bible
ra
🌐 Language
English
Español
Français
Deutsch
Português
Italiano
Nederlands
Русский
中文
日本語
한국어
العربية
Türkçe
Tiếng Việt
ไทย
Indonesia
All Languages
Home
/
Uyghur
/
Uyghur Arabic 2005 (ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى)
/
Numbers 34
Numbers 34
Uyghur Arabic 2005 (ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى)
← Chapter 33
Jump to:
Chapter 1
Chapter 2
Chapter 3
Chapter 4
Chapter 5
Chapter 6
Chapter 7
Chapter 8
Chapter 9
Chapter 10
Chapter 11
Chapter 12
Chapter 13
Chapter 14
Chapter 15
Chapter 16
Chapter 17
Chapter 18
Chapter 19
Chapter 20
Chapter 21
Chapter 22
Chapter 23
Chapter 24
Chapter 25
Chapter 26
Chapter 27
Chapter 28
Chapter 29
Chapter 30
Chapter 31
Chapter 32
Chapter 33
Chapter 34
Chapter 35
Chapter 36
Chapter 35 →
1
پەرۋەردىگار مۇساغا مۇنداق دېدى:
2
_ ئىسرائىللارغا بۇ ئەمرنى يەتكۈزگىن: «سىلەر مەن سىلەرگە مۈلۈك قىلىپ بەرگەن كەنئان زېمىنىغا كىرگەندىن كېيىن، زېمىنىڭلارنىڭ چېگرالىرى مۇنداق بولىدۇ:
3
جەنۇب تەرەپتە زىن چۆلىدىن ئىدوم چېگراسىنى بويلاپ سوزۇلىدۇ. شەرقتە جەنۇبتىكى چېگرا تۇز دېڭىزىنىڭ جەنۇبىي ئۇچىدىن باشلىنىپ،
4
جەنۇب تەرەپكە بۇرۇلۇپ، چايان داۋىنىدىن يەنە جەنۇبقا سوزۇلۇپ، زىن چۆلىدىن ئۆتۈپ، كادېش-بارنېيا شەھىرىنىڭ جەنۇبىغا، خازار-ئاددار شەھىرىگە، ئۇ يەردىن ئازمون شەھىرىگە بارىدۇ.
5
ئاندىن بۇرۇلۇپ، مىسىر چېگراسىدىكى دەريانى بويلاپ، ئاخىرىدا ئوتتۇرا دېڭىزغىچە تۇتىشىدۇ.
6
غەرب تەرەپتىكى چېگراڭلار ئوتتۇرا دېڭىز بولىدۇ.
7
شىمال تەرەپتىكى چېگراڭلار ئوتتۇرا دېڭىزدىن ھور تېغىغىچە،
8
ئاندىن ئۇ يەردىن لىبو-خامات شەھىرىگە كىرگەندىن كېيىن، زېداد ۋە
9
زىفرون شەھەرلىرىگە سوزۇلۇپ، خازار-ئېنانغىچە بارىدۇ. بۇ سىلەرنىڭ شىمالىي چېگراڭلار بولىدۇ.
10
شەرق تەرەپتىكى چېگراڭلار خازار-ئېناندىن شىفامغا،
11
ئاندىن جەنۇب تەرەپكە بېرىپ، ئايىننىڭ شەرق تەرىپىدىكى رىبلاھقا بارىدۇ. ئاندىن جەلىلىيە كۆلىنىڭ شەرقىي قىرغىقىغا كېلىپ،
12
ئۇ يەردىن ئىئوردان دەرياسىنى بويلاپ تۇز دېڭىزىغىچە بارىدۇ. مانا بۇلار زېمىنىڭلارنىڭ تۆت ئەتراپىنىڭ چېگرالىرىدۇر.»
13
مۇسا ئىسرائىللارغا مۇنداق دېدى: _ مانا بۇ پەرۋەردىگارنىڭ ئەمرى بويىچە ئىسرائىللارنىڭ توققۇز يېرىم قەبىلىسىگە چەك تارتىش ئارقىلىق تەقسىم قىلىنىدىغان زېمىندۇر.
14
رۇبېن ۋە گاد قەبىلىلىرى جەمەتلەر بويىچە تەقسىم قىلىنغان زېمىنلىرىغا ئىگە بولدى. ماناسسە قەبىلىسىنىڭ غەربىي يېرىمىمۇ ئۆز زېمىنىغا ئىگە بولدى.
15
بۇ ئىككى يېرىم قەبىلە ئىگە بولغان زېمىنلار ئېرىخا شەھىرىنىڭ ئۇدۇلىدىكى ئىئوردان دەرياسىنىڭ شەرقىي قىرغىقىدا بولدى.
16
پەرۋەردىگار مۇساغا مۇنداق دېدى:
17
_ سىلەرگە يەر تەقسىم قىلىشقا روھانىي ئەلئازار بىلەن نۇننىڭ ئوغلى يوشۇۋا مەسئۇل قىلىندى.
18
ھەربىر قەبىلىدىن بىردىن باشلىق تاللىنىپ، يەر تەقسىم قىلىشقا ياردەملەشسۇن.
19
تۆۋەندىكىلەر يەر تەقسىم قىلىشقا تاللانغان باشلىقلارنىڭ ئىسىملىرىدۇر: يەھۇدا قەبىلىسىدىن: يىفۇننەنىڭ ئوغلى كالىب،
20
شىمون قەبىلىسىدىن: ئاممىھۇدنىڭ ئوغلى سامۇئىل،
21
بىنيامىن قەبىلىسىدىن: كىسلوننىڭ ئوغلى ئەلىداد،
22
دان قەبىلىسىدىن: يوگلىنىڭ ئوغلى بۇققى،
23
يۈسۈپنىڭ ئوغلى ماناسسە قەبىلىسىدىن: ئېفودنىڭ ئوغلى خاننىئېل،
24
يۈسۈپنىڭ ئوغلى ئەفرايىم قەبىلىسىدىن: شىفتاننىڭ ئوغلى كىمۇئېل،
25
زەبۇلۇن قەبىلىسىدىن: پارناكنىڭ ئوغلى ئەلىزافان،
26
ئىسساكار قەبىلىسىدىن: ئاززاننىڭ ئوغلى پالتىئېل،
27
ئاشېر قەبىلىسىدىن: شىلومىنىڭ ئوغلى ئاخىھۇد،
28
نافتالى قەبىلىسىدىن: ئاممىھۇدنىڭ ئوغلى پىدائېل.
29
يۇقىرىدىكىلەر پەرۋەردىگارنىڭ ئەمرى بويىچە، كەنئان زېمىنىدا ئىسرائىللارغا يەر تەقسىم قىلىپ بېرىدىغان باشلىقلارنىڭ ئىسىملىرىدۇر.
← Chapter 33
Jump to:
Chapter 1
Chapter 2
Chapter 3
Chapter 4
Chapter 5
Chapter 6
Chapter 7
Chapter 8
Chapter 9
Chapter 10
Chapter 11
Chapter 12
Chapter 13
Chapter 14
Chapter 15
Chapter 16
Chapter 17
Chapter 18
Chapter 19
Chapter 20
Chapter 21
Chapter 22
Chapter 23
Chapter 24
Chapter 25
Chapter 26
Chapter 27
Chapter 28
Chapter 29
Chapter 30
Chapter 31
Chapter 32
Chapter 33
Chapter 34
Chapter 35
Chapter 36
Chapter 35 →
All chapters:
1
2
3
4
5
6
7
8
9
10
11
12
13
14
15
16
17
18
19
20
21
22
23
24
25
26
27
28
29
30
31
32
33
34
35
36