bible
ra
🌐 Language
English
Español
Français
Deutsch
Português
Italiano
Nederlands
Русский
中文
日本語
한국어
العربية
Türkçe
Tiếng Việt
ไทย
Indonesia
All Languages
Home
/
Uyghur
/
Uyghur Arabic 2005 (ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى)
/
Proverbs 31
Proverbs 31
Uyghur Arabic 2005 (ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى)
← Chapter 30
Jump to:
Chapter 1
Chapter 2
Chapter 3
Chapter 4
Chapter 5
Chapter 6
Chapter 7
Chapter 8
Chapter 9
Chapter 10
Chapter 11
Chapter 12
Chapter 13
Chapter 14
Chapter 15
Chapter 16
Chapter 17
Chapter 18
Chapter 19
Chapter 20
Chapter 21
Chapter 22
Chapter 23
Chapter 24
Chapter 25
Chapter 26
Chapter 27
Chapter 28
Chapter 29
Chapter 30
Chapter 31
1
ماسسا پادىشاھى لىمۇئېلنىڭ ئېيتقانلىرى، ئانىسىنىڭ ئۇنىڭغا ئۆگەتكەنلىرى:
2
ئەي ئوغلۇم، باغرىمنى يېرىپ چىققان ئوغلۇم، خۇدادىن تىلەپ ئالغان ئوغلۇم، نېمە دېسەم بولار مەن ساڭا؟
3
كۈچ-قۇۋىتىڭنى سەرپ قىلما، ئۆمرۈڭنى بىكار قىلما، پادىشاھلارنى ۋەيران قىلغۇچى خوتۇنلارغا.
4
ئەي لىمۇئېل، لايىق ئەمەس شاراب پادىشاھلارغا، ياراشماس مەيگە بېرىلىش ھۆكۈمدارغا.
5
چۈنكى ئۇلار شاراب ئىچىپ، ئۇنتۇپ قالار قانۇننى، بۇرمىلىۋېتەر ئېزىلگەنلەرنىڭ ھوقۇقىنى.
6
بەرگىن شارابنى ئۆلۈم گىردابىدا تۇرغانلارغا، بەرگىن مەينى قايغۇ-ھەسرەت چەككەنلەرگە!
7
ئۇلار شاراب ئىچىپ، ئۇنتۇسۇن ئۆزلىرىنىڭ نامراتلىقىنى، ئەسلەپ قالمىسۇن تارتقان دەردلىرىنى.
8
ئۆزىنى ئاقلىيالمايدىغانلار ئۈچۈن سۆزلىگىن، ئاجىزلارنىڭ ھوقۇق ئۈچۈن ئاغزىڭنى ئاچقىن.
9
سۈكۈت قىلما، ئادىل ھۆكۈم قىلغىن، يوقسۇل ۋە موھتاجلارنىڭ ھوقۇقىنى قوغدىغىن.
10
كىم ئالالايدۇ پەزىلەتلىك ئايالنى؟ ئارتۇقتۇر گۆھەردىنمۇ ئۇنىڭ قەدىر-قىممىتى.
11
بۇنداق ئايالغا دىلىدىن ئىشەنچ قىلار ئېرى، كەم بولماس ئېرىنىڭ ھېچ نەرسىسى.
12
ئېرىغا ياخشىلىق قىلار ئۇ ئۆمۈر بويى، ئۇچراتماس زىيانغا ئۇنى.
13
ئۇ تاللاپ قوي يۇڭى ۋە كەندىر رەختنى، ئۆز قولىدا ھەۋەس بىلەن پۈتكۈزەر كىيىم-كېچەكنى.
14
ئۇ سودا كېمىلىرى كەبى، توشار يىراقتىن ئوزۇق-تۈلۈكلەرنى.
15
ئورنىدىن تۇرۇپ ئۇ تاڭ سۈزۈلمەستە، يېمەكلىك تەييارلار ئائىلىسىدىكىلەرگە، ئىش تەقسىم قىلار دېدەكلىرىگە.
16
ئۇ ئېتىزنى كۆرۈپ ئويلانغاندىن كېيىن سېتىۋالار، ئۆز ئەجرى بىلەن تاپقانلىرىغا ئۈزۈمزارلىق بەرپا قىلار.
17
ئىشقا مەھكەم باغلاپ ئۇ بېلىنى، كۈچلەندۈرۈپ بىلەكلىرىنى.
18
كۆرەر ئىشلىگىنىنىڭ پايدىسىنى، كېچىچە ئۆچۈرمەس چىرىغىنى.
19
ئايلاندۇرار ئۇ قولى بىلەن ئۇرچۇقنى، ئېگىرەر بارماقلىرى بىلەن يىپنى.
20
ئايىماس ئۇ يوقسۇللاردىن ياردىمىنى، ئۇزىتار ھاجەتمەنلەرگە ياردەم قولىنى.
21
قار ياغسىمۇ ئائىلىسىدىكىلەر ئۈچۈن يوقتۇر ئەندىشىسى، چۈنكى قېلىن كىيىندۈرۈلگەن ئۇلارنىڭ ھەممىسى.
22
ئۆزى تىكەر ئۇ كارىۋات ياپقۇچلىرىنى، نېپىز كەندىر، ئېسىل رەختلەردىندۇر ئۇنىڭ لىباسلىرى.
23
ئېرى شەھەر دەرۋازىسى ئالدىدا ئاقساقاللار بىلەن ئولتۇرۇر، ئۇ يەردە ئۇنىڭ ئابرۇيى باردۇر.
24
ئۇ كەندىر رەختتىن تىكىپ ساتار كىيىملەرنى، سودىگەرلەرگە ئۆتكۈزەر بەلباغلارنى.
25
كۈچ-قۇدرەت ۋە ئىززەت-ھۆرمەت ئۇنىڭ لىباسى، خۇشاللىق بىلەن كۈتۈۋالار ئۇ كېلەچەكنى.
26
ئۇ دانالىق بىلەن سۆزلەر، مېھرىبانلارچە نەسىھەت بېرەر.
27
ئۇ ئائىلىسىدىكى ئىشلارنى ياخشى باشقۇرار، يېتىپ يېمەس بىكار.
28
پەرزەنتلىرى ھۆرمەتتە ئۇنى تەرىپلەر، ئېرىمۇ ئۇنى ماختاپ مۇنداق دەر:
29
«پەزىلەتلىك ئاياللار كۆپ ئىكەن، لېكىن ھەممىسىدىن ئارتۇق تۇرارسەن، ئېشىپ چۈشىسەن».
30
ئالدامچىدۇر جەلپكارلىق، بىر كۆپۈكتۇر ھۆسن-جامال، ماختاشقا ئېرىشەر پەرۋەردىگاردىن ئەيمىنىدىغان ئايال.
31
ئۇنىڭ مېھنىتىنىڭ مېۋىلىرىگە لايىق تەرىپلەڭلار ئۇنى، شەھەر دەرۋازىلىرىدا ماختاشقا ئېرىشتۈرسۇن ئۇنى ئۇنىڭ ئەجىرلىرى!
← Chapter 30
Jump to:
Chapter 1
Chapter 2
Chapter 3
Chapter 4
Chapter 5
Chapter 6
Chapter 7
Chapter 8
Chapter 9
Chapter 10
Chapter 11
Chapter 12
Chapter 13
Chapter 14
Chapter 15
Chapter 16
Chapter 17
Chapter 18
Chapter 19
Chapter 20
Chapter 21
Chapter 22
Chapter 23
Chapter 24
Chapter 25
Chapter 26
Chapter 27
Chapter 28
Chapter 29
Chapter 30
Chapter 31
All chapters:
1
2
3
4
5
6
7
8
9
10
11
12
13
14
15
16
17
18
19
20
21
22
23
24
25
26
27
28
29
30
31