bible
ra
🌐 Language
English
Español
Français
Deutsch
Português
Italiano
Nederlands
Русский
中文
日本語
한국어
العربية
Türkçe
Tiếng Việt
ไทย
Indonesia
All Languages
Home
/
Uyghur
/
Uyghur Arabic 2005 (ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى)
/
Proverbs 11
Proverbs 11
Uyghur Arabic 2005 (ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى)
← Chapter 10
Jump to:
Chapter 1
Chapter 2
Chapter 3
Chapter 4
Chapter 5
Chapter 6
Chapter 7
Chapter 8
Chapter 9
Chapter 10
Chapter 11
Chapter 12
Chapter 13
Chapter 14
Chapter 15
Chapter 16
Chapter 17
Chapter 18
Chapter 19
Chapter 20
Chapter 21
Chapter 22
Chapter 23
Chapter 24
Chapter 25
Chapter 26
Chapter 27
Chapter 28
Chapter 29
Chapter 30
Chapter 31
Chapter 12 →
1
پەرۋەردىگار يىرگىنەر مەككارنىڭ تارازىسىدىن، خۇرسەن بولار ھەققانىينىڭ تارازا تېشىدىن.
2
تەكەببۇرلۇق كەينىدىن كېلەر شەرمەندىلىك، ھەمراھ بولار كەمتەرلىككە دانالىق.
3
يېتەكلەر دۇرۇسلارنى دىيانەتلىكى، ۋەيران قىلار كاززاپلارنى ئۆز ھىيلىگەرلىكى.
4
مال-دۇنيانىڭ پايدىسى بولماس خۇدا غەزەپكە كەلگەن كۈنى، ھەققانىيلىق بولسا ئۆلۈمدىن قۇتقۇزار ئادەمنى.
5
دىيانەتلىك كىشىنىڭ ھەققانىيلىقى ئۇنىڭ يولىنى ئوچۇق قىلار، يامان ئادەم ئۆز يامانلىقىدىن يىقىلار.
6
دۇرۇسلارنى ھەققانىيلىقى قۇتقۇزار، ساتقۇنلار ئۆز نەپسىدىن تۇتۇلار.
7
ئۆلسە يامان ئادەم، ئارزۇسى يوققا چىقار، باي بولۇش ئۈمىدى كۆپۈككە ئايلىنار.
8
ھەققانىي كىشى كۈلپەتتىن قۇتۇلدۇرۇلار، يامان ئادەم ئەكسىچە كۈلپەتكە دۇچار بولار.
9
خۇداسىزلار يېقىنىنى تىلى بىلەن ھالاك قىلار، ھەققانىيلار بىلىمى بىلەن قۇتقۇزۇلار.
10
ئەل-يۇرت شاد بولار، ھەققانىيلار روناق تاپسا، تەنتەنە قىلار، يامانلار ھالاك بولسا.
11
ئەل-يۇرت گۈللەپ ياشىنار دۇرۇسلارنىڭ بەرىكەت تىلەشلىرىدىن، خاراب بولار يامانلارنىڭ تىلىدىن.
12
ئەقىلسىز كەمسىتەر يېقىنىنى، سۈكۈت قىلار ئەقىل ئىگىسى.
13
چېقىمچى ئاشكارىلار مەخپىيەتلىكنى، ئىشەنچلىك كىشى چىڭ ساقلار سىرنى.
14
ئەل ۋەيران بولار، مەسلىھەتسىز بولسا، غەلىبە قىلار مەسلىھەتچىلەر كۆپ بولسا.
15
كۆپ زىيان تارتار ياتقا كېپىل بولغۇچى، ئامان بولار كېپىللىكتىن باش تارتقۇچى.
16
سازاۋەر بولار لاتاپەتلىك ئايال ھۆرمەتكە، پەقەت ئىگە بولار زوراۋانلار بايلىققا.
17
كەلتۈرەر رەھىمدىل ئۆزىگە پايدا، ئۇچرىتار رەھىمسىز ئۆزىنى زىيانغا.
18
كۆپۈكتەك بولار يامانلارنىڭ تاپقىنى. چوقۇم ئىنئام ئالار ھەققانىيلىق ئۇرۇقىنى چاچقۇچى.
19
ھاياتلىققا ئېرىشەر چىن ھەققانىي كىشى، ئۆلۈمگە يۈزلىنەر يامانلىقنى قوغلاشقۇچى.
20
پەرۋەردىگار يىرگىنەر كۆڭلى ئەگرىلەردىن، خۇرسەن بولار يولى دىيانەتلىكلەردىن.
21
سۆزسىزكى، يامانلار چوقۇم جازالىنار، ھەققانىيلارنىڭ ئەۋلادى قۇتقۇزۇلار.
22
ھۆسنى بار ئەقلى يوق خوتۇن ئوخشار، چوشقا تۇمشۇقىغا ئېسىلغان ئالتۇن ھالقىغا.
23
ياخشىلىققا باشلار ھەققانىيلارنىڭ ئارزۇسى، غەزەپ-نەپرەتتە قالدۇرار يامانلارنىڭ كۈتكىنى.
24
بىرى سېخىي بولۇپ، بايلىقى يەنىلا ئاشار، يەنە بىرى بېخىل بولۇپ ئەكسىچە نامراتلىشار.
25
روناق تاپار مەردلەر، سۇ بەرگەنلەرگە سۇ بېرىلەر.
26
قالار ئاشلىقنى ۋاقتىدا ساتمىغانلار خەلقنىڭ لەنىتىگە، بەرىكەت تىلىنەر ئاشلىقنى ۋاقتىدا سېتىپ بەرگەنلەرگە.
27
ياخشىلىق قىلىشقا ئىنتىلگۈچى كۆرەر ياخشىلىق، يامانلىق قىلىشنى كۆزلىگۈچىگە كېلەر يامانلىق.
28
يىقىلىپ چۈشەر مال-دۇنياسىغا تايانغانلار، ئەتىيازنىڭ بىخىدەك كۆكلەر ھەققانىيلار.
29
مىراس ئالالماس ئۆيىدىكىلەرگە كۈلپەت كەلتۈرگۈچى، دانانىڭ چاكىرى بولۇپ قالار ئەقىلسىز كىشى.
30
ھاياتلىق دەرىخىدۇر ھەققانىينىڭ مېۋىسى، ئاقىلدۇر كىشىلەرنىڭ قەلبىنى ئۇتقۇچى.
31
سەۋەنلىكلىرى ئۈچۈن بۇ دۇنيادا جازالانغان تۇرسا ھەققانىيلار، يامانلار بىلەن گۇناھكارلارنىڭ ئاقىۋىتى نېمە بولار؟
← Chapter 10
Jump to:
Chapter 1
Chapter 2
Chapter 3
Chapter 4
Chapter 5
Chapter 6
Chapter 7
Chapter 8
Chapter 9
Chapter 10
Chapter 11
Chapter 12
Chapter 13
Chapter 14
Chapter 15
Chapter 16
Chapter 17
Chapter 18
Chapter 19
Chapter 20
Chapter 21
Chapter 22
Chapter 23
Chapter 24
Chapter 25
Chapter 26
Chapter 27
Chapter 28
Chapter 29
Chapter 30
Chapter 31
Chapter 12 →
All chapters:
1
2
3
4
5
6
7
8
9
10
11
12
13
14
15
16
17
18
19
20
21
22
23
24
25
26
27
28
29
30
31