bible
ra
🌐 Language
English
Español
Français
Deutsch
Português
Italiano
Nederlands
Русский
中文
日本語
한국어
العربية
Türkçe
Tiếng Việt
ไทย
Indonesia
All Languages
Home
/
Uyghur
/
Uyghur Arabic 2005 (ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى)
/
Proverbs 24
Proverbs 24
Uyghur Arabic 2005 (ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى)
← Chapter 23
Jump to:
Chapter 1
Chapter 2
Chapter 3
Chapter 4
Chapter 5
Chapter 6
Chapter 7
Chapter 8
Chapter 9
Chapter 10
Chapter 11
Chapter 12
Chapter 13
Chapter 14
Chapter 15
Chapter 16
Chapter 17
Chapter 18
Chapter 19
Chapter 20
Chapter 21
Chapter 22
Chapter 23
Chapter 24
Chapter 25
Chapter 26
Chapter 27
Chapter 28
Chapter 29
Chapter 30
Chapter 31
Chapter 25 →
1
يامانلارغا ھەسەت قىلما، ئۇلار بىلەن بىللە بولۇشنى ئارزۇ قىلما.
2
ئۇلار كۆڭلىدە زوراۋانلىقنى ئويلار، ئۇلارنىڭ سۆزلىرىدىن شۇملۇق ياغار.
3
ئۆي سېلىنار دانالىق بىلەن، مۇستەھكەملىنەر ئەقىل-ئىدراك بىلەن.
4
تولدۇرار بىلىم ئۆينىڭ خانىلىرىنى، ھەرخىل قىممەتلىك ئېسىل بايلىقلار بىلەن.
5
ئاقىل كۈچلۈكتىن قۇدرەتلىك بولار، بىلىملىك ئادەم ئۆز قۇدرىتىنى ئاشۇرار.
6
ئاقىلانە مەسلىھەت بىلەن ئۇرۇش ئېلىپ بار، مەسلىھەتچى كۆپ بولغاندا غەلىبىلىك بولار.
7
يىراقتۇر دانالىق ئەخمەققە، كۆپچىلىك يىغىلىشىدا ئەخمەق زۇۋان سۈرەلمەس.
8
يامانلىق پىلانلىغان ئادەم «سۇيىقەستچى» ئاتىلۇر.
9
ئەخمەقلىق بىلەن تۈزۈلگەن پىلان گۇناھتۇر، ئادەم ئۈچۈن مازاقچى يىرگىنچلىكتۇر.
10
ئېغىر كۈندە جاسارىتىڭنى يوقاتساڭ، سەن ئاجىزسەن.
11
قۇتقۇز ئۆلۈم خەۋپىدە قالغانلارنى، قۇتۇلدۇر ئۆلتۈرۈلۈش ئالدىدا تۇرغانلارنى.
12
گەر«بىلمەپتىمەن» دەپ قاچۇرساڭ ئۆزۈڭنى، ئىنسان كۆڭلىنى دەڭسىگۈچى كۆرۈپ تۇرماسمۇ بۇنى؟ ھاياتىڭنى قوغدىغۇچى بىلمەسمۇ؟ ئۇ ھەربىر ئادەمنىڭ ئەمەلىيىتىگە قاراپ ياندۇرماسمۇ؟
13
ئى ئوغلۇم، ھەسەل ئىستېمال قىل، ئۇ ياخشىدۇر. ھەرە كۆنىكىدىن ئالغان ھەسەل تېخىمۇ تاتلىقتۇر.
14
تاتلىقتۇر دانالىق ھەسەلدەك جېنىڭغا، ئىستىقبالىڭ پارلاقتۇر گەر ئېرىشسەڭ ئۇنىڭغا، ئارزۇ-ئۈمىدىڭ ھەم چىقماس يوققا.
15
رەزىلدەك ھەققانىينىڭ ئۆيىنى يوشۇرۇن پايلاپ تۇرما، ئۇنىڭ ئۆيىنى ۋەيران قىلما!
16
چۈنكى ئۇ يەتتە قېتىم يىقىلسىمۇ، يەنىلا ئورنىدىن تۇرار، بىراق رەزىللەر بالا-قازادا يىقىلار.
17
رەقىبىڭ يىقىلغاندا خۇشال بولما، پۇتلاشقىنىدا ئىچ-ئىچىڭدىن شادلانما.
18
بولمىسا ياقتۇرماس پەرۋەردىگار كۆرۈپ بۇنى، توختىتار رەقىبىڭدىن غەزىپىنى.
19
كۆڭلۈڭ بىسەرەمجان بولمىسۇن رەزىللەردىن، يۈرىكىڭ ئېچىشمىسۇن ھەسەت قىلىپ يامانلاردىن.
20
چۈنكى بولماس رەزىللەرنىڭ ئىستىقبالى، ئۆچۈرۈلەر يامانلارنىڭ چىرىغى.
21
ئەي ئوغلۇم! پەرۋەردىگاردىن قورقماس بولما، پادىشاھنى ھۆرمەتلىمەي قالما، ئۇلارغا قارشى چىققۇچىلارغا شېرىك بولما.
22
چۈنكى ئۇشتۇمتۇت بالايىئاپەت ئۇلارغا كېلەر، پەرۋەردىگار ۋە پادىشاھ كەلتۈرىدىغان ھالاكەتنى كىممۇ بىلەر؟
23
بۇلارمۇ دانالارنىڭ سۆزلىرىدۇر: ھۆكۈمدە بىر تەرەپكە يان بېسىش ياماندۇر.
24
جىنايەتچىگە: «گۇناھسىز سەن» دەپ ھۆكۈم چىقارغۇچىنى، قارغايدۇ خەلقلەر؛ ئۆچ كۆرىدۇ ئەل-جامائەت ئۇنى.
25
بىراق ئۇلار جىنايەتچىنى ئەيىبلىگۈچىدىن خۇرسەن بولىدۇ، بەخت-سائادەتلەر ئۇنىڭغا كېلىدۇ.
26
سەمىمىي جاۋاب بەرگۈچى كۆرسىتەر چىن دوستلۇقنى.
27
تۈگەتكىن ئاۋۋال سىرتتىكى ئىشلارنى، ئورۇنلاشتۇرغىن ئېتىزدىكى ئىشلىرىڭنى، قۇرغىن ئاندىن ئۆيۈڭنى.
28
سەۋەبسىز يېقىنىڭغا قارشى گۇۋاھلىق قىلما، يالغان سۆزلەپ ئالدىما.
29
دېمە:«ئۇ ماڭا قانداق قىلغان بولسا، مەنمۇ ئۇنىڭغا شۇنداق قىلىمەن، ئۇنىڭ ماڭا قىلغىنىدەك ياندۇرىمەن».
30
ئۆتتۈم مەن ھۇرۇننىڭ ئېتىزلىقىدىن، ئەقىلسىزنىڭ ئۈزۈمزارلىقىدىن.
31
مانا ھەر يېرىدىن تىكەنلەر ئۆسۈپ چىققان، ياۋا ئوت-چۆپلەر ھەممە يەرنى قاپلىغان، قورۇق تېمى ئۆرۈلۈپ كەتكەن!
32
ئۇلارنى كۆرۈشۈم بىلەن ئويغا پاتتىم، كۆرگىنىمدىن مۇنداق ساۋاق ئالدىم:
33
دېسەڭ: «بىرئاز كۆزۈمنى يۇمۇۋالاي، بىردەم ئۇخلىۋالاي، يەنە بىردەم پۇت-قولۇمنى ئالماپ يېتىۋالاي»،
34
يېنىڭغا كېلەر قاراقچىدەك نامراتلىق، قوراللىق بۇلاڭچىدەك موھتاجلىق.
← Chapter 23
Jump to:
Chapter 1
Chapter 2
Chapter 3
Chapter 4
Chapter 5
Chapter 6
Chapter 7
Chapter 8
Chapter 9
Chapter 10
Chapter 11
Chapter 12
Chapter 13
Chapter 14
Chapter 15
Chapter 16
Chapter 17
Chapter 18
Chapter 19
Chapter 20
Chapter 21
Chapter 22
Chapter 23
Chapter 24
Chapter 25
Chapter 26
Chapter 27
Chapter 28
Chapter 29
Chapter 30
Chapter 31
Chapter 25 →
All chapters:
1
2
3
4
5
6
7
8
9
10
11
12
13
14
15
16
17
18
19
20
21
22
23
24
25
26
27
28
29
30
31