bible
ra
🌐 Language
English
Español
Français
Deutsch
Português
Italiano
Nederlands
Русский
中文
日本語
한국어
العربية
Türkçe
Tiếng Việt
ไทย
Indonesia
All Languages
Home
/
Uyghur
/
Uyghur Arabic 2005 (ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى)
/
Proverbs 26
Proverbs 26
Uyghur Arabic 2005 (ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى)
← Chapter 25
Jump to:
Chapter 1
Chapter 2
Chapter 3
Chapter 4
Chapter 5
Chapter 6
Chapter 7
Chapter 8
Chapter 9
Chapter 10
Chapter 11
Chapter 12
Chapter 13
Chapter 14
Chapter 15
Chapter 16
Chapter 17
Chapter 18
Chapter 19
Chapter 20
Chapter 21
Chapter 22
Chapter 23
Chapter 24
Chapter 25
Chapter 26
Chapter 27
Chapter 28
Chapter 29
Chapter 30
Chapter 31
Chapter 27 →
1
يازدا قار، ئورما ۋاقتىدا يامغۇر قاملاشمىغاندەك، ئەخمەققىمۇ ئىززەت-ھۆرمەت قاملاشماس.
2
قۇشقاچ ئۇچۇپ، قارلىغاچ قانات قاققاندەك، سەۋەبسىز قارغاشمۇ كىشىگە تەگمەس.
3
ياراشقاندەك قامچا ئاتقا، نوختا ئېشەككە، يارىشار دەررە ئەخمەقنىڭ دۈمبىسىگە.
4
جاۋاپ قايتۇرما ئەقىلسىزنىڭ ئەخمەقلىقىگە يارىشا، ئۇنىڭغا ئوخشاپ قالىسەن بولمىسا.
5
جاۋاپ قايتۇر ئەقىلسىزنىڭ ئەخمەقلىقىگە يارىشا، ئۇ ئۆزىنى ئەقىللىق چاغلاپ قالار بولمىسا.
6
ئەخمەقتىن خەۋەر يوللىغان كىشى، گويا ئۆز پۇتىنى ئۆزى چاپقان، زەھەر يۇتقان كەبى.
7
كارغا كەلمىگەندەك پۇتلىرى توكۇرنىڭ، كارغا كەلمەس ئاغزىدىكى پەند-نەسىھەت ئەخمەقنىڭ.
8
ئىززەت-ھۆرمەت بىلدۈرۈش ئەخمەققە، ئوخشار سالغىغا تاشنى باغلاپ قويغانغا.
9
پەند-نەسىھەت ئەخمەقنىڭ ئاغزىدىكى، گويا مەست شىلتىۋاتقان تىكەنلىك شاخ كەبى.
10
ياللىسا ئەخمەقنى ياكى ئۇدۇل كەلگەن ئادەمنى كىمكى، بولار قارىغۇلارچە ئوق ئاتقان مەرگەن كەبى.
11
ئىت ئايلىنىپ كېلىپ يالىغاندەك ئۆز قۇسۇقىنى، قايتار ئەخمەق ئۆز ئەخمەقلىقىنى.
12
كۆردۈڭمۇ ئۆزىنى ئاقىل چاغلىغان كىشىنى؟ ئۇنىڭدىن ئۈمىد كۈتكەندىن ئەخمەقتىن ئۈمىد كۈتكەن ياخشى.
13
ھۇرۇن دەركى: «شىر باردۇر كوچا ۋە مەيداندا».
14
ئېچىلىپ-يېپىلار ئىشىك مۇجۇقىدا، ئېغىناپ ياتار ھۇرۇن كارىۋىتىدا.
15
ھۇرۇن سۇنار قولىنى قاچىغا، غىزانى ئاغزىغا سېلىشقىمۇ ئېرىنەر ھەتتا.
16
ھۇرۇن ئۆزىنى شۇنداق چاغلار، ھەتتا ئاقىلانە جاۋاب بېرىدىغان يەتتە كىشىدىنمۇ ئاقىل سانار.
17
ئارىلىشىش ئۆزىگە مۇناسىۋەتسىز جاڭجالغا، ئوخشار ئۆتۈپ كېتىۋاتقان ئىتنىڭ قۇلىقىنى تارتقانغا.
18
ئۆز يېقىنىنى ئالداپ، «چاقچاق قىلىپ قويدۇم» دېگۈچى، خۇددى ئوتلۇق، ئەجەللىك ئوقلارنى ئاتقان تەلۋە كەبى.
20
ئوت ئۆچەر ئوتۇن بولمىسا، جېدەل تۈگەر چېقىمچى بولمىسا.
21
خۇددى چوغ ئۈستىگە سالغان كۆمۈر كەبى، ئوت ئۈستىگە تاشلىغان ئوتۇن كەبى، ئۇلغايتار جېدەلخور جېدەل-ماجىرانى.
22
ئوخشار غەيۋەتچىنىڭ سۆزلىرى مەززىلىك تاماققا، تەنگە سىڭىپ كېتەر تېزلا.
23
تىلى ھەسەل، دىلى زەھەر كىشى، كۈمۈش ھەل بېرىلگەن ساپال قاچىنىڭ ئۆزى.
24
ئۆچمەنلىك قىلغۇچى چىرايلىق سۆز بىلەن نىقابلىنار، بىراق كۆڭلىدە ھىيلە-مىكىر ساقلار.
25
شۇڭا ئىشىنىپ كەتمە ئۇ مۇلايىم سۆزلىگەندە، چۈنكى يەتتە قات ئىپلاسلىق باردۇر ئۇنىڭ قەلبىدە.
26
ئۆچمەنلىكىنى ئۇ ھىيلىگەرلىك بىلەن ياپار، لېكىن ئۇنىڭ رەزىللىكى جامائەت ئالدىدا ئاشكارا بولار.
27
كىشىگە ئورا كولىغان ئۆزى چۈشەر، ئۆزگىگە دومىلاتقان تاش ئۆزىگە قايتار.
28
يالغانچى ئۆزى زىيان كەلتۈرگەنلەرنى ئۆچ كۆرەر، خۇشامەتچى ھالاكەت ئېلىپ كېلەر.
← Chapter 25
Jump to:
Chapter 1
Chapter 2
Chapter 3
Chapter 4
Chapter 5
Chapter 6
Chapter 7
Chapter 8
Chapter 9
Chapter 10
Chapter 11
Chapter 12
Chapter 13
Chapter 14
Chapter 15
Chapter 16
Chapter 17
Chapter 18
Chapter 19
Chapter 20
Chapter 21
Chapter 22
Chapter 23
Chapter 24
Chapter 25
Chapter 26
Chapter 27
Chapter 28
Chapter 29
Chapter 30
Chapter 31
Chapter 27 →
All chapters:
1
2
3
4
5
6
7
8
9
10
11
12
13
14
15
16
17
18
19
20
21
22
23
24
25
26
27
28
29
30
31
Recommended Reading
Commentary
Proverbs Commentaries
→
Devotional
Proverbs Devotional Guide
→
Get This Bible
Uyghur Arabic (ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى) Study Bible
→