bible
ra
🌐 Language
English
Español
Français
Deutsch
Português
Italiano
Nederlands
Русский
中文
日本語
한국어
العربية
Türkçe
Tiếng Việt
ไทย
Indonesia
All Languages
Home
/
Uyghur
/
Uyghur Arabic 2005 (ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى)
/
Numbers 35
Numbers 35
Uyghur Arabic 2005 (ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى)
← Chapter 34
Jump to:
Chapter 1
Chapter 2
Chapter 3
Chapter 4
Chapter 5
Chapter 6
Chapter 7
Chapter 8
Chapter 9
Chapter 10
Chapter 11
Chapter 12
Chapter 13
Chapter 14
Chapter 15
Chapter 16
Chapter 17
Chapter 18
Chapter 19
Chapter 20
Chapter 21
Chapter 22
Chapter 23
Chapter 24
Chapter 25
Chapter 26
Chapter 27
Chapter 28
Chapter 29
Chapter 30
Chapter 31
Chapter 32
Chapter 33
Chapter 34
Chapter 35
Chapter 36
Chapter 36 →
1
ئېرىخا شەھىرىنىڭ قارشى تەرىپىدىكى، ئىئوردان دەرياسىنىڭ بويىدىكى موئاب تۈزلەڭلىكىدە پەرۋەردىگار مۇساغا مۇنداق دېدى:
2
_ ئىسرائىللارغا بۇ ئەمرنى يەتكۈزگىن: «ئۇلار تەقسىماتتا ئىگە بولىدىغان زېمىنلىرىنىڭ ئىچىدىن بىر قىسىم شەھەرلەرنى ۋە ئۇلارنىڭ ئەتراپىدىكى ئوتلاقلارنى لاۋىيلارغا بەرسۇن.
3
ئۇلار شەھەرلەردە ئولتۇرۇپ، ئوتلاقلاردا كالىلىرى ۋە باشقا چارۋا ماللىرىنى باقىدۇ.
4
لاۋىيلارغا بۆلۈپ بېرىلگەن شەھەرلىرىنىڭ ئوتلاقلىرى شەھەر سېپىلىدىن 450 مېتىر يىراقلىققىچە سوزۇلسۇن.
5
شەھەرنىڭ سىرتى تۆت تەرىپىدىن، يەنى شەرقتىن غەربكە، شىمالدىن جەنۇبقىچە 900 مېتىر بولۇپ، بۇ لاۋىيلارنىڭ ئوتلاقلىرى بولسۇن. ئوتلاقلار شەھەرنى ئوراپ تۇرىدۇ.
6
لاۋىيلارغا 42 شەھەر بېرىڭلار. ئۇنىڭدىن باشقا بىخەستەلىك قىلىپ، ئادەم ئۆلتۈرۈپ قويغۇچىلارنىڭ پاناھلىنىشى ئۈچۈن ئالتە شەھەرنى قوشۇپ بېرىڭلار.
7
جەمئىي 48 شەھەر ۋە ئەتراپىدىكى ئوتلاقلار لاۋىيلارغا تەۋە بولسۇن.
8
ئىسرائىللارنىڭ ھەرقايسى قەبىلىلىرى ئۆزلىرى ئىگە بولغان زېمىنلىرىدىن بىر قىسىم شەھەرلەرنى لاۋىيلارغا بەرسۇن. ئادەملىرى كۆپ قەبىلىلەر كۆپرەك، ئادەملىرى ئاز قەبىلىلەر ئازراق بەرسۇن. ھەربىر قەبىلە لاۋىيلارغا قانچىدىن شەھەر بېرىدىغانلىقى ئۇلارنىڭ زېمىنىنىڭ چوڭ-كىچىكلىكىگە قاراپ بەلگىلەنسۇن.»
9
پەرۋەردىگار مۇساغا مۇنداق دېدى:
10
_ ئىسرائىللارغا بۇ سۆزلەرنى يەتكۈزگىن: «سىلەر ئىئوردان دەرياسىدىن ئۆتۈپ كەنئان زېمىنىغا كىرگەندىن كېيىن،
11
بىر قىسىم شەھەرلەرنى پاناھلىنىدىغان شەھەر قىلىپ تاللاڭلار. بىخەستەلىك قىلىپ، ئادەم ئۆلتۈرۈپ قويۇپ قېچىپ يۈرگەنلەر بۇ شەھەرلەردە پاناھلىنىپ،
12
ئۆلگۈچىنىڭ تۇغقانلىرىنىڭ قىساس ئېلىشىدىن جېنىنى ساقلىسۇن. بىخەستەلىك قىلىپ، ئادەم ئۆلتۈرۈپ قويغۇچىلار جامائەت ئالدىدا سوتلانمىغۇچە ئۆلتۈرۈلمىسۇن.
13
ئالتە شەھەرنى پاناھلىنىدىغان شەھەر قىلىپ تاللاڭلار.
14
بۇ شەھەرلەرنىڭ ئۈچى ئىئوردان دەرياسىنىڭ شەرقىي قىرغىقىدا، يەنە ئۈچى كەنئان زېمىنىدا بولسۇن.
15
بىخەستەلىك قىلىپ، ئادەم ئۆلتۈرۈپ قويغۇچىلار مەيلى ئىسرائىللاردىن بولسۇن، مەيلى بۇ يەردە ئولتۇراقلىشىپ قالغان ياكى مۇساپىر بولۇپ تۇرۇۋاتقان يات خەلقلەردىن بولسۇن، ھەممىسى بۇ شەھەرلەرگە كېلىپ پاناھلانسا بولىدۇ.
16
ئەگەر بىر ئادەم تۆمۈر ئەسۋاب بىلەن ئۇرۇپ، ئادەم ئۆلتۈرگەن بولسا، ئۇ قاتىل ھېسابلىنىپ، ئۆلۈمگە مەھكۇمدۇر.
17
ئەگەر بىر ئادەم تاش بىلەن ئۇرۇپ، ئادەم ئۆلتۈرگەن بولسا، ئۇ قاتىل ھېسابلىنىپ، ئۆلۈمگە مەھكۇمدۇر.
18
ئەگەر بىر ئادەم ياغاچ ئەسۋاب بىلەن ئۇرۇپ، ئادەم ئۆلتۈرگەن بولسا، ئۇ قاتىل ھېسابلىنىپ، ئۆلۈمگە مەھكۇمدۇر.
19
ئۆلگۈچىنىڭ تۇغقىنى قاتىلنى نەدە تاپسا، شۇ يەردە ئۆلتۈرسۇن.
20
ئەگەر بىر ئادەم بىرسىنى ئۆچمەنلىك بىلەن ئىتتىرىپ، ئۆلتۈرۈپ قويغان بولسا، ياكى قەستەن بىر نەرسە ئېتىپ ئۆلتۈرۈپ قويغان بولسا،
21
ياكى ئۆچمەنلىك قىلىپ، ئۇنى مۇشتلاپ ئۆلتۈرۈۋەتكەن بولسا، ئۇ قاتىل ھېسابلىنىپ، ئۆلۈمگە مەھكۇمدۇر. قىساس ئالغۇچى ئۇنداقلارنى تاپقان يېرىدە ئۆلتۈرسۇن.
22
ئەگەر بىرسى ھېچبىر ئۆچ-ئاداۋەتسىز يەنە بىرسىنى بىخەستەلىك قىلىپ ئىتتىرىۋېتىپ، ئۆلۈمىگە سەۋەبچى بولسا، ياكى غەرەزسىز ھالدا بىر نەرسىنى ئېتىپ بىرسىنى ئۆلتۈرۈپ قويغان بولسا،
23
ياكى كۆرمەي قېلىپ، چوڭ بىر تاشنى چۈشۈرۈۋېتىپ، بىرسىنى ئۆلتۈرۈپ قويغان بولسا، ئۇنىڭ ئۇ ئادەم بىلەن ئۆچ-ئاداۋىتى بولمىسا،
24
جامائەت ئادەم ئۆلتۈرۈپ قويغۇچى بىلەن قىساس ئالغۇچىنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى ماجىرانى تۆۋەندىكىدەك ھەل قىلسۇن:
25
جامائەت بىخەستەلىك بىلەن ئادەم ئۆلتۈرۈپ قويغۇچىنى قىساس ئالغۇچىنىڭ قولىدىن قۇتۇلدۇرۇپ، پاناھلىنىدىغان شەھەرگە ئەۋەتسۇن. ئۇ شۇ شەھەردە تاكى بېشىغا مۇقەددەس ياغ قۇيۇلۇپ تەيىنلەنگەن باش روھانىي ۋاپات بولغۇچە تۇرسۇن.
26
لېكىن ئادەمنى بىخەستەلىك قىلىپ ئۆلتۈرۈپ قويغۇچى پاناھلىنىدىغان شەھەردىن ئايرىلغان بولسا،
27
قىساس ئالغۇچى پاناھلىنىدىغان شەھەرنىڭ سىرتىدا ئۇنى تېپىۋېلىپ ئۆلتۈرۈۋەتسە، قىساس ئالغۇچى قاتىل ھېسابلانمىسۇن.
28
چۈنكى ئادەمنى بىخەستەلىك قىلىپ ئۆلتۈرۈپ قويغۇچى چوقۇم پاناھلىنىدىغان شۇ شەھەردە تۇرۇشى كېرەك. باش روھانىي ۋاپات بولغاندىن كېيىنلا، ئاندىن ئۆز يۇرتىغا قايتسا بولىدۇ.
29
بۇ، سىلەر مەيلى نەدە ياشاڭلار، ئەۋلادتىن ئەۋلادقىچە ئەمەل قىلىشىڭلارغا تېگىشلىك بولغان قانۇندۇر.
30
ئەگەر بىرسى يەنە بىر ئادەمنىڭ ئۈستىدىن قاتىللىق قىلدى، دەپ ئەرز قىلسا، چوقۇم بىرقانچە ئادەمنىڭ گۇۋاھلىقى بىلەن ئۇنى ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلسا بولىدۇ. لېكىن بىرلا ئادەمنىڭ گۇۋاھلىقى بىلەن ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىشقا بولمايدۇ.
31
ئادەم ئۆلتۈرگەن قاتىل چوقۇم جانغا جان قايتۇرۇشى كېرەك، پۇل تۆلەپ ئۆلۈمدىن قۇتۇلۇپ قېلىشىغا بولمايدۇ.
32
پاناھلىنىدىغان شەھەردە پاناھلىنىۋاتقۇچىنىڭ پۇلىنى ئېلىپ، ئۇنى باش روھانىي ئۆلۈشتىن بۇرۇن يۇرتىغا قايتىشقا رۇخسەت قىلىشقا بولمايدۇ.
33
شۇنداق قىلساڭلار سىلەر ئۆزۈڭلار تۇرىدىغان زېمىننى بۇلغىمىغان بولىسىلەر چۈنكى قان زېمىننى بۇلغايدۇ. قان بىلەن بۇلغانغان زېمىننى پەقەت قاتىلنىڭ قېنى بىلەن پاكلىغىلى بولىدۇ.
34
سىلەر تۇرىدىغان بۇ زېمىننى بۇلغىساڭلار بولمايدۇ، چۈنكى بۇ مەن تۇرۇۋاتقان زېمىندۇر. مەن پەرۋەردىگار سىلەرنىڭ ئاراڭلاردا تۇرىمەن.»
← Chapter 34
Jump to:
Chapter 1
Chapter 2
Chapter 3
Chapter 4
Chapter 5
Chapter 6
Chapter 7
Chapter 8
Chapter 9
Chapter 10
Chapter 11
Chapter 12
Chapter 13
Chapter 14
Chapter 15
Chapter 16
Chapter 17
Chapter 18
Chapter 19
Chapter 20
Chapter 21
Chapter 22
Chapter 23
Chapter 24
Chapter 25
Chapter 26
Chapter 27
Chapter 28
Chapter 29
Chapter 30
Chapter 31
Chapter 32
Chapter 33
Chapter 34
Chapter 35
Chapter 36
Chapter 36 →
All chapters:
1
2
3
4
5
6
7
8
9
10
11
12
13
14
15
16
17
18
19
20
21
22
23
24
25
26
27
28
29
30
31
32
33
34
35
36