bible
ra
🌐 Language
English
Español
Français
Deutsch
Português
Italiano
Nederlands
Русский
中文
日本語
한국어
العربية
Türkçe
Tiếng Việt
ไทย
Indonesia
All Languages
Home
/
Uyghur
/
Uyghur Arabic 2005 (ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى)
/
Proverbs 30
Proverbs 30
Uyghur Arabic 2005 (ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى)
← Chapter 29
Jump to:
Chapter 1
Chapter 2
Chapter 3
Chapter 4
Chapter 5
Chapter 6
Chapter 7
Chapter 8
Chapter 9
Chapter 10
Chapter 11
Chapter 12
Chapter 13
Chapter 14
Chapter 15
Chapter 16
Chapter 17
Chapter 18
Chapter 19
Chapter 20
Chapter 21
Chapter 22
Chapter 23
Chapter 24
Chapter 25
Chapter 26
Chapter 27
Chapter 28
Chapter 29
Chapter 30
Chapter 31
Chapter 31 →
1
ماسسالىق ياقەھنىڭ ئوغلى ئاگۇرنىڭ سۆزلىرى، ئۇنىڭ ئىتىئېل بىلەن ئۇكالغا ئېيتقانلىرى:
2
ئىنسانلار ئارىسىدىكى ئەڭ نادىنى مەن ئىكەنمەن، ئادەمدە بولۇشقا تېگىشلىك ئەقىل مەندە يوق ئىكەن،
3
دانالىقنى ئۆگىنەلمىدىم، بىردىنبىر مۇقەددەس بولغۇچى ھەققىدە يوق ئىكەن ساۋاتىم.
4
كىم ئەرشكە چىققان ھەم ئەرشتىن چۈشكەن؟ كىم شامالنى قوللىرىدا تۇتقان؟ كىم سۇلارنى تونىغا يۆگىگەن؟ كىم يەر-زېمىننىڭ چېگرىسىنى بەلگىلىگەن؟ ئۇنىڭ ئىسمى نېمە؟ ئۇنىڭ ئوغلىنىڭ ئىسمىچۇ؟ بىلمەمسەن؟
5
خۇدانىڭ ھەربىر سۆزى ھەقىقەتتۇر، ئۆزىنى پاناھلىغانلارغا ئۇ قالقاندۇر.
6
قوشما خۇدانىڭ سۆزلىرىگە ھېچنېمىنى، بولمىسا ئۇ ئەيىبلەر سېنى، ئاشكارىلار يالغانچىلىقىڭنى.
7
ئى پەرۋەردىگار، تىلەيمەن ئىككى نەرسىنى سەندىن، ئايىمىغايسەن مەن ئۆلگۈچە بۇلارنى مەندىن.
8
مەندىن يىراق قىلغايسەن ساختىلىق ۋە يالغانچىلىقنى، قىلمىغايسەن گاداي ياكى بايمۇ مېنى، ئېھتىياجىمغا لايىق بەرگەيسەن رىزقىمنى.
9
چۈنكى باياشاتلىق ئىچىدە سەندىن تېنىپ، «پەرۋەردىگار كىممۇ؟» دەپ قالماي، ياكى يوقسۇزچىلىقتا ئوغرىلىق قىلىپ، ئى خۇدا، سېنىڭ نامىڭغا داغ كەلتۈرۈپ قويماي.
10
قۇلنى يامانلىما خوجايىنىغا، قارغىۋېتەر قۇل سېنى، ئەيىبكار بولارسەن بولمىسا.
11
شۇنداقلارمۇ باركى، ئۆز ئاتىسىنى قارغايدىغان، ئۆز ئانىسىغا بەخت تىلىمەيدىغان.
12
شۇنداقلارمۇ باركى، ئۆزلىرىنى پاك چاغلايدىغان، ئەمەلىيەتتە ئۇلارنىڭ مەينەتچىلىكى تازىلانمىغان.
13
شۇنداقلارمۇ باركى، چىقىپ تۇرار تەكەببۇرلۇقى كۆزلىرىدىن، بېشى تاقىشار ئاسمانغا ھاكاۋۇرلۇقىدىن.
14
شۇنداقلارمۇ باركى، يوقىتىش ئۈچۈن بۇ دۇنيادىن نامراتلارنى، يالماش ئۈچۈن ئىنسانلار ئارىىسىدىكى موھتاجلارنى، باردۇر ئۇلارنىڭ قىلىچتەك چىشلىرى، پىچاقتەك ئېزىق چىشلىرى،
15
زۈلۈكنىڭ ئىككى قىزى بار، ئۇلار «بەرگىن، بەرگىن» دەپ توۋلىشار. ئۈچ نەرسە باركى، ھېچ تويمايدىغان، ياق، تۆت نەرسە بار، ئەسلا يېتەرلىك دېمەيدىغان، ئۇلاركى:
16
گۆر، تۇغماس خوتۇن، قاغجىرىغان يەر ۋە يالماۋاتقان ئوت.
17
چوقۇلار جىلغىدىكى قاغىلار ياكى يەۋېتەر بۈركۈتنىڭ بالىلىرى، ئاتىسىنى مەسخىرە قىلىپ، ئانىسىنى كەمسىتكۈچىنىڭ كۆزىنى.
18
ئۈچ ئىش باركى، مەن ئۈچۈن ئىنتايىن سىرلىق بولغان، ياق، تۆت ئىش بار، ئەقلىم يەتمەيدىغان، ئۇلاركى:
19
بۈركۈتنىڭ ئاسماندا ئۇچۇشى، يىلاننىڭ تاشتا بېغىرلىشى، كېمىنىڭ دېڭىزدا مېڭىشى. يىگىتنىڭ قىزغا ئاشىق بولۇشى.
20
مۇنداقكى زىناخور خوتۇننىڭ تۇتقان يولى: ئوغرىلىقچە يەپ بولۇپ سۈرتەر ئۇ ئاغزىنى، دەر: «قىلمىدىم مەن ھېچقانداق يامانلىقنى».
21
ئۈچ ئىش باركى، يەر-زېمىننى سىلكىندۈرىدىغان، ياق، تۆت ئىش بار يەر كۆتۈرەلمەيدىغان. ئۇلاركى:
22
قۇلنىڭ پادىشاھ بولۇشى، ئەخمەقنىڭ راۋاج تېپىشى،
23
نەپرەتكە ئۇچرىغان ئايالنىڭ ئەرگە تېگىشى، دېدەكنىڭ ئۆز خانىمىنىڭ ئورنىنى تارتىۋېلىشى.
24
دۇنيادا كىچىك تەنلىك، تۆت خىل جانىۋار بار، بەكمۇ ئەقىللىق، ئۇلاركى:
25
چۈمۈلە؛ گەرچە ئاجىز بولسىمۇ، بىراق يازدا ئوزۇق تەييارلىۋېلىشنى بىلەر.
26
سۇغۇر؛ گەرچە كۈچسىز بولسىمۇ، خادا تاشلارنىڭ ئارىسىغا ئۇۋا سالار.
27
چېكەتكە؛ گەرچە پادىشاھى بولمىسىمۇ، لېكىن قاتار سەپ تۈزۈپ ماڭار.
28
كەسلەنچۈك؛ گەرچە ئۇنى قول بىلەن تۇتۇۋالغىلى بولسىمۇ، لېكىن ئۇ خان ئوردىلىرىغىمۇ كىرىۋالار.
29
ئۈچ ھايۋان باركى، قەدەملىرى ھەيۋەتلىك، ياق، تۆت جانىۋار بار، مېڭىشى ھەيۋەتلىك. ئۇلاركى:
30
شىر؛ ھايۋاناتلار ئىچىدە ئەڭ كۈچلۈكى، ھېچ نېمىدىن قورقماي ئارقىغا يانمايدىغان.
31
خوراز ۋە سەركە؛ گەۋدىسىنى كۆتۈرۈپ غادىيىپ ماڭىدىغان، پادىشاھ؛ قوشۇنىنى باشلاپ ماڭىدىغان.
32
گەر ئەخمەق بولۇپ، چوڭ تۇتساڭ ئۆزۆڭنى، يامان غەرەزدە بولغان بولساڭ ۋە ياكى، تۇت قولۇڭ بىلەن ئاغزىڭنى!
33
چىقار سېرىق ماي قايماق قوچۇلسا، چىقار قان بىرىنىڭ بۇرنى مىجىلسا، شۇنىڭدەك چىقار غەزەپتىن جېدەل-ماجىرا.
← Chapter 29
Jump to:
Chapter 1
Chapter 2
Chapter 3
Chapter 4
Chapter 5
Chapter 6
Chapter 7
Chapter 8
Chapter 9
Chapter 10
Chapter 11
Chapter 12
Chapter 13
Chapter 14
Chapter 15
Chapter 16
Chapter 17
Chapter 18
Chapter 19
Chapter 20
Chapter 21
Chapter 22
Chapter 23
Chapter 24
Chapter 25
Chapter 26
Chapter 27
Chapter 28
Chapter 29
Chapter 30
Chapter 31
Chapter 31 →
All chapters:
1
2
3
4
5
6
7
8
9
10
11
12
13
14
15
16
17
18
19
20
21
22
23
24
25
26
27
28
29
30
31