bible
ra
🌐 Language
English
Español
Français
Deutsch
Português
Italiano
Nederlands
Русский
中文
日本語
한국어
العربية
Türkçe
Tiếng Việt
ไทย
Indonesia
All Languages
Home
/
Uyghur
/
Uyghur Arabic 2005 (ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى)
/
Proverbs 3
Proverbs 3
Uyghur Arabic 2005 (ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى)
← Chapter 2
Jump to:
Chapter 1
Chapter 2
Chapter 3
Chapter 4
Chapter 5
Chapter 6
Chapter 7
Chapter 8
Chapter 9
Chapter 10
Chapter 11
Chapter 12
Chapter 13
Chapter 14
Chapter 15
Chapter 16
Chapter 17
Chapter 18
Chapter 19
Chapter 20
Chapter 21
Chapter 22
Chapter 23
Chapter 24
Chapter 25
Chapter 26
Chapter 27
Chapter 28
Chapter 29
Chapter 30
Chapter 31
Chapter 4 →
1
ئەي ئوغلۇم، ئۇنتۇما تەلىمىمنى، چىڭ ساقلا قەلبىڭدە بۇيرۇقلىرىمنى.
2
ئۆمۈر قوشار ئۇلار ئۆمرۈڭگە، ئامان-ئېسەنلىك ئېلىپ كېلەر ھاياتىڭغا.
3
مېھرىبانلىق ۋە ساداقەتنى تاشلىما، ئۇلارنى مارجاندەك ئېسىۋال بوينۇڭغا، پۈتۈۋال قەلبىڭنىڭ چوڭقۇر قېتىغا.
4
تاپىسەن ھىممەت ۋە ئىززەت شۇ چاغدا، خۇدانىڭ ھەم ئادەملەرنىڭ نەزىرىدە.
5
ئىشەنمەي ئۆز ئەقلىڭگە، ئىشەن پۈتۈن قەلبىڭ بىلەن پەرۋەردىگارغا،
6
ياد ئەت پەرۋەردىگارنى ھەر ئىشتا، ئوچۇق قىلار يولۇڭنى ئۇ شۇندا.
7
ئۆزۈڭنى ئەقىللىق دەپ سانىما، پەرۋەردىگاردىن ئەيمىنىپ، يامانلىققا يولىما.
8
شۇنداق قىلساڭ، ساغلام بولار تېنىڭ، يىلىككە تولار سۆڭەكلىرىڭ.
9
ئۇلۇغلا پەرۋەردىگارنى، ئاتاپ مال-دۇنيايىڭنى، ھەدىيە قىلىپ ئۇنىڭغا ھوسۇلۇڭنىڭ باش بۇرنىنى.
10
شۇندا تولۇپ تاشار ئامبارلىرىڭ ئاشلىققا، شاراب ئىدىشلىرىڭ يېڭى شارابقا.
11
ئەي ئوغلۇم، باش تارتما پەرۋەردىگارنىڭ تەربىيىسىدىن، بىزار بولما ئۇنىڭ تەنبىھىدىن.
12
چۈنكى ئاتا تەربىيىلىگەندەك ئەتىۋارلىق ئوغلىنى، پەرۋەردىگارمۇ تەربىيىلەر سۆيگەنلىرىنى.
13
دانالىققا ئېرىشكەنلەر، ئەقىل-ئىدراك تاپقانلار بەختلىكتۇر!
14
دانالىق كەلتۈرگەن پايدا كۈمۈشنىڭكىدىنمۇ ئارتۇقتۇر، ئالتۇندىن ئالغان مەنپەئەتتىنمۇ ئەۋزەلدۇر.
15
ئۇ لەئەل-ياقۇتلاردىن قىممەتلىكتۇر، ھەرقانداق ئارزۇلۇق نەرسەڭ ئۇنىڭغا تەڭ كېلەلمەستۇر.
16
باردۇر ئۇزۇن ئۆمۈر دانالىقنىڭ ئوڭ قولىدا، بايلىق ۋە شۆھرەت ئۇنىڭ سول قولىدا.
17
بېغىشلار دانالىق يولى شاد-خۇراملىق ساڭا، يېتەكلەر ئۇ سېنى ئامانلىققا.
18
دانالىقنى تۇتۇپ تۇرغۇچىلار ئۈچۈن ئۇ ھاياتلىق دەرىخىدۇر، دانالىقنى مەھكەم تۇتقانلارنىڭ ھەممىسى بەختلىكتۇر.
19
پەرۋەردىگار دانالىقى بىلەن ياراتتى زېمىننى، ئەقلى بىلەن بەرپا قىلدى ئاسماننى.
20
پەرۋەردىگارنىڭ دانالىقى بىلەن چوڭقۇر قايناملار ئېتىلدى، بۇلۇتلار شەبنەم پۈركىدى.
21
ئەي ئوغلۇم، چىڭ تۇت دانالىق ۋە پەم-پاراسەتنى، كۆز ئالدىڭدىن ھەرگىز يوقاتما ئۇلارنى.
22
ئۇلار ھايات بەخش ئېتەر جېنىڭغا، بېزەك بولۇپ ئېسىلار بوينۇڭغا.
23
شۇ چاغ يولۇڭدا يۈرىسەن تىنچ-ئامان، پۇتلىشىپ كەتمەيسەن ھېچقاچان.
24
ياتقاندا ھېچنېمىدىن قورقمايسەن، يېتىپلا تاتلىق ئۇخلايسەن.
25
قورقما تۇيۇقسىز كەلگەن خەۋپتىن، رەزىللەرنىڭ بېشىغا كەلگەن ۋەيرانچىلىقتىن.
26
چۈنكى تايانچىڭدۇر پەرۋەردىگار، ئۇ پۇتلىرىڭنى تۇزاقلارغا چۈشۈشتىن ساقلار.
27
ئەگەر كەلسە ياخشىلىق قىلىش قولۇڭدىن، ياردىمىڭنى ئايىما ھاجەتمەنلەردىن.
28
قوشناڭغا ئېھتىياجلىق نەرسە سەندە بار بولسا، «ئەتە كەل، شۇ چاغدا بېرەي» دەپ ئۇنى قايتۇرما.
29
قوشناڭغا زىيانكەشلىك قىلىش نىيىتىدە بولما، چۈنكى ئۇ ساڭا ئىشىنىپ خاتىرجەم ياشىدى يېنىڭدا.
30
بىرەرسى ساڭا يامانلىق قىلمىغان بولسا، ئۇنىڭ بىلەن سەۋەبسىز ماجىرالاشما.
31
زوراۋانغا ھەسەت قىلما، ئۇنىڭ يوللىرىدىن ھېچقايسىسىنى تاللىما.
32
چۈنكى ئەگرى ئادەملەر يىرگىنچلىكتۇر پەرۋەردىگارغا، دۇرۇسلارغا ئۇ يېقىن تۇرار ئەمما.
33
پەرۋەردىگارنىڭ لەنىتى تېگەر رەزىللەرنىڭ ئۆيىگە، ئۇ بەخت ئاتا قىلار ھەققانىيلارنىڭ ئائىلىسىگە.
34
ئۇ مەسخىرىچىلەرنى مەسخىرە قىلار، كىچىك پېئىللارغا شەپقەت ياغدۇرار.
35
دانالار شان-شەرەپكە مۇيەسسەر بولار، نادانلار بولسا شەرمەندىلىكتە قالار.
← Chapter 2
Jump to:
Chapter 1
Chapter 2
Chapter 3
Chapter 4
Chapter 5
Chapter 6
Chapter 7
Chapter 8
Chapter 9
Chapter 10
Chapter 11
Chapter 12
Chapter 13
Chapter 14
Chapter 15
Chapter 16
Chapter 17
Chapter 18
Chapter 19
Chapter 20
Chapter 21
Chapter 22
Chapter 23
Chapter 24
Chapter 25
Chapter 26
Chapter 27
Chapter 28
Chapter 29
Chapter 30
Chapter 31
Chapter 4 →
All chapters:
1
2
3
4
5
6
7
8
9
10
11
12
13
14
15
16
17
18
19
20
21
22
23
24
25
26
27
28
29
30
31