bible
ra
🌐 Language
English
Español
Français
Deutsch
Português
Italiano
Nederlands
Русский
中文
日本語
한국어
العربية
Türkçe
Tiếng Việt
ไทย
Indonesia
All Languages
Home
/
Uyghur
/
Uyghur Arabic 2005 (ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى)
/
Proverbs 1
Proverbs 1
Uyghur Arabic 2005 (ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى)
Jump to:
Chapter 1
Chapter 2
Chapter 3
Chapter 4
Chapter 5
Chapter 6
Chapter 7
Chapter 8
Chapter 9
Chapter 10
Chapter 11
Chapter 12
Chapter 13
Chapter 14
Chapter 15
Chapter 16
Chapter 17
Chapter 18
Chapter 19
Chapter 20
Chapter 21
Chapter 22
Chapter 23
Chapter 24
Chapter 25
Chapter 26
Chapter 27
Chapter 28
Chapter 29
Chapter 30
Chapter 31
Chapter 2 →
1
داۋۇت پادىشاھنىڭ ئوغلى، ئىسرائىلىيە پادىشاھى سۇلايماننىڭ پەند-نەسىھەتلىرى:
2
بۇ پەند-نەسىھەتلەر دانالىق ۋە تەلىم-تەربىيىگە ئىگە قىلار سېنى، يېشەر ئىبرەتلىك سۆزلەرنىڭ چوڭقۇر مەنىسىنى؛
3
تەربىيىلەر سېنى ئاقىلانىلىك بىلەن ياشاشقا، ھەققانىي، ئادىل ۋە دۇرۇس بولۇشقا؛
4
چېچەن قىلار گول ئادەملەرنى، بىلىملىك ۋە پەم-پاراسەتلىك قىلار ياشلارنى.
5
ئاڭلاپ بۇلارنى دانالار تېخىمۇ دانا بولسۇن، زېرەكلەر ئاقىلانە مەسلىھەتكە ئېرىشسۇن.
6
چۈشەنگىلى بولار بۇ پەند-نەسىھەتلەردىن ئەقلىيە سۆزلەرنى، تەمسىللەرنى، ئاقىللارنىڭ ھېكمەتلىرى ۋە تېپىشماقلىرىنى.
7
پەرۋەردىگاردىن ئەيمىنىش ئەقىل-ئىدراكنىڭ باشلىنىشىدۇر. ئەخمەقلەر دانالىق ۋە تەلىم-تەربىيىنى كەمسىتىدۇ.
8
ئەي ئوغلۇم، تەربىيىسىگە قۇلاق سال ئاتاڭنىڭ، تەلىمىگە بىپەرۋالىق قىلما ئاناڭنىڭ.
9
ئۇلارنىڭ تەلىم-تەربىيىسى بېشىڭغا تاقالغان تاجدۇر، بوينۇڭغا ئېسىلغان ئالتۇن زەنجىردۇر.
10
ئەي ئوغلۇم، ئەگەر سېنى گۇناھكارلار ئازدۇرسا، ئەگەشمىگىن ئۇلارغا.
11
ئەگەر ئۇلار:«كەل، بىزگە قوشۇل، تۇزاق قۇرايلى جان ئېلىشقا، بىرەر بىگۇناھنى سەۋەبسىزلا پايلاپ تۇرايلى تۇتۇشقا.
12
ئۆلۈكلەر ماكانىدەك تىرىك يۇتايلى بىز گۇناھسىزلارنى، گۆرگە چۈشۈپ كەتكەندەك يوقىتايلى ئۇ ساغلام ئادەملەرنى.
13
تارتىپ ئالايلى شۇ چاغ خىلمۇخىل قىممەتلىك مال-دۇنيانى، ئالغان ئولجا بىلەن تولدۇرايلى ئۆيلىرىمىزنى.
14
بىزگە شېرىك بول، تاپقىنىمىز ئورتاق بولسۇن» دېسىمۇ،
15
ئەي ئوغلۇم، يولىغا كىرمە ئۇلارنىڭ، باسما بىر قەدەممۇ.
16
چۈنكى ئېتىشىدۇ ئۇلار ئۆزلىرىنى يامانلىققا، ئالدىرىشىدۇ ھەم قان تۆكۈشكە.
17
قۇش تۇيۇپ قالغاندا تور يېيىش بىھۇدە ئاۋارىچىلىكتۇر،
18
لېكىن شۇ يامانلار دەل ئۆز ئۆزىگە ئەجەللىك تۇزاق قويىدۇ، ئۆز جېنىغا زامىن بولىدىغان ئورا كولايدۇ.
19
ھارام مال-دۇنياغا ھېرىس ئادەملەرنىڭ ئاقىۋىتى شۇكى، ئالىدۇ بۇ ھارام مال-دۇنيا ئۇلارنىڭ جېنىنى.
20
دانالىق چاقىرماقتا كوچىلاردا، ئاۋازى ياڭرىماقتا بازارلاردا،
21
ئۈندىمەكتە ئاۋات جايلاردا، ۋەز ئېيتماقتا شەھەر دەرۋازىلىرىنىڭ ئالدىدا:
22
_ ئەي نادانلار، قاچانغىچە نادانلىقتا يۈرىسىلەر؟ ئەي مازاقچىلار، قاچانغىچە مازاق قىلىشتىن ھۇزۇر ئالىسىلەر؟ ئەي ئەقىلسىزلەر، قاچانغىچە بىلىمدىن نەپرەتلىنىسىلەر؟
23
تەنبىھلىرىمگە قۇلاق سالغان بولساڭلار، سىلەرگە تۆكۈپ بېرەتتىم قەلبىمدىكىنى، سىلەر بىلەن ئورتاقلىشاتتىم ئوي-پىكىرلىرىمنى.
24
لېكىن مېنى رەت قىلدىڭلار چاقىرغىنىمدا، ھېچقايسىڭلار ئىلىك ئالمىدىڭلار قولۇمنى ئۇزاتقىنىمدا.
25
پەرۋا قىلمىدىڭلار نەسىھەتلىرىمنىڭ ھېچقايسىسىغا، خالىمىدىڭلار قۇلاق سېلىشنى تەنبىھلىرىمگە.
26
شۇڭا كۈلىمەن بالايىئاپەتكە يولۇققىنىڭلاردا، سىلەرنى مەسخىرە قىلىمەن ۋەھىمىگە چۈشكىنىڭلاردا،
27
بوراندەك كەلگەن ۋەھىمىدە قالغىنىڭلاردا، بالايىئاپەت قۇيۇندەك يېتىپ كەلگىنىدە، ئازاب ۋە قايغۇ سىلەرنى مۇپتىلا قىلغىنىدا.
28
چاقىرىسىلەر يالۋۇرۇپ شۇ چاغ مېنى، لېكىن بەرمەسمەن سىلەرگە جاۋاب. ھەرقانچە ئىزدىسەڭلارمۇ تاپالمايسىلەر مېنى.
29
چۈنكى نەپرەتلەندىڭلار سىلەر بىلىمدىن، تاللىمىدىڭلار ئەيمىنىشنى خۇدادىن.
30
قوبۇل قىلمىدىڭلار مېنىڭ نەسىھەتلىرىمنى، مەنسىتمىدىڭلار بارلىق تەنبىھلىرىمنى.
31
شۇڭا سىلەر ئۆز بېشىڭلارنى يەيسىلەر، ئۆزۈڭلار كولىغان ئورىغا ئۆزۈڭلار چۈشىسىلەر.
32
بەرھەق، ئۆز جېنىغا زامىن بولىدۇ نادانلار مېنى رەت قىلغانلىقتىن، ئۆزلىرىنى ھالاك قىلىدۇ ھاماقەتلەر بىغەملىكىدىن.
33
بىراق، ماڭا قۇلاق سالغانلار ئامان-ئېسەن ياشايدۇ، يامانلىقنىڭ ۋەھىمىسىدىن خالىي، خاتىرجەم بولىدۇ.
Jump to:
Chapter 1
Chapter 2
Chapter 3
Chapter 4
Chapter 5
Chapter 6
Chapter 7
Chapter 8
Chapter 9
Chapter 10
Chapter 11
Chapter 12
Chapter 13
Chapter 14
Chapter 15
Chapter 16
Chapter 17
Chapter 18
Chapter 19
Chapter 20
Chapter 21
Chapter 22
Chapter 23
Chapter 24
Chapter 25
Chapter 26
Chapter 27
Chapter 28
Chapter 29
Chapter 30
Chapter 31
Chapter 2 →
All chapters:
1
2
3
4
5
6
7
8
9
10
11
12
13
14
15
16
17
18
19
20
21
22
23
24
25
26
27
28
29
30
31