bible
ra
🌐 Language
English
Español
Français
Deutsch
Português
Italiano
Nederlands
Русский
中文
日本語
한국어
العربية
Türkçe
Tiếng Việt
ไทย
Indonesia
All Languages
Home
/
Uyghur
/
Uyghur Arabic 2005 (ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى)
/
Numbers 30
Numbers 30
Uyghur Arabic 2005 (ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى)
← Chapter 29
Jump to:
Chapter 1
Chapter 2
Chapter 3
Chapter 4
Chapter 5
Chapter 6
Chapter 7
Chapter 8
Chapter 9
Chapter 10
Chapter 11
Chapter 12
Chapter 13
Chapter 14
Chapter 15
Chapter 16
Chapter 17
Chapter 18
Chapter 19
Chapter 20
Chapter 21
Chapter 22
Chapter 23
Chapter 24
Chapter 25
Chapter 26
Chapter 27
Chapter 28
Chapter 29
Chapter 30
Chapter 31
Chapter 32
Chapter 33
Chapter 34
Chapter 35
Chapter 36
Chapter 31 →
1
مۇسا ئىسرائىل قەبىلە باشلىقلىرىغا مۇنداق دېدى: _ تۆۋەندىكىلەر پەرۋەردىگارنىڭ قىلغان ئەمرلىرىدۇر:
2
«بىر ئەر كىشى پەرۋەردىگار ئالدىدا ۋەدە قىلغان ياكى بىر ئىشنى قىلماسلىققا قەسەم قىلغان بولسا، سۆزىدە تۇرۇپ، ئاغزىدىن چىققانلىرىنىڭ ھەممىسىنى بېجىرسۇن.
3
بىر قىز بالا تېخى ئاتىسىنىڭ ئۆيىدىكى ۋاقتىدا پەرۋەردىگارغا ۋەدە قىلغان ياكى بىر ئىشنى قىلماسلىققا قەسەم قىلغان بولسا،
4
ئاتىسى ئاڭلاپ قارشى تۇرمىسا، ئۇ چوقۇم قىلغان ۋەدىسى ياكى قەسىمىنى بېجىرسۇن.
5
ئەگەر ئاتىسى ئاڭلىغىنىدا قارشى تۇرسا، قىزنىڭ ۋەدىسى ۋە قەسىمى ئىناۋەتسىز بولىدۇ. پەرۋەردىگار قىزنى قىلغان ۋەدىسى ياكى قەسىمىدىن ئازاد قىلىدۇ، چۈنكى ئاتىسى قىزنىڭ ۋەدىسى ۋە قەسىمىگە قارشى تۇردى.
6
ئەگەر نىكاھلانمىغان بىر قىز ۋەدە قىلىپ ياكى ئويلىماستىن مەلۇم بىر ئىشنى قىلماسلىققا قەسەم قىلىپ، نىكاھلانغاندىن كېيىن،
7
ئېرى بۇنى ئاڭلاپ قارشى تۇرمىسا، ئۇ ئايال چوقۇم قىلغان ۋەدىسى ياكى قەسىمىنى بېجىرسۇن.
8
ئەگەر ئېرى ئاڭلىغىنىدا قارشى تۇرسا، ئايالىنىڭ قىلغان ۋەدىسى ياكى ئويلىماستىن قىلغان قەسىمىنى ئىناۋەتسىز قىلىدۇ. شۇندىلا پەرۋەردىگار قىزنى قىلغان ۋەدىسى ياكى قەسىمىدىن ئازاد قىلىدۇ.
9
لېكىن تۇل ئايال ياكى ئەردىن ئاجراشقان ئايال قىلغان ھەرقانداق ۋەدىسى ياكى قەسىمىدە تۇرۇشى كېرەك.
10
ئەگەر نىكاھلانغان ئايال ۋەدە قىلغان ياكى بىر ئىشنى قىلماسلىققا قەسەم قىلغان بولسا،
11
ئېرى ئاڭلاپ، ئۈندىمىسە، قارشى تۇرمىسا، ئايال چوقۇم قىلغان ۋەدىسى ياكى قەسىمىنى بېجىرسۇن.
12
ئەگەر ئېرى ئاڭلىغىنىدا ئۇلارنى ئىناۋەتسىز قىلسا، ئايالىنىڭ قىلغان ۋەدىسى ياكى ئويلىماستىن قىلغان قەسىمى ئىناۋەتسىز بولىدۇ. چۈنكى ئۇنىڭ ئېرى ئۇلارنى ئىناۋەتسىز قىلغاندۇر. پەرۋەردىگار ئايالنى قىلغان ۋەدىسى ياكى قەسىمىدىن ئازاد قىلىدۇ.
13
ئېرىنىڭ ئايالىنىڭ قىلغان ۋەدىسى ياكى بىر ئىشنى قىلماسلىققا قىلغان قەسىمىنى ئېتىراپ قىلىش ياكى ئىناۋەتسىز قىلىش ھوقۇقى بار.
14
لېكىن ئېرى ئايالىنىڭ ۋەدىسىنى ياكى قەسىمىنى ئاڭلىغان كۈنى قارشى تۇرمىغان بولسا، ئايالى قىلغان ۋەدىسى ياكى قەسىمىنى بېجىرسۇن. ئېرى ئۇنىڭ ۋەدىسىنى ياكى قەسىمىنى ئاڭلىغان كۈنى قارشى تۇرمىغان بولسا، ئايالىنىڭ ۋەدىسىنى ياكى قەسىمىنى ئېتىراپ قىلغان بولىدۇ.
15
ئەگەر ئېرى دەل ئاشۇ كۈنى ئېتىراپ قىلىپ، كېيىن يېنىۋالسا، ئېرى ئايالىنىڭ گۇناھىنى ئۈستىگە ئالىدۇ.»
16
يۇقىرىقىلار پەرۋەردىگار مۇسا ئارقىلىق ئەمر قىلغان ئەر بىلەن ئايال، ئاتا بىلەن قىز ئوتتۇرىسىدا ئەمەل قىلىشقا تېگىشلىك نىزاملاردۇر.
← Chapter 29
Jump to:
Chapter 1
Chapter 2
Chapter 3
Chapter 4
Chapter 5
Chapter 6
Chapter 7
Chapter 8
Chapter 9
Chapter 10
Chapter 11
Chapter 12
Chapter 13
Chapter 14
Chapter 15
Chapter 16
Chapter 17
Chapter 18
Chapter 19
Chapter 20
Chapter 21
Chapter 22
Chapter 23
Chapter 24
Chapter 25
Chapter 26
Chapter 27
Chapter 28
Chapter 29
Chapter 30
Chapter 31
Chapter 32
Chapter 33
Chapter 34
Chapter 35
Chapter 36
Chapter 31 →
All chapters:
1
2
3
4
5
6
7
8
9
10
11
12
13
14
15
16
17
18
19
20
21
22
23
24
25
26
27
28
29
30
31
32
33
34
35
36