bible
ra
🌐 Language
English
Español
Français
Deutsch
Português
Italiano
Nederlands
Русский
中文
日本語
한국어
العربية
Türkçe
Tiếng Việt
ไทย
Indonesia
All Languages
Home
/
Uyghur
/
Uyghur Arabic 2005 (ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى)
/
Numbers 27
Numbers 27
Uyghur Arabic 2005 (ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى)
← Chapter 26
Jump to:
Chapter 1
Chapter 2
Chapter 3
Chapter 4
Chapter 5
Chapter 6
Chapter 7
Chapter 8
Chapter 9
Chapter 10
Chapter 11
Chapter 12
Chapter 13
Chapter 14
Chapter 15
Chapter 16
Chapter 17
Chapter 18
Chapter 19
Chapter 20
Chapter 21
Chapter 22
Chapter 23
Chapter 24
Chapter 25
Chapter 26
Chapter 27
Chapter 28
Chapter 29
Chapter 30
Chapter 31
Chapter 32
Chapter 33
Chapter 34
Chapter 35
Chapter 36
Chapter 28 →
1
بىر كۈنى زىلوفخادنىڭ ياتلىق بولمىغان قىزلىرى ماخلاھ، نوئاھ، خوگلاھ، مىلكاھ ۋە تىرزاھلار ئۆز نېسىۋىسىنى ئېلىشقا كەلدى. ئۇلارنىڭ ئاتىسى زىلوفخاد خېفەرنىڭ ئوغلى، گىلئادنىڭ نەۋرىسى، ماكىرنىڭ ئەۋرىسى، ماناسسەنىڭ چەۋرىسى ئىدى، ماناسسە يۈسۈپنىڭ ئوغلى ئىدى.
2
ئۇلار ئۇچرىشىش چېدىرىنىڭ ئالدىغا كېلىپ، مۇسا، روھانىي ئەلئازار، ئاقساقاللار ۋە بارلىق جامائەتكە مۇنداق دېدى:
3
_ ئاتىمىز چۆلدە ئۆلۈپ كەتتى. ئۇ كوراھ بىلەن بىرگە پەرۋەردىگارغا قارشى تۇرغانلىقى ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى ئۆزىنىڭ گۇناھى سەۋەبىدىن ئۆلۈپ كەتتى. ئۇنىڭدىن ھېچقانداق ئوغۇل قالمىدى.
4
ئەجەبا ئۇنىڭ ئوغلى بولمىغانلىقى ئۈچۈنلا، ئۇنىڭ نامى جەمەت ئىچىدىن ئۆچۈپ كېتىشى كېرەكمۇ؟ ئاتىمىزنىڭ جەمەتىدىن بىزگىمۇ زېمىن تەقسىم قىلىپ بېرىڭلار.
5
مۇسا ئۇلارنىڭ ئۆتۈنۈشىنى پەرۋەردىگارغا مەلۇم قىلدى.
6
پەرۋەردىگار مۇساغا مۇنداق دېدى:
7
_ زىلوفخادنىڭ قىزلىرىنىڭ دېگەنلىرى ئورۇنلۇق. سەن ئۇلارنىڭ ئاتىسىنىڭ جەمەتىنىڭ زېمىنىدىن بىر ئۈلۈش ئاجرىتىپ بېرىپ، ئۇلارنى ئاتىسىنىڭ زېمىنىغا ۋارىس قىلغىن.
8
سەن ئىسرائىللارغا ئېيتقىن، ئەگەر ئاتىسى ئۆلۈپ كېتىپ، ئوغلى بولمىسا، زېمىنىغا قىزى ۋارىسلىق قىلسۇن.
9
ئەگەر قىزىمۇ بولمىسا، ئاتىسىنىڭ ئاكا-ئۇكىلىرى ۋارىسلىق قىلسۇن.
10
ئاتىسىنىڭ ئاكا-ئۇكىلىرى بولمىسا، چوڭ دادىسىنىڭ ئاكا-ئۇكىلىرى ۋارىسلىق قىلسۇن.
11
ئەگەر چوڭ دادىسىنىڭ ئاكا-ئۇكىلىرىمۇ بولمىسا، جەمەت ئىچىدىكى ئەڭ يېقىن تۇغقانلىرى ۋارىسلىق قىلسۇن. مانا بۇ مەن پەرۋەردىگارنىڭ مۇسا ئارقىلىق ئىسرائىللارغا يەتكۈزگەن ۋە ئۇلار ئەمەل قىلىشقا تېگىشلىك بولغان قانۇندۇر.
12
پەرۋەردىگار مۇساغا مۇنداق دېدى: _ سەن ئابارىم تېغىغا چىقىپ، مەن ئىسرائىللارغا ئاتا قىلغان زېمىنغا نەزەر سالغىن.
13
ئاندىن كېيىن سەن خۇددى ئاكاڭ ھارۇنغا ئوخشاش ئالەمدىن ئۆتىسەن.
14
چۈنكى زىن چۆلىدە خەلق ماڭا قارشى چىققاندا، سىلەر ئىككىڭلار مېنىڭ ئەمرىمگە ئەمەل قىلماي، خەلقنىڭ ئالدىدا مېنىڭ مۇقەددەسلىكىمگە ھۆرمەت قىلمىدىڭلار. (بۇ ۋەقە زىن چۆلىدىكى كادېشتا، يەنى «مىرىبا سۈيى»دە يۈز بەرگەن.)
15
مۇسا پەرۋەردىگارغا مۇنداق دېدى:
16
_ ئى پەرۋەردىگار، سەن ئىنسانغا ھاياتلىق ئاتا قىلغۇچى خۇدادۇرسەن. سەندىن ئۆتۈنەي، بۇ خەلققە بىر يېتەكچى تەيىنلىگەيسەن،
17
ئۇ، خەلقىڭنى يېتەكلىسۇن. ھازىر بۇ خەلق خۇددى پادىچىسى يوق قويلارغا ئوخشاپ قالدى.
18
پەرۋەردىگار مۇساغا مۇنداق دېدى: _ نۇننىڭ ئوغلى يوشۇۋادا مېنىڭ روھىم بار. سەن ئۇنى باشلاپ كېلىپ، قولۇڭنى ئۇنىڭ بېشىغا قويغىن.
19
ئۇنى روھانىي ئەلئازار ۋە پۈتۈن جامائەتنىڭ ئالدىدا تۇرغۇزۇپ، ئۇنى ئۇلارنىڭ ئالدىدا يېتەكچى قىلىپ تەيىنلىگىن.
20
سەن ھوقۇقۇڭدىن بىر قىسمىنى ئۇنىڭغا ئۆتكۈزۈپ بەرگىن، پۈتۈن ئىسرائىللار ئۇنىڭغا بويسۇنىدۇ.
21
بىر ئىشقا يولۇقسا، روھانىي ئەلئازارنىڭ يېنىغا بارسۇن. ئۇ يوشۇۋاغا ۋاكالىتەن «ئۇرىم» ئارقىلىق مېنىڭ ئىرادەمنى سورايدۇ. ھەرقانداق ئىشتا يوشۇۋا ۋە پۈتۈن جامائەت مېنىڭ كۆرسەتمەم بويىچە ئىش قىلسۇن.
22
مۇسا پەرۋەردىگارنىڭ ئەمرى بويىچە يوشۇۋانى چاقىرىپ كېلىپ، ئۇنى روھانىي ئەلئازار ۋە پۈتۈن جامائەتنىڭ ئالدىدا تۇرغۇزدى.
23
ئاندىن پەرۋەردىگارنىڭ ئەمرى بويىچە قولىنى ئۇنىڭ بېشىغا قويۇپ، ئۇنى يېتەكچى قىلىپ تەيىنلىدى.
← Chapter 26
Jump to:
Chapter 1
Chapter 2
Chapter 3
Chapter 4
Chapter 5
Chapter 6
Chapter 7
Chapter 8
Chapter 9
Chapter 10
Chapter 11
Chapter 12
Chapter 13
Chapter 14
Chapter 15
Chapter 16
Chapter 17
Chapter 18
Chapter 19
Chapter 20
Chapter 21
Chapter 22
Chapter 23
Chapter 24
Chapter 25
Chapter 26
Chapter 27
Chapter 28
Chapter 29
Chapter 30
Chapter 31
Chapter 32
Chapter 33
Chapter 34
Chapter 35
Chapter 36
Chapter 28 →
All chapters:
1
2
3
4
5
6
7
8
9
10
11
12
13
14
15
16
17
18
19
20
21
22
23
24
25
26
27
28
29
30
31
32
33
34
35
36