bible
ra
🌐 Language
English
Español
Français
Deutsch
Português
Italiano
Nederlands
Русский
中文
日本語
한국어
العربية
Türkçe
Tiếng Việt
ไทย
Indonesia
All Languages
Home
/
Uyghur
/
Uyghur Arabic 2005 (ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى)
/
Numbers 33
Numbers 33
Uyghur Arabic 2005 (ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى)
← Chapter 32
Jump to:
Chapter 1
Chapter 2
Chapter 3
Chapter 4
Chapter 5
Chapter 6
Chapter 7
Chapter 8
Chapter 9
Chapter 10
Chapter 11
Chapter 12
Chapter 13
Chapter 14
Chapter 15
Chapter 16
Chapter 17
Chapter 18
Chapter 19
Chapter 20
Chapter 21
Chapter 22
Chapter 23
Chapter 24
Chapter 25
Chapter 26
Chapter 27
Chapter 28
Chapter 29
Chapter 30
Chapter 31
Chapter 32
Chapter 33
Chapter 34
Chapter 35
Chapter 36
Chapter 34 →
1
تۆۋەندىكىلەر ئىسرائىللارنىڭ مۇسا بىلەن ھارۇننىڭ يېتەكچىلىكىدە قوشۇنلىرى بىلەن مىسىردىن ئايرىلغاندىن كېيىن، بېسىپ ئۆتكەن سەپەر جەريانلىرىدۇر.
2
مۇسا پەرۋەردىگارنىڭ ئەمرى بويىچە ھەر قېتىملىق قارارگاھ قۇرغان ۋە قوزغالغان جايلىرىنى خاتىرىلەپ ماڭدى. تۆۋەندىكىلەر ئۇلار قارارگاھ قۇرغان جايلاردۇر.
3
1-ئاينىڭ 15-كۈنى، يەنى ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىنىڭ 2-كۈنى ئىسرائىللار قەددىنى كۆتۈرگەن ھالدا مىسىرلىقلارنىڭ كۆز ئالدىدىلا رەمسېس شەھىرىدىن ئايرىلدى.
4
ئۇ چاغدا مىسىرلىقلار تۇنجى ئوغۇللىرىنى دەپنە قىلىۋاتاتتى. پەرۋەردىگار مىسىرلىقلارنىڭ تۇنجى ئوغۇللىرىنى ئۆلتۈرۈش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ ئىلاھلىرىنى جازالىغانىدى.
5
ئىسرائىللار رەمسېستىن ئايرىلغاندىن كېيىن، سۇككوتتا قارارگاھ قۇردى.
6
سۇككوتتىن ئايرىلغاندىن كېيىن، چۆل بويىدىكى ئېتامدا قارارگاھ قۇردى.
7
ئېتامدىن ئايرىلغاندىن كېيىن، بائال-زىفوننىڭ ئۇدۇلىدىكى پىھاخىروتقا قايتىپ، مىگدولنىڭ يېنىدا قارارگاھ قۇردى.
8
پىھاخىروتتىن ئايرىلغاندىن كېيىن، قىزىل دېڭىزنىڭ ئوتتۇرىسىدىن ئۆتۈپ، چۆللۈككە كەلدى. ئېتام چۆللۈكىدە ئۈچ كۈن يول يۈرۈپ، ماراھتا قارارگاھ قۇردى.
9
ماراھتىن ئايرىلغاندىن كېيىن، ئېلىمدە قارارگاھ قۇردى. ئۇ يەردە ئون ئىككى بۇلاق، يەتمىش تۈپ خورما دەرىخى بار ئىدى.
10
ئېلىمدىن ئايرىلغاندىن كېيىن، قىزىل دېڭىزنىڭ ساھىلىدا قارارگاھ قۇردى.
11
قىزىل دېڭىزنىڭ ساھىلىدىن ئايرىلغاندىن كېيىن، سىن چۆلىدە قارارگاھ قۇردى.
12
سىن چۆلىدىن ئايرىلغاندىن كېيىن، دوفقاھتا قارارگاھ قۇردى.
13
دوفقاھتىن ئايرىلغاندىن كېيىن، ئالۇشتا قارارگاھ قۇردى.
14
ئالۇشتىن ئايرىلغاندىن كېيىن، رىفىدىمدە قارارگاھ قۇردى. ئۇ يەردە خەلققە سۇ يوق ئىدى.
15
رىفىدىمدىن ئايرىلغاندىن كېيىن، سىناي چۆلىدە قارارگاھ قۇردى.
16
سىناي چۆلىدىن ئايرىلغاندىن كېيىن، قىبروت-ھاتتائاۋادا قارارگاھ قۇردى.
17
قىبروت-ھاتتائاۋادىن ئايرىلغاندىن كېيىن، خازېروتتا قارارگاھ قۇردى.
18
خازېروتتىن ئايرىلغاندىن كېيىن، رىتماھتا قارارگاھ قۇردى.
19
رىتماھتىن ئايرىلغاندىن كېيىن، رىممون-پارەزدە قارارگاھ قۇردى.
20
رىممون-پارەزدىن ئايرىلغاندىن كېيىن، لىبناھتا قارارگاھ قۇردى.
21
لىبناھتىن ئايرىلغاندىن كېيىن، رىسساھتا قارارگاھ قۇردى.
22
رىسساھتىن ئايرىلغاندىن كېيىن، قىھېلاتادا قارارگاھ قۇردى.
23
قىھېلاتادىن ئايرىلغاندىن كېيىن، شەفەر تېغىدا قارارگاھ قۇردى.
24
شەفەر تېغىدىن ئايرىلغاندىن كېيىن، خاراداھتا قارارگاھ قۇردى.
25
خاراداھتىن ئايرىلغاندىن كېيىن، ماقخېلوتتا قارارگاھ قۇردى.
26
ماقخېلوتتىن ئايرىلغاندىن كېيىن، تاخاتتا قارارگاھ قۇردى.
27
تاخاتتىن ئايرىلغاندىن كېيىن، تەراھتا قارارگاھ قۇردى.
28
تەراھتىن ئايرىلغاندىن كېيىن، مىتقاھتا قارارگاھ قۇردى.
29
مىتقاھتىن ئايرىلغاندىن كېيىن، خاشمونادا قارارگاھ قۇردى.
30
خاشمونادىن ئايرىلغاندىن كېيىن، موسېرادا قارارگاھ قۇردى.
31
موسېرادىن ئايرىلغاندىن كېيىن، بىنە-يائاقاندا قارارگاھ قۇردى.
32
بىنە-يائاقاندىن ئايرىلغاندىن كېيىن، خور-ھاگگىدگادتا قارارگاھ قۇردى.
33
خور-ھاگگىدگادتىن ئايرىلغاندىن كېيىن، يوتباتادا قارارگاھ قۇردى.
34
يوتباتادىن ئايرىلغاندىن كېيىن، ئابرونادا قارارگاھ قۇردى.
35
ئابرونادىن ئايرىلغاندىن كېيىن، ئەزيون-گەبەردە قارارگاھ قۇردى.
36
ئەزيون-گەبەردىن ئايرىلغاندىن كېيىن، زىن چۆلىدىكى كادېشتا قارارگاھ قۇردى.
37
كادېشتىن ئايرىلغاندىن كېيىن، ئىدومنىڭ چېگراسىدىكى ھور تېغىدا قارارگاھ قۇردى.
38
ئىسرائىللار مىسىردىن ئايرىلغاندىن كېيىنكى 40-يىلى 5-ئاينىڭ 1-كۈنى روھانىي ھارۇن پەرۋەردىگارنىڭ ئەمرى بويىچە ھور تېغىغا چىقتى ۋە شۇ يەردە ئالەمدىن ئۆتتى.
39
ھارۇن ھور تېغىدا ۋاپات بولغاندا، 123 ياشتا ئىدى.
40
كەنئاننىڭ جەنۇبىدىكى ئاراد پادىشاھى ئىسرائىللارنىڭ كەلگەنلىكىدىن خەۋەر تاپتى.
41
ئىسرائىللار ھور تېغىدىن ئايرىلغاندىن كېيىن، زالمونادا قارارگاھ قۇردى.
42
زالمونادىن ئايرىلغاندىن كېيىن، پۇنوندا قارارگاھ قۇردى.
43
پۇنوندىن ئايرىلغاندىن كېيىن، ئوبوتتا قارارگاھ قۇردى.
44
ئوبوتتىن ئايرىلغاندىن كېيىن، موئاب چېگراسىغا جايلاشقان ئابارىم تاغلىرىدىكى ئىيىمدا قارارگاھ قۇردى.
45
ئىيىمدىن ئايرىلغاندىن كېيىن، دىبون-گادتا قارارگاھ قۇردى.
46
دىبون-گادتىن ئايرىلغاندىن كېيىن، ئالمون-دىبلاتايىمدا قارارگاھ قۇردى.
47
ئالمون-دىبلاتايىمدىن ئايرىلغاندىن كېيىن، ئابارىم تاغلىرىدىكى نىبو تېغىنىڭ ئالدىدا قارارگاھ قۇردى.
48
ئابارىم تاغلىرىدىن ئايرىلغاندىن كېيىن، ئېرىخانىڭ قارشى تەرىپىدىكى ئىئوردان دەرياسى ۋادىسىدىكى موئاب تۈزلەڭلىكىدە قارارگاھ قۇردى.
49
ئۇلار ئىئوردان دەرياسىنىڭ بويىدىكى موئاب تۈزلەڭلىكىدە قارارگاھ قۇردى. ئۇلارنىڭ چېدىرلىرى بەيت-يىشىموتتىن تاكى ئابېل-شىتتىمغىچە سوزۇلغانىدى.
50
ئېرىخانىڭ ئۇدۇلىدىكى ئىئوردان دەرياسى ۋادىسىغا جايلاشقان موئاب تۈزلەڭلىكىدە پەرۋەردىگار مۇساغا مۇنداق دېدى:
51
_ ئىسرائىللارغا مۇنداق دەپ ئېيتقىن: «سىلەر ئىئوردان دەرياسىدىن ئۆتۈپ، كەنئان زېمىنىغا كىرگەندىن كېيىن،
52
ئۇ يەردىكى ئاھالىلەرنى قوغلاپ چىقىرىڭلار. ئۇلارنىڭ ئويما ۋە قۇيما بۇتلىرىنى ۋە چوقۇنىدىغان سەجدىگاھلىرىنى ۋەيران قىلىۋېتىڭلار.
53
سىلەر ئۇ زېمىننى ئىگىلەپ، شۇ يەردە ياشاڭلار، چۈنكى مەن ئۇ زېمىننى سىلەرگە مۈلۈك قىلىپ بەردىم.
54
جەمەتلەر بويىچە چەك تارتىپ، يەرلەرنى تەقسىملەڭلار. جان سانى كۆپلەرگە كۆپ، جان سانى ئازلارغا ئاز بولسۇن. چەككە قايسى يەر چىقسا شۇ يەرگە ئىگە بولسۇن. مۇشۇ يول بىلەن قەبىلەڭلارغا زېمىن تەقسىم قىلىپ بېرىڭلار.
55
ئەگەر سىلەر ئۇ يەردىكى ئاھالىلەرنى قوغلىۋەتمىسەڭلار، ئۇلار كۆزۈڭلارغا تىكەن، بېقىنىڭلارغا نەشتەر بولۇپ سانجىلىپ، ئاراڭلاردا پاراكەندىچىلىك پەيدا قىلىدۇ.
56
ئۇلارنىڭ بېشىغا نېمە سالماقچى بولغان بولسام، شۇنى سىلەرنىڭ بېشىڭلارغا سالىمەن.»
← Chapter 32
Jump to:
Chapter 1
Chapter 2
Chapter 3
Chapter 4
Chapter 5
Chapter 6
Chapter 7
Chapter 8
Chapter 9
Chapter 10
Chapter 11
Chapter 12
Chapter 13
Chapter 14
Chapter 15
Chapter 16
Chapter 17
Chapter 18
Chapter 19
Chapter 20
Chapter 21
Chapter 22
Chapter 23
Chapter 24
Chapter 25
Chapter 26
Chapter 27
Chapter 28
Chapter 29
Chapter 30
Chapter 31
Chapter 32
Chapter 33
Chapter 34
Chapter 35
Chapter 36
Chapter 34 →
All chapters:
1
2
3
4
5
6
7
8
9
10
11
12
13
14
15
16
17
18
19
20
21
22
23
24
25
26
27
28
29
30
31
32
33
34
35
36