bible
ra
🌐 Language
English
Español
Français
Deutsch
Português
Italiano
Nederlands
Русский
中文
日本語
한국어
العربية
Türkçe
Tiếng Việt
ไทย
Indonesia
All Languages
Home
/
Uyghur
/
Uyghur Arabic 2005 (ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى)
/
Numbers 22
Numbers 22
Uyghur Arabic 2005 (ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى)
← Chapter 21
Jump to:
Chapter 1
Chapter 2
Chapter 3
Chapter 4
Chapter 5
Chapter 6
Chapter 7
Chapter 8
Chapter 9
Chapter 10
Chapter 11
Chapter 12
Chapter 13
Chapter 14
Chapter 15
Chapter 16
Chapter 17
Chapter 18
Chapter 19
Chapter 20
Chapter 21
Chapter 22
Chapter 23
Chapter 24
Chapter 25
Chapter 26
Chapter 27
Chapter 28
Chapter 29
Chapter 30
Chapter 31
Chapter 32
Chapter 33
Chapter 34
Chapter 35
Chapter 36
Chapter 23 →
1
ئىسرائىللار موئاب تۈزلەڭلىكىگە يېتىپ بېرىپ، ئىئوردان دەرياسىنىڭ شەرقىگە، يەنى ئېرىخا شەھىرىنىڭ قارشى تەرىپىگە قارارگاھ تىكتى.
2
زىپپورنىڭ ئوغلى، يەنى موئابنىڭ پادىشاھى بالاق ئىسرائىللارنىڭ ئامورلارنى قىرغىن قىلغانلىقىدىن خەۋەردار ئىدى.
3
ئىسرائىللارنىڭ شۇنچە كۆپلۈكىدىن موئابلار قورقۇنچتا قالدى. ئىسرائىللاردىن قورقۇپ ۋەھىمىدە قالغان موئابلار
4
مىديانلارنىڭ ئاقساقاللىرىغا: _ خۇددى كالىلار ئوتلاقتىكى ھەممە چۆپلەرنى يەۋەتكەندەك، بۇ بىر توپ ئادەملەر ئەتراپىمىزدىكى ھەممە نەرسىنى يالماپ يۇتۇۋېتىدىغان بولدىغۇ ئاخىر، _ دېيىشتى. بۇ چاغدا زىپپورنىڭ ئوغلى بالاق موئابنىڭ پادىشاھى ئىدى.
5
ئۇ ئاماۋ زېمىنىدىكى، فىرات دەرياسى بويىدىكى پىتور شەھىرىگە ئەلچى ئەۋەتىپ، بىئورنىڭ ئوغلى بىلئامنى چاقىرتتى. ئۇ ئەلچىلەر ئارقىلىق مۇنۇ خەۋەرنى بىلئامغا يوللىدى: «مىسىردىن چىققان بىر خەلق جاھاننى قاپلاپ، بېسىپ كەلدى. ئۇلار قارشى تەرىپىمگە كېلىپ ئورۇنلاشتى.
6
ئۇلار مەندىن قۇدرەتلىك ئىكەن، مەن ئۈچۈن ئۇلارنى قارغىشىڭنى ئۆتۈنىمەن. شۇنداق بولغاندىلا مەن ئۇلارنى مەغلۇپ قىلىپ، قوغلىۋېتەلەيمەن. بىلىمەن، سەن كىمگە بەخت تىلىسەڭ، شۇ بەختكە ئېرىشىدۇ، كىمنى قارغىساڭ، شۇ قارغىشقا قالىدۇ.»
7
موئاب ۋە مىديانلارنىڭ ئاقساقاللىرى بىلئامغا سوۋغات قىلماقچى بولغان ئالتۇن-كۈمۈشلەر ئېلىپ يولغا چىقتى. ئۇلار بىلئامنىڭ قېشىغا يېتىپ كەلدى ۋە بالاقنىڭ سۆزلىرىنى ئۇنىڭغا يەتكۈزدى.
8
بىلئام ئۇلارغا: _ بۈگۈن كېچە مۇشۇ يەردە قونۇڭلار. مەن پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقىنى بويىچە سىلەرگە جاۋاب بېرىمەن، _ دېدى. موئابتىن كەلگەن ئەلچىلەر بىلئامنىڭ يېنىدا قالدى.
9
خۇدا بىلئامدىن: _ بۇلار كىم؟ _ دەپ سورىدى.
10
بىلئام جاۋاب بېرىپ: _ بۇلار زىپپورنىڭ ئوغلى، يەنى موئابنىڭ پادىشاھى بالاقنىڭ ئەلچىلىرىدۇر، ئۇلارنىڭ ئېيتىشىچە:
11
«مىسىردىن چىققان بىر خەلق جاھاننى قاپلاپ كېتىپتۇ. بالاق مېنىڭ ئۇ خەلقنى قارغىشىمنى ئۆتۈنۈپتۇ. شۇنداق بولغاندا پادىشاھ بالاق ئۇلارنى مەغلۇپ قىلىپ، قوغلىۋېتەلىشى مۇمكىن ئىكەن»، _ دېدى.
12
خۇدا بىلئامغا مۇنداق دېدى: _ سەن ئۇلار بىلەن بىرگە بېرىپ، ئۇ خەلقنى قارغىساڭ بولمايدۇ. چۈنكى ئۇ خەلق مېنىڭ بەختىمگە ئېرىشكەن خەلقتۇر.
13
ئىككىنچى كۈنى ئەتىگەندە بىلئام بالاقنىڭ ئەلچىلىرىگە: _ سىلەر يۇرتۇڭلارغا قايتىڭلار، سىلەر بىلەن بىرگە بېرىشىمغا پەرۋەردىگار رۇخسەت قىلمىدى، _ دېدى.
14
موئابنىڭ ئەلچىلىرى قايتىپ بېرىپ، بالاققا: _ بىلئام بىز بىلەن بىرگە كېلىشكە ئۇنىمىدى، _ دېدى.
15
بالاق تېخىمۇ كۆپ ۋە ئالدىنقىدىن تېخىمۇ ئابرۇيلۇق ئەلچىلەرنى يەنە ئەۋەتتى.
16
ئۇلار بىلئامنىڭ يېنىغا بارغاندىن كېيىن، ئۇنىڭغا: _ زىپپورنىڭ ئوغلى بالاق سىزنى مەيلى قانداق قىلمىسۇن، چوقۇم كەلسۇن!
17
مەن ئۇنى مەردلەرچە تارتۇقلايمەن، ئۇ خالىغىنىنى ئالسۇن، پەقەت ئۇنىڭ ئاشۇ خەلقنى قارغىشىنىلا ئۆتۈنىمەن، _ دېدى.
18
بىلئام جاۋابەن: _ بالاق خەزىنىسىدىكى بارلىق ئالتۇن-كۈمۈشلەرنى ماڭا بەرسىمۇ، مەن ھەرقانداق بىر ئىشتا پەرۋەردىگارىم خۇدانىڭ ئەمرىگە خىلاپلىق قىلالمايمەن.
19
سىلەر بۇ يەردە قونۇپ قېلىڭلار. پەرۋەردىگارنىڭ يەنە قانداق تاپشۇرۇقلىرىنىڭ بارلىقىغا قاراپ باقايلى، _ دېدى.
20
شۇ كېچىسى خۇدا بىلئامغا زاھىر بولدى ۋە مۇنداق دېدى: _ بۇ كىشىلەر سېنى تەكلىپ قىلىپ كەلگەنىكەن، ئۇلار بىلەن بىرگە بارساڭمۇ بارغىن، لېكىن پەقەت مېنىڭ دېگىنىم بويىچە قىلغىن.
21
بىلئام سەھەر تۇرۇپ، ئېشىكىنى توقۇپ، موئابنىڭ ئەلچىلىرى بىلەن يۈرۈپ كەتتى.
22
بىلئام ماڭغاندىن كېيىن، خۇدانىڭ غەزىپى كەلدى. بىلئام ئېشىكىنى مىنىپ، ئىككى خىزمەتكارىنى ئەگەشتۈرۈپ يولدا كېتىۋاتاتتى. پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسى يولدا تۇرۇپ، ئۇنىڭ يولىنى توستى.
23
ئېشەك پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسىنىڭ قولىغا قىلىچ ئېلىپ يولنى توسۇپ تۇرغانلىقىنى كۆرۈپ، يولدىن چەتنەپ ئېتىزلىققا كىرىپ كەتتى. بىلئام ئېشەكنى ئۇرۇپ يولغا قايتۇرۇپ كەلمەكچى بولدى.
24
پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسى ئىككى ئۈزۈمزارلىقنىڭ ئارىسىدىكى بىر تار چىغىر يولدا تۇراتتى، ئىككى تەرىپى تام ئىدى.
25
ئېشەك پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسىنى كۆرۈپ، تام تەرەپكە قىستىلىپ مېڭىپ، بىلئامنىڭ پۇتىنى يارىلاندۇرۇپ قويدى. بىلئام يەنە ئېشەكنى ئۇردى.
26
پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسى ئالدىغىراق بېرىپ، يولنىڭ تېخىمۇ تار يېرىدە تۇردى. ئىككى تەرىپىدە ئادەم ئۆتكۈدەك يەر يوق ئىدى.
27
ئېشەك پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسىنى كۆرۈپ، يەردە يېتىۋالدى. بىلئام غەزەپلىنىپ، ئېشەكنى ھاسىسى بىلەن ئۇردى.
28
پەرۋەردىگار ئېشەكنى زۇۋانغا كەلتۈرۈپ، بىلئامغا: _ مەن قانداق خاتالىق ئۆتكۈزدۈم، سەن مېنى ئۈچ قېتىم ئۇردۇڭ، _ دېگۈزدى.
29
بىلئام: _ سەن مېنى ئەخمەق قىلدىڭ، ئەگەر قىلىچىم بولغان بولسا، سېنى ھازىرلا ئۆلتۈرۈۋېتەتتىم، _ دېدى.
30
ئېشەك: _ مەن سېنىڭ بۇرۇندىن باشلاپ مىنگەن ئېشىكىڭمەن، مەن بۇرۇن بۇنداق قىلىپ باققانمىدىم؟ _ دەپ سورىدى. بىلئام جاۋاب بېرىپ: _ ياق، _ دېدى.
31
دەل شۇ چاغدا پەرۋەردىگار بىلئامنىڭ كۆزىنى ئاچتى، ئاندىن ئۇ پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسىنىڭ قىلىچ تۇتۇپ يولدا تۇرغانلىقىنى كۆردى-دە، يەرگە باش قويۇپ سەجدە قىلدى.
32
پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسى بىلئامغا مۇنداق دېدى: _ نېمىشقا سەن ئېشىكىڭنى ئۈچ قېتىم ئۇردۇڭ؟ مەن ئالايىتەن سېنى توسقىلى كەلدىم، چۈنكى سېنىڭ يولۇڭ گۇناھ يولىدۇر.
33
ئېشىكىڭ مېنى كۆرۈپ، ئۈچ قېتىم يولدىن چەتنىدى، بولمىسا ئاللىقاچان سېنى ئۆلتۈرۈپ، ئېشەكنى قويۇۋەتكەن بولار ئىدىم.
34
بىلئام پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسىگە مۇنداق دېدى: _ مەن گۇناھ قىلدىم، سېنىڭ يول توسۇپ تۇرغانلىقىڭنى بىلمەپتىمەن. ئەگەر سەن مېنىڭ بېرىشىمدىن خۇرسەن بولمىساڭ، مەن ھازىرلا قايتىپ كېتەي.
35
پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسى: _ بۇلار بىلەن بىرگە بارغىن، لېكىن پەقەت مېنىڭ ئېيتقىنىمنى ئېيت، _ دېدى. شۇنىڭ بىلەن بىلئام بالاقنىڭ ئەلچىلىرى بىلەن يۈرۈپ كەتتى.
36
بالاق بىلئامنىڭ كەلگەنلىكىنى ئاڭلاپ، چېگراغىچە كېلىپ، موئابنىڭ ئارنون دەرياسى بويىدىكى شەھىرىدە كۈتۈۋالدى.
37
بالاق بىلئامدىن: _ ئالدىنقى قېتىم مەن سېنىڭ چوقۇم كېلىشىڭنى ئۆتۈنگەنىدىم. سەن نېمىشقا كەلمىدىڭ؟ ئەجەبا سېنى مەردلەرچە تارتۇقلىيالماسمەنمۇ؟ _ دەپ سورىدى.
38
بىلئام مۇنداق دېدى: _ مانا مەن ھازىر كەلدىم، لېكىن مەن ئۆزۈم خالىغانچە سۆزلىيەلمەيمەن، پەقەت خۇدانىڭ ئېيتقىنى بويىچىلا سۆزلەيمەن، _ دېدى.
39
بالاق بىلەن بىلئام بىرلىكتە قىريات-خۇزوت شەھىرىگە كەلدى.
40
بالاق ئۇ يەردە كالا ۋە قويلارنى قۇربانلىق قىلىپ، بىلئام ۋە ئۇنى ئېلىپ كەلگەن ئەلچىلەرگە سۇندى.
41
ئىككىنچى كۈنى سەھەردە بالاق بىلئامنى ئەگەشتۈرۈپ، باموت-بائالغا كەلدى. ئۇ يەردە بىر قىسىم ئىسرائىللارنى كۆرگىلى بولاتتى.
← Chapter 21
Jump to:
Chapter 1
Chapter 2
Chapter 3
Chapter 4
Chapter 5
Chapter 6
Chapter 7
Chapter 8
Chapter 9
Chapter 10
Chapter 11
Chapter 12
Chapter 13
Chapter 14
Chapter 15
Chapter 16
Chapter 17
Chapter 18
Chapter 19
Chapter 20
Chapter 21
Chapter 22
Chapter 23
Chapter 24
Chapter 25
Chapter 26
Chapter 27
Chapter 28
Chapter 29
Chapter 30
Chapter 31
Chapter 32
Chapter 33
Chapter 34
Chapter 35
Chapter 36
Chapter 23 →
All chapters:
1
2
3
4
5
6
7
8
9
10
11
12
13
14
15
16
17
18
19
20
21
22
23
24
25
26
27
28
29
30
31
32
33
34
35
36