bible
ra
🌐 Language
English
Español
Français
Deutsch
Português
Italiano
Nederlands
Русский
中文
日本語
한국어
العربية
Türkçe
Tiếng Việt
ไทย
Indonesia
All Languages
Home
/
Uyghur
/
Uyghur Arabic 2005 (ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى)
/
Numbers 9
Numbers 9
Uyghur Arabic 2005 (ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى)
← Chapter 8
Jump to:
Chapter 1
Chapter 2
Chapter 3
Chapter 4
Chapter 5
Chapter 6
Chapter 7
Chapter 8
Chapter 9
Chapter 10
Chapter 11
Chapter 12
Chapter 13
Chapter 14
Chapter 15
Chapter 16
Chapter 17
Chapter 18
Chapter 19
Chapter 20
Chapter 21
Chapter 22
Chapter 23
Chapter 24
Chapter 25
Chapter 26
Chapter 27
Chapter 28
Chapter 29
Chapter 30
Chapter 31
Chapter 32
Chapter 33
Chapter 34
Chapter 35
Chapter 36
Chapter 10 →
1
ئىسرائىللار مىسىردىن چىققاندىن كېيىنكى 2-يىلى، 1-ئايدا پەرۋەردىگار سىناي چۆلىدە مۇساغا:
2
_ ئىسرائىل خەلقى ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىنى بەلگىلەنگەن ۋاقىتتا ئۆتكۈزسۇن.
3
مۇشۇ ئاينىڭ 14-كۈنى گۇگۇم چۈشكەندىن باشلاپ، بارلىق بەلگىلىمە ۋە قائىدىلەر بويىچە ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىنى ئۆتكۈزسۇن، _ دېدى.
4
شۇنىڭ بىلەن مۇسا خەلققە ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىنى ئۆتكۈزۈشنى بۇيرۇدى.
5
1-ئاينىڭ 14-كۈنى گۇگۇم چۈشكەندىن باشلاپ، ئۇلار سىناي چۆلىدە ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىنى ئۆتكۈزدى. پەرۋەردىگارنىڭ مۇسا ئارقىلىق قىلغان ئەمرلىرىنى خەلق بىر-بىرلەپ بەجا كەلتۈردى.
6
بىراق بىرنەچچە كىشى جەسەتلەرنى تۇتۇپ، ناپاك بولۇپ قالغانلىقى ئۈچۈن، ئۇ كۈنى ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىنى ئۆتكۈزەلمىدى. ئۇلار مۇسا بىلەن ھارۇننىڭ ئالدىغا بېرىپ:
7
_ بىز جەسەت تۇتقانلىقىمىز ئۈچۈن، ناپاك بولۇپ قالدۇق. شۇ سەۋەبتىن بىزنىڭ ئىسرائىل خەلقى بىلەن بىللە بەلگىلەنگەن كۈندە پەرۋەردىگارغا قۇربانلىق قىلىشىمىزغا رۇخسەت قىلىنمامدۇ؟ _ دەپ سوراشتى.
8
مۇسا ئۇلارغا: _ مۇشۇ يەردە بىر ئاز كۈتۈپ تۇرۇڭلار، پەرۋەردىگارنىڭ سىلەرگە نېمە يوليورۇقى باركىن، ئاڭلاپ باقاي، _ دېدى.
9
پەرۋەردىگار مۇساغا مۇنداق دېدى:
10
_ سەن ئىسرائىل خەلقىگە ئېيتقىن، ئۇلار ۋە ئۇلارنىڭ ئەۋلادلىرى ئىچىدە جەسەتنى تۇتقانلىقى ئۈچۈن ناپاك بولۇپ قالغانلار ياكى ئۇزۇن سەپەردە بولۇپ قالغانلار بولسا، ماڭا ئاتالغان ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىنى ئۆتكۈزىۋەرسۇن.
11
بۇنداق كىشىلەر بىر ئايدىن كېيىن، يەنى 2-ئاينىڭ 14-كۈنى گۇگۇم چۈشكەندىن باشلاپ ھېيت قىلسۇن. ھېيتنىڭ قۇربانلىقىنى پېتىر نان ۋە ئاچچىق-چۈچۈك كۆكتات بىلەن يېسۇن.
12
ئېشىپ قالغان يېمەكلىكنى ئەتىسى ئەتىگەنگىچە ساقلىمىسۇن. مالنىڭ ئۇستىخىنىنى سۇندۇرمىسۇن. ھېيتنى پۈتۈن قائىدە-يوسۇنلىرى بويىچە ئۆتكۈزسۇن.
13
ئەگەر ھەرقانداق بىر كىشى پاك بولۇپ تۇرۇقلۇق ياكى ئۇزۇن سەپەرگە چىقمىغان تۇرۇقلۇق، ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىنى ئۆتكۈزمىسە، ئۆز گۇناھىنىڭ جازاسىنى تارتىپ، خەلقىمنىڭ قاتارىدىن چىقىرىۋېتىلسۇن. چۈنكى ئۇ بەلگىلەنگەن كۈندە ماڭا قۇربانلىق قىلمىدى.
14
ئەگەر ئاراڭلاردىكى يات خەلقلەردىن بىركىم ھېيتنى ئۆتكۈزمەكچى بولسا، ئۇ ھېيتنى پۈتۈن بەلگىلىمىلىرى ۋە قائىدىلىرى بويىچە ئۆتكۈزسۇن. مەيلى ئىسرائىللار ياكى يات خەلقلەر بولسۇن، ھەممىسىگە ئوخشاش بەلگىلىمىلەر قوللىنىلسۇن.
15
ئەھدە چېدىرى دەپمۇ ئاتالغان ئىبادەت چېدىرى تىكىلگەن كۈنى بىر پارچە بۇلۇت ئۇنى قاپلاپ تۇردى. كەچتىن ئەتىگەنگىچە چېدىر ئۈستىدىكى بۇ بۇلۇت خۇددى ئوتتەك كۆرۈنەتتى.
16
بۇ ئەھۋال داۋاملىق يۈز بېرىپ تۇردى. كۈندۈزى چېدىرنى بۇلۇت قاپلىۋالاتتى، كېچىسى بۇلۇت خۇددى ئوتتەك كۆرۈنەتتى.
17
ئۇ چېدىر ئۈستىدىن كۆتۈرۈلگەن ۋاقىتتا، ئىسرائىللار چېدىرلىرىنى چۇۋۇپ، يولغا چىقاتتى. بۇلۇت پەسلىگەن جايلاردا، چېدىرلىرىنى تىكەتتى.
18
ئىسرائىللار پەرۋەردىگارنىڭ ئەمرى بىلەن چېدىرلىرىنى چۇۋۇپ، يولغا چىقاتتى ۋە يەنە پەرۋەردىگارنىڭ ئەمرى بىلەن چېدىرلىرىنى تىكەتتى. بۇلۇت ئىبادەت چېدىرىنىڭ ئۈستىدە قانچىلىك ۋاقىت توختىسا، ئۇلار قارارگاھىدا شۇنچىلىك ۋاقىت تۇراتتى.
19
بۇلۇت ئىبادەت چېدىرىنىڭ ئۈستىدە ئۇزاقراق توختىغاندا، ئۇلار پەرۋەردىگارنىڭ ئەمرىگە بويسۇنۇپ، يۆتكەلمەيتتى.
20
بەزىدە بۇلۇت ئىبادەت چېدىرىنىڭ ئۈستىدە ئاران بىرنەچچە كۈنلا توختايتتى، ئەھۋال قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ئۇلار پەرۋەردىگارنىڭ ئەمرىگە بىنائەن چېدىرلىرىنى چۇۋۇپ، كۆچەتتى ۋە پەرۋەردىگارنىڭ ئەمرىگە بىنائەن چېدىرلىرىنى تىكەتتى.
21
بەزىدە بۇلۇت پەقەت بىر كېچىلا توختاپ، ئەتىسى ئەتىگەندە كۆتۈرۈلۈپ كېتەتتى. بۇلۇت كۆتۈرۈلگەندە، ئۇلارمۇ يولغا چىقاتتى. مەيلى كۈندۈزى ياكى كېچىسى بولسۇن، بۇلۇت كۆتۈرۈلسىلا، ئۇلار يولغا چىقاتتى.
22
ئىككى كۈن، بىر ئاي ياكى ئۇنىڭدىن ئۇزۇن ۋاقىت بولسىمۇ، پەقەت بۇلۇت ئىبادەت چېدىرىنىڭ ئۈستىدە توختىسىلا، ئۇلار قوزغالمايتتى. بۇلۇت كۆتۈرۈلسىلا، ئۇلار يەنە يولغا چىقاتتى.
23
ئۇلارنىڭ چېدىرلىرىنى چۇۋۇپ كۆچۈشى ياكى چېدىرلىرىنى تىكىشى پەرۋەردىگارنىڭ ئەمرى بويىچە ئىشقا ئاشۇرۇلدى. ئۇلار پەرۋەردىگارنىڭ مۇسا ئارقىلىق قىلغان ئەمرلىرى بويىچە ئىش كۆردى.
← Chapter 8
Jump to:
Chapter 1
Chapter 2
Chapter 3
Chapter 4
Chapter 5
Chapter 6
Chapter 7
Chapter 8
Chapter 9
Chapter 10
Chapter 11
Chapter 12
Chapter 13
Chapter 14
Chapter 15
Chapter 16
Chapter 17
Chapter 18
Chapter 19
Chapter 20
Chapter 21
Chapter 22
Chapter 23
Chapter 24
Chapter 25
Chapter 26
Chapter 27
Chapter 28
Chapter 29
Chapter 30
Chapter 31
Chapter 32
Chapter 33
Chapter 34
Chapter 35
Chapter 36
Chapter 10 →
All chapters:
1
2
3
4
5
6
7
8
9
10
11
12
13
14
15
16
17
18
19
20
21
22
23
24
25
26
27
28
29
30
31
32
33
34
35
36