bible
ra
🌐 Language
English
Español
Français
Deutsch
Português
Italiano
Nederlands
Русский
中文
日本語
한국어
العربية
Türkçe
Tiếng Việt
ไทย
Indonesia
All Languages
Home
/
Uyghur
/
Uyghur Arabic 2005 (ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى)
/
Numbers 21
Numbers 21
Uyghur Arabic 2005 (ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى)
← Chapter 20
Jump to:
Chapter 1
Chapter 2
Chapter 3
Chapter 4
Chapter 5
Chapter 6
Chapter 7
Chapter 8
Chapter 9
Chapter 10
Chapter 11
Chapter 12
Chapter 13
Chapter 14
Chapter 15
Chapter 16
Chapter 17
Chapter 18
Chapter 19
Chapter 20
Chapter 21
Chapter 22
Chapter 23
Chapter 24
Chapter 25
Chapter 26
Chapter 27
Chapter 28
Chapter 29
Chapter 30
Chapter 31
Chapter 32
Chapter 33
Chapter 34
Chapter 35
Chapter 36
Chapter 22 →
1
كەنئاننىڭ جەنۇبىغا جايلاشقان ئارادنىڭ پادىشاھى ئىسرائىللارنىڭ ئاتارىمغا قاراپ كېلىۋاتقانلىقىنى ئاڭلاپ، ئۇلارغا قارشى ھۇجۇمغا ئۆتتى ۋە ئۇلارنىڭ بىر قىسمىنى ئەسىرگە ئالدى.
2
شۇنىڭ بىلەن ئىسرائىللار پەرۋەردىگارغا: «ئەگەر سەن بۇ خەلقنى بىزنىڭ قولىمىزغا چۈشۈرۈپ بەرسەڭ، ئۇلارنى قىرغىن قىلىپ، شەھەرلىرىنى پۈتۈنلەي ۋەيران قىلىۋېتىمىز» دەپ قەسەم قىلدى.
3
پەرۋەردىگار ئىسرائىللارنىڭ ئۆتۈنۈشىنى ئاڭلاپ، كەنئانلارنى ئۇلارغا تاپشۇردى. ئۇلار كەنئانلارنى ۋە ئۇلارنىڭ شەھەرلىرىنى پۈتۈنلەي ۋەيران قىلدى. شۇڭا ئۇ جاي خورماھ [مەنىسى «خاراب قىلىش»] دەپ ئاتالدى.
4
ئىسرائىللار ھور تېغىدىن قىزىل دېڭىزغا بارىدىغان يولغا چىقىپ، ئىدومدىن ئايلىنىپ ئۆتمەكچى بولدى. لېكىن كىشىلەر يولدا تاقەتسىزلىنىپ،
5
خۇدا ۋە مۇسادىن ئاغرىنىشقا باشلىدى: _ سەن نېمىشقا بىزنى مىسىردىن ئېلىپ چىقىپ، بۇ چۆلدە ئۆلۈمگە باشلايسەن؟ بۇ جايدا يا نان يوق، يا سۇ يوق! ئۇنىڭ ئۈستىگە بىز بۇ ناچار ماننادىن تويۇپ كەتتۇق! _ دېدى.
6
شۇنىڭ بىلەن پەرۋەردىگار ئۇلارنىڭ ئارىسىغا زەھەرلىك يىلانلارنى ئەۋەتتى. يىلانلار نۇرغۇن ئىسرائىللارنى چېقىپ، ئۆلتۈردى.
7
خەلق مۇسانىڭ ئالدىغا كېلىپ: _ بىز سەن ۋە پەرۋەردىگاردىن ئاغرىنىپ، گۇناھ قىلدۇق. پەرۋەردىگاردىن يىلانلارنى بىزدىن يىراق قىلىشىنى تىلەپ، دۇئا قىلغايسەن، _ دېدى. شۇنىڭ بىلەن مۇسا جامائەت ئۈچۈن دۇئا قىلدى.
8
پەرۋەردىگار مۇساغا مۇنداق دېدى: _ يىلاندىن بىرنى ياساپ، خادىنىڭ ئۈستىگە ئورناتقىن. يىلان چاققان ھەرقانداق كىشى ئۇنىڭغا قارىسا ھايات قالىدۇ.
9
شۇڭا مۇسا تۇچتىن بىر يىلان ياساپ، ئۇنى خادىنىڭ ئۈستىگە ئورناتتى. شۇنىڭ بىلەن يىلان چېقىۋالغان ئادەم تۇچتىن ياسالغان يىلانغا قارىسا، ھايات قالدى.
10
ئىسرائىللار يەنە سەپەرگە ئاتلىنىپ ئوبوتتا قارارگاھ تىكتى.
11
ئاندىن ئۇلار ئوبوتتىن چىقىپ، ئابارىم تاغلىرىدىكى ئىيىمغا كەلدى ۋە موئابنىڭ شەرقىي چېگراسىنىڭ ئۇدۇلىدىكى چۆلدە قارارگاھ تىكتى.
12
ئۇ جايدىن ئايرىلىپ، زەرەد جىلغىسىدا قارارگاھ تىكتى.
13
ئاندىن ئۇ جايدىن ئايرىلىپ، ئارنون دەرياسىنىڭ قارشى قىرغىقىدا قارارگاھ تىكتى. بۇ جاي ئامورلارنىڭ زېمىنىغا تۇتىشىدىغان چۆلدە ئىدى. ئارنون دەرياسى موئابنىڭ چېگراسى بولۇپ، موئاب بىلەن ئامورلارنىڭ ئوتتۇرىسىدا ئىدى.
14
شۇڭا بۇ جايلار «پەرۋەردىگارنىڭ جەڭنامىسى»دە پۈتۈلگەنىدى: «... سۇفاھتىكى ۋاھېب بازىرى ۋە ئارنوننىڭ چوڭقۇر جىلغىلىرى
15
ھەمدە ئار يېزىسىغا يېتىپ بارىدىغان ۋە موئاب چېگراسىغا سوزۇلىدىغان جىلغىلارنىڭ باغرىلىرى...»
16
ئۇلار ئۇ جايدىن داۋاملىق ئىلگىرىلەپ بەئەرگە [مەنىسى «قۇدۇق»] باردى. بۇ يەر پەرۋەردىگار مۇساغا: «خەلقنى يىغىپ جەم قىلغىن، مەن ئۇلارغا سۇ بېرىمەن» دېگەن يەر ئىدى.
17
ئۇ چاغدا ئىسرائىللار تۆۋەندىكى ناخشىنى ئېيتقانىدى: «ئەي قۇدۇق، ئېتىلىپ چىققاي سۇلىرىڭ، كۈيلىگەيمىز بىز سېنى،
18
ئەل باشچىلىرى، ئەل سەركىلىرى كولاپ سېنى، سەلتەنەت ھاسىلىرىدا قازغانىدى.» ئاندىن ئۇلار چۆلدىن چىقىپ، ماتتاناغا باردى.
19
ماتتانادىن ناخالىئېلغا، ناخالىئېلدىن باموتقا،
20
باموتتىن موئاب زېمىنىغا، يەنى چۆلگە قاراپ تۇرىدىغان پىسگاھ تېغىنىڭ بويىدىكى جىلغىغا يېتىپ باردى.
21
ئىسرائىللار ئامورلارنىڭ پادىشاھى سىخونغا تۆۋەندىكى تەلەپلەر بىلەن ئەلچى ئەۋەتتى:
22
«بىزنىڭ زېمىنىڭىزدىن ئۆتۈشىمىزگە يول قويسىڭىز. بىز ئېتىزلىقىڭىزدا ياكى ئۈزۈمزارلىقىڭىزدا ماڭمايمىز، قۇدۇقىڭىزدىن سۇ ئىچمەيمىز. بىز تاكى سىزنىڭ زېمىنىڭىزدىن ئۆتۈپ بولغۇچە، پەقەت خانلىق يولدىلا ماڭىمىز.»
23
لېكىن سىخون ئىسرائىللارنى ئۆز زېمىنىدىن ئۆتۈشىگە رۇخسەت قىلمىدى. ئۇ ئۆزىنىڭ بارلىق لەشكىرىنى يىغدى ۋە چۆلگە بېرىپ، ياھاز دېگەن جايدا ئىسرائىللارغا ھۇجۇم قىلدى.
24
ئىسرائىللار پادىشاھ سىخوننى ئۆلتۈرۈپ، ئۇلارنىڭ ئارنون دەرياسىدىن ياببوق دەرياسىغىچە بولغان زېمىنىنى تارتىۋېلىپ، مۇداپىئەسى زىچ بولغان ئاممونلارنىڭ چېگراسىغىچە يېتىپ باردى.
25
ئىسرائىللار ئامورلارنىڭ بارلىق شەھەرلىرىنى، جۈملىدىن خەشبون ۋە ئەتراپىدىكى يېزا-كەنتلەرنى ئىشغال قىلدى ۋە ئۇ يەرلەرگە ئولتۇراقلاشتى.
26
خەشبون ئامورلارنىڭ پادىشاھى سىخوننىڭ شەھىرى بولۇپ، سىخون موئابلارنىڭ ئاۋۋالقى پادىشاھى بىلەن ئۇرۇشۇپ، ئۇنىڭ ئارنون دەرياسىغىچە بولغان بارلىق زېمىنىنى ئىشغال قىلغانىدى.
27
شۇڭا بەزىلەر بۇ توغرۇلۇق مۇنداق قوشاق توقۇغانىدى: «خەشبون شەھىرىگە كېلىپ، ئۇنى قايتا قۇرسۇن، سىخوننىڭ شەھىرى قايتا بىنا بولسۇن.
28
يالقۇن خەشبوندىن چىقتى، سىخون شەھىرىدىن ئاتەش ياندى. موئابنىڭ ئار شەھىرىنى يالماپ، ئارنون ئېگىزلىكىنىڭ پۇقرالىرىنى كۆيدۈردى.
29
ھالىڭلارغا ۋاي، ئەي موئابلار! ئاھ كىموش ئىلاھىنىڭ خەلقى، تۈگەشتىڭلار ئەمدى! ئىلاھىڭلار ئوغۇللىرىنىڭ قاچاق بولۇشىنى توسالمىدى، ئىلاھىڭلار قىزلىرىنىڭ تۇتقۇن بولۇشىنى توسالمىدى، ئۇلار ئامور پادىشاھى سىخوننىڭ بولدى.
30
بىز ئۇلارنى قىرىپ تاشلىدۇق، خەشبون ۋەيران بولدى تاكى دىبونغىچە. پايخان قىلدۇق ئۇلارنى تاكى نوفاخقىچە، نوفاختىن ھەتتا مېدىباغىچە.»
31
شۇنداق قىلىپ ئىسرائىللار ئامورلارنىڭ زېمىنىغا ئولتۇراقلاشتى.
32
مۇسا يازېر شەھىرىنى چارلاشقا ئادەم ئەۋەتكەندىن كېيىن، ئىسرائىللار ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى يېزا-قىشلاقلارنى ئىشغال قىلدى ۋە ئۇ جايدىكى ئامورلارنى قوغلاپ چىقاردى.
33
ئاندىن ئىسرائىللار بۇرۇلۇپ، باشانغا قاراپ يول ئالدى. باشان پادىشاھى ئوگ پۈتۈن لەشكەرلىرىنى باشلاپ، ئەدرەئىدە ئۇلار بىلەن ئۇرۇش قىلدى.
34
پەرۋەردىگار مۇساغا مۇنداق دېدى: _ ئۇنىڭدىن قورقمىغىن، چۈنكى مەن ئۇنى ۋە ئۇنىڭ بارلىق لەشكەرلىرىنى، ھەمدە ئۇنىڭ زېمىنلىرىنى سېنىڭ قولۇڭغا تاپشۇردۇم. خەشبوندا ھۆكۈمرانلىق قىلغان ئامورلارنىڭ پادىشاھى سىخونغا قانداق قىلغان بولساڭ، ئۇنىڭغىمۇ شۇنداق قىلغىن.
35
شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئوگنى ئۇنىڭ ئوغۇللىرى ۋە پۈتۈن لەشكەرلىرى بىلەن قوشۇپ تارمار قىلدى، ئۇلاردىن ھېچكىمنى ئامان قويمىدى ھەمدە ئۇنىڭ زېمىنلىرىنى ئىگىلىدى.
← Chapter 20
Jump to:
Chapter 1
Chapter 2
Chapter 3
Chapter 4
Chapter 5
Chapter 6
Chapter 7
Chapter 8
Chapter 9
Chapter 10
Chapter 11
Chapter 12
Chapter 13
Chapter 14
Chapter 15
Chapter 16
Chapter 17
Chapter 18
Chapter 19
Chapter 20
Chapter 21
Chapter 22
Chapter 23
Chapter 24
Chapter 25
Chapter 26
Chapter 27
Chapter 28
Chapter 29
Chapter 30
Chapter 31
Chapter 32
Chapter 33
Chapter 34
Chapter 35
Chapter 36
Chapter 22 →
All chapters:
1
2
3
4
5
6
7
8
9
10
11
12
13
14
15
16
17
18
19
20
21
22
23
24
25
26
27
28
29
30
31
32
33
34
35
36