bible
ra
🌐 Language
English
Español
Français
Deutsch
Português
Italiano
Nederlands
Русский
中文
日本語
한국어
العربية
Türkçe
Tiếng Việt
ไทย
Indonesia
All Languages
Home
/
Uyghur
/
Uyghur Arabic 2005 (ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى)
/
Proverbs 2
Proverbs 2
Uyghur Arabic 2005 (ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى)
← Chapter 1
Jump to:
Chapter 1
Chapter 2
Chapter 3
Chapter 4
Chapter 5
Chapter 6
Chapter 7
Chapter 8
Chapter 9
Chapter 10
Chapter 11
Chapter 12
Chapter 13
Chapter 14
Chapter 15
Chapter 16
Chapter 17
Chapter 18
Chapter 19
Chapter 20
Chapter 21
Chapter 22
Chapter 23
Chapter 24
Chapter 25
Chapter 26
Chapter 27
Chapter 28
Chapter 29
Chapter 30
Chapter 31
Chapter 3 →
1
ئەي ئوغلۇم، ئەگەر قوبۇل قىلساڭ سۆزلىرىمنى، قەلبىڭدە ساقلىساڭ بۇيرۇقلىرىمنى،
2
قۇلاق سالساڭ دانالىققا، كۆڭۈل قويساڭ ئەقىل-ئىدراكقا،
3
خىتاب قىلساڭ پاراسەتكە تەشنا بولۇپ، چاقىرىساڭ ئەقىل-ئىدراكنى تەلمۈرۈپ،
4
قازساڭ دانالىقنى ئالتۇن-كۈمۈش قازغاندەك، ئىزدىسەڭ ئۇنى يوشۇرۇن خەزىنە ئىزدىگەندەك،
5
شۇ چاغدا پەرۋەردىگاردىن ئەيمىنىشنى بىلىسەن، خۇدانى ھەقىقەتەن تونۇيالايسەن.
6
چۈنكى پەرۋەردىگار دانالىق ئاتا قىلغۇچىدۇر. بىلىم بىلەن ئەقىل-ئىدراك ئۇنىڭ سۆزىدىن كېلۇر.
7
ئۇ ساقلاپ قويغاندۇر ياخشىلىقلارنى دۇرۇسلارغا، ئۆزى قالقاندۇر دىيانەت يولىدا ماڭغانلارغا.
8
يولىنى قوغدايدۇ ئۇ ئادىللىقنى ياقلىغۇچىلارنىڭ، ساقلايدۇ ئۇ يولىنى سادىق بەندىلىرىنىڭ.
9
شۇ چاغ ھەققانىيلىق، ئادىللىق ۋە دۇرۇسلۇقنى تونۇيسەن، بۇ ياخشى يوللارنى چۈشىنىسەن.
10
چۈنكى ئورۇن ئالىدۇ دانالىق قەلبىڭدىن، كۆڭلۈڭ يايرايدۇ بىلىمدىن.
11
قوغدايدۇ سېنى پەم-پاراسىتىڭ، مۇھاپىزەت قىلىدۇ ھەم ئەقىل-ئىدرىكىڭ،
12
شۇندا دانالىق قۇتۇلدۇرىدۇ سېنى يامان يولدىن، تىلىنىڭ ئاستىدا تىلى بارلاردىن،
13
ئۇنداقلار توغرا يولنى تاشلاپ، زۇلمەتتە ياشار،
14
يامانلىق قىلىشتىن خۇشاللىنار، رەزىللىكنىڭ نىجىسلىقىدىن شادلىنار،
15
ئەگرى يولدا مېڭىپ ساختىپەزلىك قىلار.
16
دانالىق ساقلار سېنى زىناخور ئايالدىن، شېرىن-شېكەر سۆزلۈك، بۇزۇق خوتۇندىن.
17
بۇنداق خوتۇن تاشلار ياشلىقىدا تەگكەن جورىسىنى، ئۇنتۇپ قالار ئۇ خۇدا ئالدىدا قىلغان ئەھدىسىنى.
18
ئۆلۈمگە ئاپىرىدىغان يولدۇر ئۇنىڭ ئۆيى، ئەرۋاھلار ماكانىغا باشلار ئۇنىڭ يولى.
19
ئۇنىڭ يېنىغا بارغانلارنىڭ بىرىمۇ قايتالماس، ھاياتلىق يولىغا ھەم يېتەلمەس.
20
سەن ماڭ ياخشىلارنىڭ ئىزىدىن، چىقما ھەققانىيلارنىڭ يولىدىن.
21
چۈنكى يېرىمىزدە ماكانلىشار دۇرۇسلار، قېلىپ قالار دىيانەتلىكلەر.
22
لېكىن ئۇ يەردىن تارمار قىلىنار يامانلىق قىلغۇچىلار. يۇلۇپ تاشلىنار ۋاپاسىزلار.
← Chapter 1
Jump to:
Chapter 1
Chapter 2
Chapter 3
Chapter 4
Chapter 5
Chapter 6
Chapter 7
Chapter 8
Chapter 9
Chapter 10
Chapter 11
Chapter 12
Chapter 13
Chapter 14
Chapter 15
Chapter 16
Chapter 17
Chapter 18
Chapter 19
Chapter 20
Chapter 21
Chapter 22
Chapter 23
Chapter 24
Chapter 25
Chapter 26
Chapter 27
Chapter 28
Chapter 29
Chapter 30
Chapter 31
Chapter 3 →
All chapters:
1
2
3
4
5
6
7
8
9
10
11
12
13
14
15
16
17
18
19
20
21
22
23
24
25
26
27
28
29
30
31