ئەجدادلىرىنىڭ قەبىلىسىگە قالدى.
13
يۇقىرىقىلار ئېرىخا شەھىرىنىڭ قارشى تەرىپىدىكى، ئىئوردان دەرياسىنىڭ بويىدىكى موئاب تۈزلەڭلىكىدە پەرۋەردىگارنىڭ مۇسا ئارقىلىق ئىسرائىللارغا چۈشۈرگەن ئەمر ۋە قانۇنلىرىدۇر.
← Chapter 35
Jump to:
Chapter 1
Chapter 2
Chapter 3
Chapter 4
Chapter 5
Chapter 6
Chapter 7
Chapter 8
Chapter 9
Chapter 10
Chapter 11
Chapter 12
Chapter 13
Chapter 14
Chapter 15
Chapter 16
Chapter 17
Chapter 18
Chapter 19
Chapter 20
Chapter 21
Chapter 22
Chapter 23
Chapter 24
Chapter 25
Chapter 26
Chapter 27
Chapter 28
Chapter 29
Chapter 30
Chapter 31
Chapter 32
Chapter 33
Chapter 34
Chapter 35
Chapter 36
All chapters:
1
2
3
4
5
6
7
8
9
10
11
12
13
14
15
16
17
18
19
20
21
22
23
24
25
26
27
28
29
30
31
32
33
34
35
36