bible
ra
🌐 Language
English
Español
Français
Deutsch
Português
Italiano
Nederlands
Русский
中文
日本語
한국어
العربية
Türkçe
Tiếng Việt
ไทย
Indonesia
All Languages
Home
/
Uyghur
/
Uyghur Arabic 2005 (ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى)
/
Proverbs 5
Proverbs 5
Uyghur Arabic 2005 (ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى)
← Chapter 4
Jump to:
Chapter 1
Chapter 2
Chapter 3
Chapter 4
Chapter 5
Chapter 6
Chapter 7
Chapter 8
Chapter 9
Chapter 10
Chapter 11
Chapter 12
Chapter 13
Chapter 14
Chapter 15
Chapter 16
Chapter 17
Chapter 18
Chapter 19
Chapter 20
Chapter 21
Chapter 22
Chapter 23
Chapter 24
Chapter 25
Chapter 26
Chapter 27
Chapter 28
Chapter 29
Chapter 30
Chapter 31
Chapter 6 →
1
ئەي ئوغلۇم، ھېكمەتلىك سۆزلىرىمگە كۆڭۈل قويغىن، ئاقىلانە مەسلىھەتلىرىمگە قۇلاق سالغىن.
2
شۇندا ئايرىلماس ئەقىل-ئىدراك سەندىن، دۇرۇس سۆزلەر تۆكۈلەر لەۋلىرىڭدىن.
3
ھەسەل تامار بۇزۇق خوتۇننىڭ لەۋلىرىدىن، سىلىقتۇر ئۇنىڭ سۆزلىرى زەيتۇن يېغىدىن.
4
لېكىن ئۇ ئېلىپ كەلگەن ئاقىۋەت ئاچچىقتۇر كەكرىدەك، ئازاب-ئوقۇبەتلىكتۇر خەنجەر بىلەن تىلغاندەك.
5
ئۆلۈمگە باشلار ئۇنىڭ تۇتقان يولى. ئۆلۈكلەر ماكانىغا ئېلىپ بارار باسقان قەدەملىرى.
6
ئۇ ھاياتلىق يولىنى ئويلاپمۇ قويماس، ئەگرى يوللاردا تېنەپ يۈرگەنلىكىنى ئۆزى بىلمەس.
7
ئەي ئوغۇللار، سۆزلىرىمنى كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلاڭلار. دېگەنلىرىمدىن چىقماڭلار.
8
بۇنداق خوتۇندىن نېرى قاچ! ئۇنىڭ بوسۇغىسىغا يېقىن يولىما!
9
بولمىسا، ئۆز ئىززىتىڭنى يوقىتىسەن، رەھىمسىزگە قەرزدار بولىسەن.
10
بايلىقىڭدىن ياتلار بەھرىمەن بولار، مېھنەت قىلىپ تاپقانلىرىڭ ئۆزگىنىڭ ئۆيىدە قالار.
11
نالە-پەرياد چېكىسەن ئۆمرۈڭنىڭ ئاخىرىدا، ھېچ مادار قالمىغاندا تەن ۋە ۋۇجۇدۇڭدا.
12
شۇ چاغ دەيسەنكى: _ نېمىشقىمۇ تەربىيىنى ئۆچ كۆرگەندىمەن؟ كۆڭلۈمدە تەنبىھلەرنى مەنسىتمىگەندىمەن؟
13
ئۇستازلىرىمنىڭ سۆزىنى ئاڭلىمىغاندىمەن؟ ماڭا تەربىيە بەرگەنلەرگە قۇلاق سالمىغاندىمەن؟
14
تاس قالدىم مانا شەرمەندە بولۇشقا، يىغىلغان جامائەت ئالدىدا.
15
ئىچكىن ئۆز كۆلچىكىڭنىڭ سۇيىدىن، ئۆز قۇدۇقۇڭدىكى سۈزۈك سۇدىن.
16
تاشسۇنمۇ بۇلاقلىرىڭ تاشقىرىغا، ئۆستەڭلىرىڭ كوچىلارغا؟
17
ئۇلار مەنسۇپ بولسۇن ساڭىلا، ئۇلارنى ئۆزگىلەر بىلەن ئورتاقلاشما.
18
قۇدۇقۇڭ بەرىكەتلىك بولسۇن، ياشلىقىڭدا ئالغان ئايالىڭدىن ھۇزۇر ئالغىن.
19
ئۇ كېيىكتەك سۆيۈملۈك، مارالدەك چىرايلىقتۇر، ئۇنىڭ كۆكسى سېنى قانائەتلەندۈرسۇن، مۇھەببىتىگە دائىم شەيدا بولغىن.
20
ئوغلۇم، نېمىشقا شەيدا بولىسەن بۇزۇق خوتۇنغا؟ نېمىشقا ئاتىسەن ئۆزۈڭنى زىناخور خوتۇننىڭ قوينىغا؟
21
پەرۋەردىگارنىڭ كۆز ئالدىدىدۇر ئىنساننىڭ قىلغانلىرى، كۆزىتىپ تۇرىدۇ ئۇ ئۇنىڭ بارلىق يوللىرىنى.
22
چۈشۈرىدۇ ياماننىڭ قىلمىشلىرى ئۆزىنى تۇزاققا. ئىلىنىدۇ ئۇ ئۆز گۇناھى بىلەن سىرتماققا.
23
ئۇ ئۆزىنى تۇتالماسلىقىدىن ئۆز جېنىغا زامىن بولىدۇ. چېكىدىن ئاشقان ئەخمەقلىقى تۈپەيلى يولدىن ئازىدۇ.
← Chapter 4
Jump to:
Chapter 1
Chapter 2
Chapter 3
Chapter 4
Chapter 5
Chapter 6
Chapter 7
Chapter 8
Chapter 9
Chapter 10
Chapter 11
Chapter 12
Chapter 13
Chapter 14
Chapter 15
Chapter 16
Chapter 17
Chapter 18
Chapter 19
Chapter 20
Chapter 21
Chapter 22
Chapter 23
Chapter 24
Chapter 25
Chapter 26
Chapter 27
Chapter 28
Chapter 29
Chapter 30
Chapter 31
Chapter 6 →
All chapters:
1
2
3
4
5
6
7
8
9
10
11
12
13
14
15
16
17
18
19
20
21
22
23
24
25
26
27
28
29
30
31