bible
ra
🌐 Language
English
Español
Français
Deutsch
Português
Italiano
Nederlands
Русский
中文
日本語
한국어
العربية
Türkçe
Tiếng Việt
ไทย
Indonesia
All Languages
Home
/
Uyghur
/
Uyghur Arabic 2005 (ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى)
/
Proverbs 8
Proverbs 8
Uyghur Arabic 2005 (ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى)
← Chapter 7
Jump to:
Chapter 1
Chapter 2
Chapter 3
Chapter 4
Chapter 5
Chapter 6
Chapter 7
Chapter 8
Chapter 9
Chapter 10
Chapter 11
Chapter 12
Chapter 13
Chapter 14
Chapter 15
Chapter 16
Chapter 17
Chapter 18
Chapter 19
Chapter 20
Chapter 21
Chapter 22
Chapter 23
Chapter 24
Chapter 25
Chapter 26
Chapter 27
Chapter 28
Chapter 29
Chapter 30
Chapter 31
Chapter 9 →
1
دانالىق چاقىرمىدىمۇ؟ ئەقىل-ئىدراكنىڭ ئاۋازى ياڭرىمىدىمۇ؟
2
تۇرۇپ ئۇ يول بويىدىكى ئېگىز جايلاردا، تۆت كوچىلاردا،
3
جاكارلىماقتا شەھەر دەرۋازىلىرىنىڭ يېنىدا، شەھەرگە كىرىش ئېغىزلىرىدا:
4
ئەي ئىنسانلار، سىلەرنى چاقىرىۋاتىمەن، ئادەم بالىلىرىغا خىتاب قىلىۋاتىمەن.
5
ئەي گول ئادەملەر، ئۆگىنىڭلار زېرەكلىكنى، ئەي نادانلار، ئۆگىنىڭلار ئەقلىڭلارنى ئىشلىتىشنى.
6
قۇلاق سېلىڭلار، ئېيتماقچىمەن يۈكسەك ئىشلارنى، دۇرۇستۇر ئاغزىمدىن چىققانلىرى.
7
ھەقىقەتنى سۆزلەيمەن، يالغان سۆزلەشتىن نەپرەتلىنىمەن.
8
ئېيتقانلىرىمنىڭ ھەممىسى ھەقتۇر، ئۇنىڭدا ھىيلىگەرلىك ياكى ساختىلىق يوقتۇر.
9
ئېنىقتۇر بارلىق سۆزلىرىم چۈشەنگەنلەرگە، توغرىدۇر ئۇلار بىلىم ئالغانلارغا.
10
قوبۇل قىلىڭلار كۈمۈشنىڭ ئورنىغا نەسىھەتلىرىمنى، ساپ ئالتۇننىڭ ئورنىغا بىلىمنى.
11
چۈنكى دانالىق لەئەل-ياقۇتلاردىنمۇ قىممەتلىكتۇر، ھەرقانداق ئارزۇلۇق نەرسە ئۇنىڭغا تەڭ كېلەلمەستۇر.
12
مەن دانالىقمەن، ئەقىل-ئىدراك بىلەن بىللە ياشايمەن. بىلىم ۋە پەم-پاراسەتنىڭ ئىگىسىمەن.
13
پەرۋەردىگاردىن ئەيمىنىش يامانلىقتىن نەپرەتلىنىشتۇر. نەپرەتلىنىمەن تەكەببۇرلۇق، مەنمەنلىك، يامان يول، يالغان سۆزدىن.
14
ئىگىسىمەن نەسىھەت ۋە ھېكمەتنىڭ، ئەقىل ھەم كۈچ-قۇدرەتنىڭ.
15
مەن ئارقىلىق ھۆكۈم سۈرىدۇ پادىشاھلار، ئادىل قانۇن-پەرمان چىقىرىدۇ ھۆكۈمدارلار.
16
مەن ئارقىلىق ئىدارە قىلىدۇ ھوقۇقدارلار، ئەمەلدارلار، بارلىق ئادىل ھۆكۈم چىقارغۇچىلار.
17
سۆيىمەن مەنمۇ مېنى سۆيگەنلەرنى، تاپالايدۇ تىرىشىپ ئىزدىگەنلەر مېنى،
18
مەندە باردۇر بايلىق ۋە شۆھرەت، تۈگىمەس مال-دۇنيا ۋە ھەققانىيەت.
19
مەن بېرىدىغان مېۋە ئالتۇندىن، ھەتتا ساپ ئالتۇندىن قىممەتلىكتۇر. مەندىن كېلىدىغان پايدا ساپ كۈمۈشتىنمۇ ئەۋزەلدۇر.
20
مەن ھەققانىيەت يولىدا ماڭىمەن، ئادالەت يولىدا ئىلگىرىلەيمەن.
21
مېنى سۆيگەنلەرگە بايلىق بېرىمەن، ئۇلارنىڭ خەزىنىلىرىنى تولدۇرىمەن.
22
پەرۋەردىگار ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن مېنى ئۆز ئىشلىرىنى باشلىشىدىن بۇرۇنلا، ھەممە مەۋجۇداتلارنىڭ ھېچ نېمىنى يارىتىشتىن بۇرۇنلا،
23
بەرپا بولغانمەن ئەلمىساقتىلا، ئەزەلدىن تارتىپلا، يەر-زېمىن تېخى يارىتىلماستىلا.
24
تۆرەلگەنمەن دېڭىز-ئوكيانلار يوقتىلا، بۇلاقلار كۆز ئاچماستىلا،
25
تۆرەلگەنمەن ئېگىز تاغلار شەكىللەنمەستىلا، تۆپىلىكلەر پەيدا بولماستىلا،
26
خۇدا بىپايان زېمىن، كەڭ دالىلارنى ياراتماستىلا، زېمىندىكى توپا-چاڭلار تېخى مەۋجۇت بولماستىلا.
27
ئۇ يەردە ئىدىم خۇدا ئاسماننى ئورناتقىنىدا، دېڭىز يۈزىگە ئۇپۇق سىزىقىنى سىزغىنىدا،
28
ئاسمانغا بۇلۇتلارنى ئورۇنلاشتۇرغىنىدا، دېڭىز-ئوكيانلارنى سۇ بىلەن تولدۇرغىنىدا،
29
ئۇ سۇلار تاشمىسۇن دەپ، ئەمر قىلىپ دېڭىزغا چەك قويغىنىدا، يەر-زېمىننىڭ ئۇلىنى بەلگىلىگىنىدە.
30
مەن ئۇنىڭ يېنىدىكى ئۇستا ھۈنەرۋەن ئىدىم. ھەر كۈنى مەن ئۇنىڭ خۇشاللىقى ئىدىم، مەنمۇ ھەردائىم ئۇنىڭ ھۇزۇرىدا شادلىناتتىم.
31
ئۇ ياراتقان پۈتكۈل ئالەم ئۈچۈن شادلىناتتىم. دۇنيادىكى ئىنسانلاردىن سۆيۈنەتتىم.
32
ئەمدى ماڭا قۇلاق سېلىڭلار، ئەي ئوغۇللار، نەقەدەر بەختلىكتۇر يولۇمنى تۇتقانلار!
33
تەلىم-تەربىيەمگە قۇلاق سېلىپ، ئەقىل تېپىڭلار، ئۇلارغا بىپەرۋالىق قىلماڭلار.
34
نەقەدەر بەختلىكتۇر ئىشىك ئالدىمدىن كەتمەي ھەر كۈنى، بوسۇغامدا كۈتۈپ سۆزۈمنى ئاڭلايدىغان كىشى!
35
چۈنكى مېنى تاپقانلار ھاياتلىقنى تاپار. پەرۋەردىگارنىڭ رازىلىقىغا ئىگە بولار.
36
ئۆزى زىيان تارتار مېنى قولدىن بېرىپ قويغانلار، ئۆلۈمنى ياخشى كۆرگەنلەردۇر مېنى يامان كۆرگەنلەر.
← Chapter 7
Jump to:
Chapter 1
Chapter 2
Chapter 3
Chapter 4
Chapter 5
Chapter 6
Chapter 7
Chapter 8
Chapter 9
Chapter 10
Chapter 11
Chapter 12
Chapter 13
Chapter 14
Chapter 15
Chapter 16
Chapter 17
Chapter 18
Chapter 19
Chapter 20
Chapter 21
Chapter 22
Chapter 23
Chapter 24
Chapter 25
Chapter 26
Chapter 27
Chapter 28
Chapter 29
Chapter 30
Chapter 31
Chapter 9 →
All chapters:
1
2
3
4
5
6
7
8
9
10
11
12
13
14
15
16
17
18
19
20
21
22
23
24
25
26
27
28
29
30
31