bible
ra
🌐 Language
English
Español
Français
Deutsch
Português
Italiano
Nederlands
Русский
中文
日本語
한국어
العربية
Türkçe
Tiếng Việt
ไทย
Indonesia
All Languages
Home
/
Uyghur
/
Uyghur Arabic 2005 (ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى)
/
Proverbs 22
Proverbs 22
Uyghur Arabic 2005 (ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى)
← Chapter 21
Jump to:
Chapter 1
Chapter 2
Chapter 3
Chapter 4
Chapter 5
Chapter 6
Chapter 7
Chapter 8
Chapter 9
Chapter 10
Chapter 11
Chapter 12
Chapter 13
Chapter 14
Chapter 15
Chapter 16
Chapter 17
Chapter 18
Chapter 19
Chapter 20
Chapter 21
Chapter 22
Chapter 23
Chapter 24
Chapter 25
Chapter 26
Chapter 27
Chapter 28
Chapter 29
Chapter 30
Chapter 31
Chapter 23 →
1
ئەۋزەلدۇر ياخشى نام زور بايلىقتىن، چوڭقۇر ھۆرمەت ئالتۇن-كۈمۈشتىن.
2
گاداي بىلەن باينىڭ ئورتاقلىقى شۇكى: پەرۋەردىگار ياراتقۇچىدۇر ھەر ئىككىلىسىنى.
3
زېرەك خەۋپ-خەتەرنى كۆرۈپ قاچار، نادان قارىغۇلارچە ئالغا بېسىپ ئازاب تارتار.
4
ئەيمەنسە كىمكى كەمتەرلىك بىلەن پەرۋەردىگاردىن، بەھرىمەن بولۇر ئۇ باياشاتلىق، ھۆرمەت ۋە ھەقىقىي ھاياتلىقتىن.
5
ھىيلىگەرلەرنىڭ يولىدا تىكەن، تۇزاقلار ياتار، ھاياتىنى ئەزىزلىگەن كىشى ئۇلاردىن يىراق تۇرار.
6
تەربىيىلە بالاڭنى توغرا يولدا مېڭىشقا، چوڭ بولغاندىمۇ شۇ يولدىن چىقماس ئۇ شۇندا.
7
باي كەمبەغەلنى باشقۇرار، قەرزدار قەرز بەرگۈچىنىڭ قۇلى بولار.
8
ناھەقلىق ئۇرۇقىنى چاچقان بالايىئاپەت ئورار، ئۇنىڭ قەھر تايىقى ھامان سۇندۇرۇلار.
9
سېخىي ئادەم بەرىكەت تاپار، چۈنكى ئۇ يوقسۇللارغا ئۆز نېنىدىن بۆلۈپ بېرەر.
10
مەسخىرىچىنى قوغلىساڭ، جاڭجال يوقىلار، جېدەل-ماجىرا ۋە ھاقارەت ھەم تۈگەر.
11
دىل پاكلىقىنى سۆيىدىغان ۋە سۆزلىرى يېقىملىق كىشى، بولار پادىشاھنىڭ دوستى.
12
قوغدار پەرۋەردىگار ھەقىقەتنى، يوققا چىقىرار ۋاپاسىزنىڭ سۆزلىرىنى.
13
ھۇرۇن شۇنداق دەر:«شىر بار تالادا، يەم بولىمەن چىقسام كوچىغا».
14
چوڭقۇر ئورىدۇر بۇزۇق ئايالنىڭ ئاغزى، ئۇنىڭغا چۈشەر پەرۋەردىگارنىڭ غەزىپىنى كەلتۈرگەن كىشى.
15
نادانلىق قاپلىغاندۇر بالىلارنىڭ قەلبىنى، نادانلىقنى قوغلىغۇچىدۇر تەربىيە تايىقى.
16
قالار موھتاجلىقتا پەقەت، بايلىق ئۈچۈن يوقسۇلنى ئەزگۈچى، بايلارغا ھەم سوۋغات بەرگۈچى.
17
قۇلاق سال دانالارنىڭ سۆزلىرىگە، كۆڭۈل قوي مەن ئۆگەتكەن ئىلىم-ھېكمەتكە.
18
ياخشىدۇر ساقلىساڭ ئۇلارنى قەلبىڭدە، تەييار بولسا تىلىڭدا ئۇلار ھەمىشە.
19
ئىشەنچىڭنى باغلاش ئۈچۈن پەرۋەردىگارغا، بۈگۈن ئۇلارنى تونۇتىمەن ساڭا.
20
ئىلىم-ھېكمەت ۋە كېڭەش بېرىش ئۈچۈن ساڭا، يېزىپ بەرمىدىممۇ ئوتتۇز نەسىھەتنى مانا؟
21
بۇنىڭدىندىكى مەقسەت سەن ھەقىقەتنى بىلىسەن، ئۆزۈڭنى ئەۋەتكۈچىلەرگە ھەم ھەقىقىي جاۋاب بېرەلەيسەن.
22
يوقسۇل بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇنى ئېزىپ نەپ ئالما، سوتتا يۆلەنچۈكى يوقنى بوزەك قىلما.
23
چۈنكى ئاقلار پەرۋەردىگار ئۇلارنى، ئالار ئۇ ئۇلارنى ئەزگەنلەرنىڭ جېنىنى.
24
تېرىككەك ئادەم بىلەن دوست بولما، قەھرلىك ئادەم بىلەن ئارىلاشما،
25
سەنمۇ ئۇلارنى دورايسەن بولمىسا، چۈشىسەن ئۆزۈڭ ھەم تۇزاققا.
26
بولما قول بېرىپ كېپىل بولغۇچىلاردىن، قەرز تۆلەشكە كاپالەت بەرگۈچىلەردىن،
27
قايتۇرغۇدەك نەرسەڭ بولمىغاندا ئۆزگىنىڭ قەرزىنى، ياتقان ئورنۇڭنى تارتقۇزۇپ قويۇشۇڭنىڭ نېمە ھاجىتى؟
28
يۆتكىمە قەدىمدە ئەجدادىڭ بەلگىلەپ قويغان پاسىلنى.
29
كۆرگەنسەن ئىشىغا ماھىر ئۇستىنى؟ ئۇ پۇقرانىڭ ئەمەس، پادىشاھلارنىڭ خىزمىتىدىدۇر.
← Chapter 21
Jump to:
Chapter 1
Chapter 2
Chapter 3
Chapter 4
Chapter 5
Chapter 6
Chapter 7
Chapter 8
Chapter 9
Chapter 10
Chapter 11
Chapter 12
Chapter 13
Chapter 14
Chapter 15
Chapter 16
Chapter 17
Chapter 18
Chapter 19
Chapter 20
Chapter 21
Chapter 22
Chapter 23
Chapter 24
Chapter 25
Chapter 26
Chapter 27
Chapter 28
Chapter 29
Chapter 30
Chapter 31
Chapter 23 →
All chapters:
1
2
3
4
5
6
7
8
9
10
11
12
13
14
15
16
17
18
19
20
21
22
23
24
25
26
27
28
29
30
31