bible
ra
🌐 Language
English
Español
Français
Deutsch
Português
Italiano
Nederlands
Русский
中文
日本語
한국어
العربية
Türkçe
Tiếng Việt
ไทย
Indonesia
All Languages
Home
/
Uyghur
/
Uyghur Arabic 2005 (ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى)
/
Proverbs 19
Proverbs 19
Uyghur Arabic 2005 (ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى)
← Chapter 18
Jump to:
Chapter 1
Chapter 2
Chapter 3
Chapter 4
Chapter 5
Chapter 6
Chapter 7
Chapter 8
Chapter 9
Chapter 10
Chapter 11
Chapter 12
Chapter 13
Chapter 14
Chapter 15
Chapter 16
Chapter 17
Chapter 18
Chapter 19
Chapter 20
Chapter 21
Chapter 22
Chapter 23
Chapter 24
Chapter 25
Chapter 26
Chapter 27
Chapter 28
Chapter 29
Chapter 30
Chapter 31
Chapter 20 →
1
دىيانەت يولىدا ماڭغان كەمبەغەل كىشى، ھىيلە-مىكىر بىلەن سۆزلەيدىغان ئەخمەقتىن ياخشى.
2
بىلمەي تۇرۇپ قىزغىنلىق قىلىش ياخشى ئەمەس، ئالدىراڭغۇلۇق بىلەن ئىش قىلغان نىشانغا يەتمەس.
3
ئادەمنىڭ نادانلىقى ھايات يولىنى نابۇت قىلار، ئۇ كۆڭلىدە يەنىلا پەرۋەردىگاردىن خاپا بولار.
4
بايلىق دوستنى كۆپەيتەر، كەمبەغەل بار دوستىدىنمۇ ئايرىلىپ قالار.
5
ساختا گۇۋاھلىق بەرگۈچى جازالانماي قالماس، يالغان ئېيتقۇچىمۇ قېچىپ قۇتۇلالماس.
6
كۆپ كىشىلەر مەرد ئادەمدىن ئىلتىپات كۈتەر. ھەممە كىشى سوۋغات بەرگۈچىگە دوست تارتار.
7
يىرگىنەر كەمبەغەلدىن قېرىنداشلىرىمۇ، يىراقلىشار دوستلىرى تېخىمۇ، بىكاردۇر ئۇلارنىڭ ئارقىسىدىن ئۇ يالۋۇرۇپ بارسىمۇ.
8
دانالىققا ئېرىشىش ئۆزىنى سۆيگەنلىكتۇر، ئەقىل-ئىدراكلىق بولۇش بەخت تاپقانلىقتۇر.
9
جازالانماي قالماس ساختا گۇۋاھلىق بەرگۈچى، ھالاكەتتىن قۇتۇلالماس يالغان ئېيتقۇچى.
10
ھەشەمەتلىك تۇرمۇش ئەخمەققە ياراشماس، قۇلنىڭ ھۆكۈمدارلار ئۈستىدىن ھۆكۈم سۈرۈشى تېخىمۇ قاملاشماس.
11
ئەقىل-ئىدراكلىق كىشى ئاچچىقلانماس ئاسانلىقچە، باشقىلارنىڭ گۇناھىنى كەچۈرۈشى شۆھرەت كەلتۈرەر ئۆزىگە.
12
شىرنىڭ ھۆركىرىشىگە ئوخشاشتۇر پادىشاھنىڭ غەزىپى. ئوت-چۆپكە چۈشكەن شەبنەمدەكتۇر ئۇنىڭ شەپقىتى.
13
ھاماقەت ئوغۇل ئاتىسى ئۈچۈن بالادۇر، خوتۇننىڭ جېدەللىرى تورۇستىن تامچىلىغان يامغۇردەكتۇر.
14
مىراستۇر ئۆي ۋە مال-مۈلۈك ئاتا-بوۋىدىن، ئەقىل-ئىدراكلىق خوتۇن پەرۋەردىگاردىن.
15
ھۇرۇنلۇق كىشىنى غەپلەت ئۇيقۇسىغا غەرق قىلار، بىكار تەلەپ ئاچلىقنىڭ دەردىنى تارتار.
16
پەرۋەردىگارنىڭ ئەمرلىرىغا ئەمەل قىلغان جېنىنى ساقلاپ قالار، ئۇنىڭ يولىنى كەمسىتكەن ئادەم ھالاك بولار.
17
نامراتقا ياردەم بېرىش پەرۋەردىگارغا قەرز بەرگەن بىلەن باراۋەر، ئۇنىڭ قىلغان شاپائىتىنى پەرۋەردىگار قايتۇرار.
18
پەرزەنتىڭگە بەر تۈزىتىش تەربىيىسى ئۈمىد بار ۋاقتىدا، لېكىن غەزىپىڭ كەلگىنىدە ئۇنى نابۇت قىلما.
19
قاتتىق قەھرلىك كىشى ئۆزىگە جازا ئەكېلەر، قۇتقۇزساڭ ئۇنى بىر قېتىم، يەنە قۇتقۇزماق كېلەر.
20
ئاڭلا نەسىھەتنى، قوبۇل قىل تەربىيىنى، شۇنداق قىلغىنىڭدا دانا بولىسەن ئاخىرى.
21
كىشىنىڭ كۆڭلىدە پىلان كۆپتۇر، لېكىن ئەمەلگە ئاشىدىغىنى پەرۋەردىگارنىڭ مەقسىتىدۇر.
22
كىشىنىڭ ئىستىكى سادىقلىقتۇر. كەمبەغەل يالغانچىدىن ئەۋزەلدۇر.
23
پەرۋەردىگاردىن ئەيمىنىش ئېرىشتۈرەر كىشىنى ھەقىقىي ھاياتلىققا، ئۇ قانائەتلىك ياشاپ، ئۇچرىماس بالا-قازاغا.
24
سوزار ھۇرۇن قاچىغا قولىنى، لېكىن ئېرىنەر ئاغزىغا سېلىشقىمۇ غىزانى.
25
مازاقچىنى ئۇر، ساددا ئۇنىڭدىن ئىبرەت ئالار، ئەقىللىققا تۈزىتىش تەربىيىسى بەر، ئۇ ئۆگىنىۋالار.
26
ئاتىسىنى خورلىغان، ئانىسىنى ئۆيدىن ھەيدىگەن ئوغۇل، ئۇلارغا ئۇيات ھەم شەرمەندىلىك كەلتۈرگەندۇر.
27
ئەي ئوغلۇم، توختاتساڭ نەسىھەت ئاڭلاشنى، قاچۇرغىنىڭدۇر ئىلىم-ھېكمەتتىن ئۆزۈڭنى.
28
پاسىق گۇۋاھچى مازاق قىلار ئادالەتنى، ياماننىڭ ئاغزى يالمار رەزىللىكنى.
29
تەيياردۇر مازاق قىلغۇچىلارغا جازا، ھاماقەتلەرنىڭ دۈمبىسىگە قامچا.
← Chapter 18
Jump to:
Chapter 1
Chapter 2
Chapter 3
Chapter 4
Chapter 5
Chapter 6
Chapter 7
Chapter 8
Chapter 9
Chapter 10
Chapter 11
Chapter 12
Chapter 13
Chapter 14
Chapter 15
Chapter 16
Chapter 17
Chapter 18
Chapter 19
Chapter 20
Chapter 21
Chapter 22
Chapter 23
Chapter 24
Chapter 25
Chapter 26
Chapter 27
Chapter 28
Chapter 29
Chapter 30
Chapter 31
Chapter 20 →
All chapters:
1
2
3
4
5
6
7
8
9
10
11
12
13
14
15
16
17
18
19
20
21
22
23
24
25
26
27
28
29
30
31