bible
ra
🌐 Language
English
Español
Français
Deutsch
Português
Italiano
Nederlands
Русский
中文
日本語
한국어
العربية
Türkçe
Tiếng Việt
ไทย
Indonesia
All Languages
Home
/
Uyghur
/
Uyghur Arabic 2005 (ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى)
/
Proverbs 23
Proverbs 23
Uyghur Arabic 2005 (ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى)
← Chapter 22
Jump to:
Chapter 1
Chapter 2
Chapter 3
Chapter 4
Chapter 5
Chapter 6
Chapter 7
Chapter 8
Chapter 9
Chapter 10
Chapter 11
Chapter 12
Chapter 13
Chapter 14
Chapter 15
Chapter 16
Chapter 17
Chapter 18
Chapter 19
Chapter 20
Chapter 21
Chapter 22
Chapter 23
Chapter 24
Chapter 25
Chapter 26
Chapter 27
Chapter 28
Chapter 29
Chapter 30
Chapter 31
Chapter 24 →
1
ھۆكۈمدار بىلەن ھەمداستىخان بولغاندا، ئۇنىڭ كىم ئىكەنلىكىنى ئېسىڭدە ساقلا.
2
ئەگەر نەپسىڭ يامان بولسا، ئۆزۈڭنى تارت پىچاق قادالغاندەك بوغۇزۇڭغا.
3
ئۇنىڭ نازۇنېمەتلىرىگە ئىشتەي ساقلىما، ئالدامچىلىق يوشۇرۇلغاندۇر بەلكى ئۇلاردا.
4
باي بولىمەن دەپ ئۇپراتما ئۆزۈڭنى، ئەقىللىقلىق بىلەن تاشلا بۇ ئويۇڭنى.
5
كۆزۈڭ بايلىققا چۈشكەندە ئۇ يوقىلار، چۈنكى ئۇ بىردىنلا قانات چىقىرپ، بۈركۈتتەك ئۇچۇپ كېتەر.
6
بېخىلنىڭ نېنىنى يېمە، ئىشتەي ساقلىما ئۇنىڭ نازۇنېمەتلىرىگە.
7
چۈنكى ئۇ كۆڭلىدە ئۆزىنىڭ پايدىسىنى ئويلايدىغان ئادەمدۇر. «تارتىنماي يەڭ، ئىچىڭ» دەر، بىراق كۆڭلى سەندە ئەمەستۇر.
8
يېگەن تامىقىڭ يېنىپ چىقار، ئېيتقان چىرايلىق سۆزلىرىڭ بىكار بولار.
9
ئەخمەققە سۆزلەپ ئاۋارە قىلما ئۆزۈڭنى، چۈنكى كۆزگە ئىلماس ئۇ ئاقىلانە سۆزلىرىڭنى.
10
يۆتكىمە قەدىمدە بەلگىلەپ قويغان پاسىلنى، تارتىۋالما يېتىملارنىڭ ئېتىزلىرىنى.
11
چۈنكى قۇدرەتلىكتۇر ئۇلارنىڭ ھىمايىچىسى، ئۇلارنىڭ تەرىپىنى ئالار ئۇ ساڭا قارشى.
12
كۆڭۈل قوي نەسىھەتكە، قۇلاق سال ھېكمەتلىك سۆزلەرگە.
13
بالاڭدىن تۈزىتىش تەربىيىسىنى ئايىما، ئۇ ئۆلۈپ قالماس تاياق بىلەن سالغانغا.
14
گەر ئۇرساڭ تاياق بىلەن ئۇنى، ساقلاپ قالارسەن ئەجەلدىن ئۇنىڭ جېنىنى.
15
ئەي ئوغلۇم، دانا بولساڭ، قەلبىم يايرار.
16
توغرا سۆزلىسەڭ يۈرىكىم شادلىنار.
17
گۇناھكارلارغا ھەسەت قىلما، پەرۋەردىگاردىن ئەيمەن دائىما.
18
بەرھەق، باردۇر سېنىڭ ئىستىقبالىڭ. يوققا چىقماس ئارزۇ-ئۈمىدىڭ.
19
ئەي ئوغلۇم، سۆزۈمگە قۇلاق سال، بول دانا، قەلبىڭنى توغرا يولغا بېغىشلا.
20
بولما ھاراقكەشلەرنىڭ ئارىسىدا، ئارىلاشما گۆشكە تويماسلارغا.
21
چۈنكى ھاراقكەش ۋە تويماسلار يوقسۇللۇقتا قالار، غەپلەت ئۇيقۇسى ئۇلارنى جۇل-جۇل كىيىمدە قالدۇرار.
22
ئاڭلا سېنى تاپقان ئاتاڭنىڭ سۆزىنى، كەمسىتمە ئاناڭ ياشانغاندا ئۇنى.
23
بەدەل تۆلىسەڭمۇ ھەقىقەتنى تاپ، ساتما ئۇنى، تاپ ھەم دانالىق، تەربىيە ۋە پاراسەتنى.
24
ھەققانىي ئوغلى بولغان ئاتا زور خۇشاللىق تاپار، ئاقىل ئوغۇل تاپقان ئاتا ئۇنىڭدىن شادلىققا تولار.
25
ئاتا-ئاناڭ سەندىن خوش بولسۇن! سېنى تۇغقان ئاناڭ شادلانسۇن.
26
ئەي ئوغلۇم، ماڭا بېغىشلا قەلبىڭنى، كۆزۈڭ بىلەن كۆزىتىپ تۇر يولۇمنى!
27
پاھىشە ئايال چوڭقۇر ئورىدۇر، بۇزۇق ئايال تار قۇدۇقتۇر.
28
بۇنداق ئايال خۇددى قاراقچىلاردەك مۆكۈنۈپ تۇرار، ئىنسانلار ئارىسىدا خوتۇنىغا ۋاپاسىز ئەرلەرنى ئاۋۇتار.
29
كىملەر ئازاب-قايغۇدا؟ كىملەر جېدەل چىقىرار، زارلىنار؟ كىملەر سەۋەبسىز يارىلىنار؟ كىمنىڭ كۆزى مەيدىن قىزىرار؟
30
مەي سورۇنىدا ئۇزاق ئولتۇرغانلار، ئەبجەش شارابنى ئىچىشكە بېرىلگەنلەر شۇنداق كۈنگە قالار!
31
شاراپنىڭ قىزىللىقىغا، جامدىكى جۇلاسىغا قارىما، گېلىڭدىن شۇنداق سىلىق ئۆتكەنلىكىگە مەپتۇن بولما.
32
ئاخىرىدا ئۇ سېنى يىلاندەك چېقىۋالار، زەھەرلىك يىلاندەك نەشتىرىنى سانجار.
33
كۆرۈنەر كۆزۈڭگە غەلىتە مەنزىرىلەر، ئەقلىڭ ئېزىپ، چىقار ئاغزىڭدىن قالايمىقان سۆزلەر.
34
بولارسەن خۇددى دېڭىز ئوتتۇرىسىدا لەيلەپ قالغاندەك، كېمە موما ياغىچىنىڭ ئۇچىدا ياتقاندەك.
35
دەرسەنكى: «مېنى دۇمبالىدى، ئاغرىمىدى! ئۇردى، بىلمىدىم ھېچنېمىنى. قاچان ھوشۇمغا كېلىپ يەنە ئىچەرمەن مەينى!»
← Chapter 22
Jump to:
Chapter 1
Chapter 2
Chapter 3
Chapter 4
Chapter 5
Chapter 6
Chapter 7
Chapter 8
Chapter 9
Chapter 10
Chapter 11
Chapter 12
Chapter 13
Chapter 14
Chapter 15
Chapter 16
Chapter 17
Chapter 18
Chapter 19
Chapter 20
Chapter 21
Chapter 22
Chapter 23
Chapter 24
Chapter 25
Chapter 26
Chapter 27
Chapter 28
Chapter 29
Chapter 30
Chapter 31
Chapter 24 →
All chapters:
1
2
3
4
5
6
7
8
9
10
11
12
13
14
15
16
17
18
19
20
21
22
23
24
25
26
27
28
29
30
31