bible
ra
🌐 Language
English
Español
Français
Deutsch
Português
Italiano
Nederlands
Русский
中文
日本語
한국어
العربية
Türkçe
Tiếng Việt
ไทย
Indonesia
All Languages
Home
/
Uyghur
/
Uyghur Arabic 2005 (ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى)
/
Proverbs 17
Proverbs 17
Uyghur Arabic 2005 (ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى)
← Chapter 16
Jump to:
Chapter 1
Chapter 2
Chapter 3
Chapter 4
Chapter 5
Chapter 6
Chapter 7
Chapter 8
Chapter 9
Chapter 10
Chapter 11
Chapter 12
Chapter 13
Chapter 14
Chapter 15
Chapter 16
Chapter 17
Chapter 18
Chapter 19
Chapter 20
Chapter 21
Chapter 22
Chapter 23
Chapter 24
Chapter 25
Chapter 26
Chapter 27
Chapter 28
Chapter 29
Chapter 30
Chapter 31
Chapter 18 →
1
جېدەل-ماجىرالىق ئۆيدىكى مول داستىخاندىن كۆرە، بىر بۇردا قۇرۇق نان ئەۋزەلدۇر تىنچ-خاتىرجەملىكتە.
2
چېچەن خىزمەتكار خوجايىنىنىڭ يۈزىنى تۆكىدىغان ئوغلىنى باشقۇرار، ئۇنىڭ ئوغۇللىرى قاتارىدا ئوخشاش مىراس ئالار.
3
ئالتۇن-كۈمۈش ئوتتا تاۋلىنار، ئادەمنىڭ قەلبىنى پەرۋەردىگار سىنار.
4
كۆڭۈل قويار قەبىھ سۆزگە يامانلىق قىلغۇچى، قۇلاق سالار غەيۋەت-شىكايەتكە يالغانچى.
5
كەمبەغەلنى مازاق قىلغان ھاقارەت كەلتۈرەر ياراتقۇچىسىغا، باشقىلارنىڭ بەختسىزلىكىگە شادلانغان چوقۇم دۇچ كېلەر جازاغا.
6
تاجىدۇر نەۋرىلەر مويسىپىتلارنىڭ، پەخرىدۇر ئاتا-ئانىلار پەرزەنتلەرنىڭ.
7
ناتىقلىق ئەخمەققە ياراشماس، يالغان سۆز مۆتىۋەرگە ھېچ قاملاشماس.
8
پارا بىر تۇماردۇر ئۇنى بەرگۈچىنىڭ نەزىرىدە، نەگىلا بارسا ئۇ ئېرىشىدىغاندەك مۇۋەپپەقىيەتكە.
9
مۇھەببەتنى چىڭايتار گۇناھنى كەچۈرگۈچى، يېقىن دوستىدىن ئايرىلار كونا خاماننى سورىغۇچى.
10
بېرىلگەن بىر ئېغىز تەنبىھ داناغا، ئۈنۈملۈك بولار ئۇرۇلغان يۈز دەررىدىن نادانغا.
11
كۆزلەر رەزىل پەقەت ئىسيان كۆتۈرۈشنى، شۇڭا ئەۋەتىلەر ئۇنىڭغا رەھىمسىز ئەلچى.
12
ئۇچراپ قالغاندىن ھاماقەتنىڭ ئەخمەقلىق قىلىشىغا، ياخشىراقتۇر ئۇچراپ قېلىش كۈچۈكلىرىدىن ئايرىلغان ئېيىققا.
13
كىمكى ياخشىلىققا قىلسا يامانلىق، ئۆيىدىن كەتمەس يامانلىق.
14
توسمىدىكى سۇ تاشقاندەكتۇر جېدەلنىڭ باشلىنىشى، شۇڭا جېدەل ئەۋجىگە چىقىشتىن ئاۋۋال توختات ئۇنى.
15
ياماننى ئاقلىغانلىق بىلەن ھەققانىينى قارىلىغانلىق، ھەر ئىككىسى پەرۋەردىگارغا يىرگىنچلىك.
16
پۇلنىڭ نېمە پايدىسى ئەخمەقنىڭ قولىدىكى؟ سېتىۋالالامتى دانالىقنى؟ پەقەت يوق ئۇنىڭغا ئېرىشىش نىيىتى.
17
دوست ساڭا مېھىر-مۇھەببەت كۆرسىتەر ھەرقاچان، قېرىنداش ئېغىر كۈنلەردە ھەمدەم بولۇشقا تۇغۇلغان.
18
قول بېرىپ ئەقىلسىز كىشى كېپىل بولار ئۆزگىگە.
19
گۇناھ قىلىشقا ئامراقتۇر جېدەلخور كىشى، ئۆز بوسۇغىسىنى ئېگىز قىلغان يىقىلار ئۆزى.
20
كۆرمەس ياخشىلىق نىيىتى يامان، تارتار ھىيلە-مىكىرلىك تىل زىيان.
21
ئەخمەقنىڭ ئاتىسى بولۇش قايغۇلۇقتۇر، ناداننىڭ ئاتىسىنىڭ خۇشاللىقى يوقتۇر.
22
بەخش ئېتەر شاد كۆڭۈل شىپالىقنى، قۇرۇتار روھى سۇنۇقلۇق يىلىكنى.
23
پارا ئالار يەڭ ئىچىدە چىرىك كىشى، شۇندا بۇرمىلار ئادالەت يولىنى.
24
دانالىق تۇرار ئەقىللىقنىڭ كۆز ئالدىدا، ئەقىلسىز خىيالىي قارار تۆت ئەتراپقا.
25
ئازابقا سالار ھاماقەت ئوغۇل ئاتىسىنى، دەرد-ئەلەمگە قويار ئانىسىنى.
26
ناتوغرىدۇر ھەققانىيلارغا جەرىمانە قويۇش، ئادالەتنى قوللىغىنى ئۈچۈن ئەمەلدارلارنى ئۇرۇش.
27
بىلىملىك كىشى كەم سۆز بولار، ئەقىل-ئىدراكلىق ئادەم ئېغىر-بېسىق كېلەر.
28
ھەتتا ئەخمەقمۇ جىم تۇرۇۋالسا ئاقىل ھېسابلىنار، ئاغزىنى يۇمۇۋالسا پاراسەتلىك كۆرۈنەر.
← Chapter 16
Jump to:
Chapter 1
Chapter 2
Chapter 3
Chapter 4
Chapter 5
Chapter 6
Chapter 7
Chapter 8
Chapter 9
Chapter 10
Chapter 11
Chapter 12
Chapter 13
Chapter 14
Chapter 15
Chapter 16
Chapter 17
Chapter 18
Chapter 19
Chapter 20
Chapter 21
Chapter 22
Chapter 23
Chapter 24
Chapter 25
Chapter 26
Chapter 27
Chapter 28
Chapter 29
Chapter 30
Chapter 31
Chapter 18 →
All chapters:
1
2
3
4
5
6
7
8
9
10
11
12
13
14
15
16
17
18
19
20
21
22
23
24
25
26
27
28
29
30
31