bible
ra
🌐 Language
English
Español
Français
Deutsch
Português
Italiano
Nederlands
Русский
中文
日本語
한국어
العربية
Türkçe
Tiếng Việt
ไทย
Indonesia
All Languages
Home
/
Uyghur
/
Uyghur Arabic 2005 (ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى)
/
Numbers 26
Numbers 26
Uyghur Arabic 2005 (ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى)
← Chapter 25
Jump to:
Chapter 1
Chapter 2
Chapter 3
Chapter 4
Chapter 5
Chapter 6
Chapter 7
Chapter 8
Chapter 9
Chapter 10
Chapter 11
Chapter 12
Chapter 13
Chapter 14
Chapter 15
Chapter 16
Chapter 17
Chapter 18
Chapter 19
Chapter 20
Chapter 21
Chapter 22
Chapter 23
Chapter 24
Chapter 25
Chapter 26
Chapter 27
Chapter 28
Chapter 29
Chapter 30
Chapter 31
Chapter 32
Chapter 33
Chapter 34
Chapter 35
Chapter 36
Chapter 27 →
1
ۋابا كېسىلى بېسىققاندىن كېيىن، پەرۋەردىگار مۇسا ۋە روھانىي ھارۇننىڭ ئوغلى ئەلئازارغا مۇنداق دېدى:
2
_ سىلەر پۈتۈن ئىسرائىللارنىڭ سانىنى جەمەتى بويىچە رويخەتكە ئېلىپ، يىگىرمە ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى ياشتىكى، ئۇرۇشقا قاتنىشالايدىغان ئەرلەرنىڭ ئىسىملىرىنى تىزىملاڭلار.
3
مۇسا ۋە روھانىي ئەلئازار ئىئوردان دەرياسىنىڭ بويىدا، ئېرىخا شەھىرىنىڭ قارشى تەرىپىدىكى موئاب تۈزلەڭلىكىدە ئىسرائىللارغا مۇنداق دېدى:
4
_ سىلەر پەرۋەردىگارنىڭ ئەمرى بويىچە يىگىرمە ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى ياشتىكى بارلىق ئەرلەرنى رويخەتكە ئېلىڭلار. مىسىردىن چىققان ئىسرائىلنىڭ ئەۋلادلىرى تۆۋەندىكىچە:
5
ئىسرائىلنىڭ تۇنجى ئوغلى رۇبېن. رۇبېننىڭ ئوغۇللىرىدىن كېلىپ چىققان جەمەتلەر خانوك، پاللۇ،
6
خەزرون، كارمى قاتارلىق جەمەتلەر بولۇپ،
7
جەمئىي 43,730 ئادەم ئىدى.
8
پاللۇنىڭ ئوغلى ئەلىئاب،
9
ئەلىئابنىڭ ئوغۇللىرى نىمۇئېل، داتان ۋە ئابىرام. داتان بىلەن ئابىراملار جامائەت سايلىغان يېتەكچىلەر بولسىمۇ، لېكىن ئۇلار كوراھ ۋە ئۇنىڭ شېرىكلىرى بىلەن بىرلىشىپ، مۇسا بىلەن ھارۇنغا قارشى چىقىپ، پەرۋەردىگارغا ئاسىيلىق قىلغاچقا،
10
يەر يېرىلىپ، ئۇلارنى يۇتۇپ كەتكەنىدى. ئەينى چاغدا يەنە 250 كىشى ئوتتا كۆيۈپ، كېيىنكىلەرگە ئىبرەت بولغانىدى.
11
لېكىن كوراھنىڭ ئەۋلادلىرى پۈتۈنلەي يوقىتالمىغانىدى.
12
شىموننىڭ ئوغۇللىرىدىن نىمۇئېل، يامىن، ياكىن،
13
زەراخ، شائۇل قاتارلىق جەمەتلەر كېلىپ چىققان بولۇپ،
14
جەمئىي 22,200 ئادەم ئىدى.
15
گادنىڭ ئوغۇللىرىدىن زىفون، خاگگى، شۇنىي،
16
ئوزنى، ئەرى،
17
ئارودى، ئارئېلى قاتارلىق جەمەتلەر كېلىپ چىققان بولۇپ،
18
جەمئىي 40,500 ئادەم ئىدى.
19
يەھۇدانىڭ ئىككى ئوغلى ئېر بىلەن ئونان كەنئان زېمىنىدا ۋاپات بولغانىدى.
20
يەھۇدانىڭ باشقا ئوغۇللىرىدىن كېلىپ چىققان جەمەتلەر: شېلاھ، پەرەس، زەراخنىڭ جەمەتلىرى.
21
پەرەسنىڭ ئوغۇللىرىدىن كېلىپ چىققان جەمەتلەر: خەزرون، خامۇلنىڭ جەمەتلىرى ئىدى.
22
يەھۇدانىڭ ھەرقايسى جەمەتلىرىدىن جەمئىي 76,500 ئادەم ئىدى.
23
ئىسساكارنىڭ ئوغۇللىرىدىن تولاھ، پۇۋاھ،
24
ياشۇب، شىمرون قاتارلىق جەمەتلەر كېلىپ چىققان بولۇپ،
25
جەمئىي 64,300 ئادەم ئىدى.
26
زەبۇلۇننىڭ ئوغۇللىرىدىن سەرەد، ئېلون، ياخلىئېل قاتارلىق جەمەتلەر كېلىپ چىققان بولۇپ،
27
جەمئىي 60,500 ئادەم ئىدى.
28
يۈسۈپنىڭ ماناسسە ۋە ئەفرايىم ئىسىملىك ئىككى ئوغلىدىن كېلىپ چىققان جەمەتلەر تۆۋەندىكىلەر ئىدى:
29
ماناسسەنىڭ ماكىر ئىسىملىك ئوغلىدىن كېلىپ چىققان جەمەت، گىلئاد جەمەتى ئىدى. ماناسسە ماكىرنىڭ ئاتىسى، ماكىر گىلئادنىڭ ئاتىسى ئىدى.
30
گىلئادنىڭ ئوغۇللىرىدىن كېلىپ چىققان جەمەتلەر ئىئەزەر، خېلەق،
31
ئاسرىئېل، شەكەم،
32
شىمىدا، خېفەر قاتارلىق جەمەتلەر ئىدى.
33
خېفەرنىڭ ئوغلى زىلوفخادنىڭ ئوغلى يوق، پەقەت قىزلىرىلا بولۇپ، بۇلارنىڭ ئىسىملىرى ماخلاھ، نوئاھ، خوگلاھ، مىلكاھ ۋە تىرزاھ ئىدى.
34
ماناسسەنىڭ جەمەتلىرىدە جەمئىي 52,700 ئادەم بار ئىدى.
35
ئەفرايىمنىڭ ئوغۇللىرىدىن كېلىپ چىققان جەمەتلەر شۇتەلاخ، بەكەر، تاخان بولۇپ،
36
شۇتەلاختىن ئېران جەمەتى كېلىپ چىقتى.
37
ئۇلار جەمئىي 32,500 ئادەم ئىدى. يۇقىرىدىكىلەر يۈسۈپنىڭ ئوغۇللىرىدىن كېلىپ چىققان جەمەتلەر ئىدى.
38
بىنيامىننىڭ ئوغۇللىرىدىن بەلا، ئاشبېل، ئاخىرام،
39
شىفۇفام، خۇفام قاتارلىق جەمەتلەر،
40
بەلانىڭ ئوغۇللىرىدىن ئارىد ۋە نائامان جەمەتلىرى كېلىپ چىققان بولۇپ،
41
ئۇلار جەمئىي 45,600 ئادەم ئىدى.
42
داننىڭ ئوغۇللىرىدىن كېلىپ چىققان جەمەت شۇخام جەمەتى بولۇپ،
43
جەمئىي 64,400 ئادەم ئىدى.
44
ئاشېرنىڭ ئوغۇللىرىدىن كېلىپ چىققان جەمەتلەر: يىمناھ، يىشۋى، بىرىئا،
45
بىرىئانىڭ ئوغۇللىرىدىن كېلىپ چىققان جەمەتلەر: خەبەر، مالكىئېل ئىدى.
46
ئاشېرنىڭ يەنە سەراخ ئىسىملىك بىر قىزى بار ئىدى.
47
ئاشېرنىڭ ھەرقايسى جەمەتلىرىدىن جەمئىي 53,400 ئادەم بار ئىدى.
48
نافتالى ئوغۇللىرىدىن ياخزىئېل، گۇنى،
49
يېزەر، شىللېم قاتارلىق جەمەتلەر كېلىپ چىققان بولۇپ،
50
ئۇلار جەمئىي 45,400 ئادەم ئىدى.
51
ئىسرائىللاردىن رويخەتكە ئېلىنغانلارنىڭ ئومۇمىي سانى 601,730 ئادەم بولدى.
52
پەرۋەردىگار مۇساغا مۇنداق دېدى:
53
_ سەن ھەر قەبىلىنىڭ ئادەم سانىغا قاراپ، يەر تەقسىم قىلىپ بەرگىن.
54
ئادەم سانى كۆپلەرگە كۆپرەك، ئادەم سانى ئازلارغا ئازراق بەرگىن. تىزىملانغان ئادەم سانى بويىچە تەقسىم قىلىپ بەرگىن.
55
ئىسرائىللار ھەرقايسى قەبىلىلەر بويىچە تاشلىغان چېكىگە ئاساسەن يەرگە ئىگە بولسۇن.
56
مەيلى چوڭ ياكى كىچىك قەبىلە بولسۇن، تاشلىغان چېكىگە ئاساسەن زېمىنغا ئىگىدارچىلىق قىلسۇن.
57
لاۋىي قەبىلىسىنىڭ جەمەتلىرى بويىچە رويخەتكە ئېلىنغانلىرى تۆۋەندىكىلەردىن ئىبارەت: گېرشون، قوھات، مىرارى.
58
بۇ جەمەتلەردىن لىبنى، ھىبرون، ماخلى، مۇشى ۋە كوراھ قاتارلىق جەمەتلەر كېلىپ چىققان. قوھات ئامرامنىڭ ئەجدادى ئىدى.
59
ئامرامنىڭ ئايالىنىڭ ئىسمى يوكەبەد بولۇپ، لاۋىينىڭ قىزى ئىدى. ئۇ مىسىردا تۇغۇلغانىدى. ئۇ ئامرامغا ھارۇن ۋە مۇسا قاتارلىق ئىككى ئوغۇل ۋە مەريەم ئىسىملىك بىر قىز تۇغۇپ بەردى.
60
ھارۇننىڭ ناداب، ئابىھۇ، ئەلئازار ۋە ئىتامار ئىسىملىك تۆت ئوغلى بار ئىدى.
61
لېكىن ناداب بىلەن ئابىھۇ پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىغا چەكلەنگەن ئوتنى ئېلىپ كىرگەنلىكى ئۈچۈن ئۆلتۈرۈلگەنىدى.
62
لاۋىيلاردا بىر ئايلىقتىن چوڭ ئوغۇل بالىلارنىڭ سانى جەمئىي 23,000 نەپەر بولسىمۇ، ئۇلار باشقا ئىسرائىللار بىلەن بىرلىكتە تىزىملانمىدى، چۈنكى ئۇلارغا باشقا ئىسرائىللارغا ئوخشاش زېمىن تەقسىم قىلىپ بېرىلمىگەنىدى.
63
يۇقىرىدىكىلەر مۇسا بىلەن روھانىي ئەلئازار ئىئوردان دەرياسىنىڭ بويىدا، ئېرىخا شەھىرىنىڭ قارشى تەرىپىدىكى موئاب تۈزلەڭلىكىدە رويخەتكە ئالغان ئىسرائىللارنىڭ سانى ئىدى.
64
لېكىن بۇلارنىڭ ئىچىدە مۇسا بىلەن روھانىي ھارۇن ئىلگىرى سىناي چۆلىدە بىرىنچى قېتىم رويخەتكە ئالغانلاردىن بىرىمۇ قالمىغانىدى.
65
چۈنكى پەرۋەردىگار ئۇلارنىڭ ئاشۇ چۆلدە چوقۇم ئۆلىدىغانلىقىنى ئېيتقانىدى. دەرۋەقە يىفۇننەنىڭ ئوغلى كالىب ۋە نۇننىڭ ئوغلى يوشۇۋادىن باشقىلىرى ئۆلۈپ تۈگىگەنىدى.
← Chapter 25
Jump to:
Chapter 1
Chapter 2
Chapter 3
Chapter 4
Chapter 5
Chapter 6
Chapter 7
Chapter 8
Chapter 9
Chapter 10
Chapter 11
Chapter 12
Chapter 13
Chapter 14
Chapter 15
Chapter 16
Chapter 17
Chapter 18
Chapter 19
Chapter 20
Chapter 21
Chapter 22
Chapter 23
Chapter 24
Chapter 25
Chapter 26
Chapter 27
Chapter 28
Chapter 29
Chapter 30
Chapter 31
Chapter 32
Chapter 33
Chapter 34
Chapter 35
Chapter 36
Chapter 27 →
All chapters:
1
2
3
4
5
6
7
8
9
10
11
12
13
14
15
16
17
18
19
20
21
22
23
24
25
26
27
28
29
30
31
32
33
34
35
36