bible
ra
🌐 Language
English
Español
Français
Deutsch
Português
Italiano
Nederlands
Русский
中文
日本語
한국어
العربية
Türkçe
Tiếng Việt
ไทย
Indonesia
All Languages
Home
/
Uyghur
/
Uyghur Arabic 2005 (ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى)
/
Proverbs 27
Proverbs 27
Uyghur Arabic 2005 (ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى)
← Chapter 26
Jump to:
Chapter 1
Chapter 2
Chapter 3
Chapter 4
Chapter 5
Chapter 6
Chapter 7
Chapter 8
Chapter 9
Chapter 10
Chapter 11
Chapter 12
Chapter 13
Chapter 14
Chapter 15
Chapter 16
Chapter 17
Chapter 18
Chapter 19
Chapter 20
Chapter 21
Chapter 22
Chapter 23
Chapter 24
Chapter 25
Chapter 26
Chapter 27
Chapter 28
Chapter 29
Chapter 30
Chapter 31
Chapter 28 →
1
ماختانما ئەتىكى كۈنۈڭ بىلەن، چۈنكى ئەتىنىڭ نېمە ئېلىپ كېلىشىنى بىلمەيسەن.
2
ماختانما ئۆز ئۆزۈڭدىن، سېنى باشقىلار ماختىسۇن، ماختانما ئۆز ئاغزىڭ بىلەن، سېنى ياتلار ماختىسۇن.
3
تاشمۇ ھەم قۇممۇ ئېغىر، بىراق ئەخمەق كەلتۈرگەن ئازاب ئىككىسىدىنمۇ ئېغىر.
4
غەزەپ رەھىمسىزدۇر، قەھر ئوخشار كەلكۈنگە، بىراق تاقابىل تۇرالار كىممۇ كۈندىشىنىڭ كۈندەشلىكىگە؟
5
ئاشكارا تەنبىھ يوشۇرۇن مۇھەببەتتىن ئەلادۇر.
6
دوستۇڭنىڭ سالغان جاراھىتى ئۇنىڭ ۋاپادارلىقىدىندۇر، دۈشمىنىڭنىڭ سۆيۈشلىرى بولسا ھىيلىگەرلىكىدىندۇر.
7
بىزاردۇر توق كىشى ھەسەلدىنمۇ، تاتلىقتۇر ئاچلىقتا ھەرقانداق ئاچچىق نەرسىمۇ.
8
ئۆيىدىن ئايرىلغان كىشى، ئۇۋىسىدىن ئايرىلغان قۇش كەبى.
9
ئاچار خۇشبۇي ماي ۋە ئەتىر كىشىنىڭ كۆڭلىنى، سەمىمىي مەسلىھىتىدىن بىلىنەر دوستنىڭ غەمخورلۇقى.
10
ئۆز دوستۇڭ ھەم ئاتاڭنىڭ دوستىنى تاشلىما، بېشىڭغا كۈن چۈشكەندە تۇغقىنىڭنىڭ ئۆيىگە بارما. ئەلادۇر يىراقتىكى تۇغقاندىن يېقىندىكى قوشنا.
11
ئەي ئوغلۇم، دانالىق تاپ، كۆڭلۈمنى چۆمدۈر خۇشاللىققا، شۇندا جاۋاب قايتۇرالايمەن مېنى تەنقىد قىلغانلارغا.
12
زېرەك كىشى خەۋپ-خەتەرنى كۆرۈپ قاچار، نادان قارىغۇلارچە ئالغا بېسىپ ئازاب تارتار.
13
ياتقا كاپالەت بەرگۈچىدىن كېپىلگە تونىنى ئېلىۋال، ناتونۇشقا كېپىل بولغۇچىدىن كېپىللىك ئال.
14
كىمكى تاڭ سەھەردە ۋارقىراپ قوشنىسىدىن ئامانلىق سورىسا، بۇ قارغىغاندەك ئاڭلىنار قوشنىسىغا.
15
سوقۇشقاق خوتۇن ئوخشار، يامغۇرلۇق كۈندە تورۇستىن توختىماي تامچىلىغان تامچىغا.
16
ئوخشار ئۇنى توسۇشنىڭ ئۆزى بوراننى توسۇشقا، ياكى ئوڭ قولى بىلەن ماي چاڭگاللىغانغا.
17
تۆمۈر تۆمۈرنى بىلەيدۇ، ئادەم ئادەمنى ئۆتكۈرلەشتۈرىدۇ.
18
مېۋىسىنى يەر ئەنجۈر كۆچىتىنى پەرۋىش قىلغۇچى، ئىززەتكە ئېرىشەر خوجايىنىنى ياخشى كۈتكۈچى.
19
سۇ ئادەمنىڭ يۈزىنى ئەكس ئەتتۈرگەن كەبى، ئادەمنىڭ ئۆزىنى ئەكس ئەتتۈرەر يۈرىكى.
20
ھېچ تويماس گۆر ۋە ئۆلۈكلەر ماكانى، قانائەت تاپماس ئادەمنىڭ نەپسى.
21
تاۋلىنار ئالتۇن-كۈمۈش ئوتتا، سىنىلار ئادەم ماختالغاندا.
22
سوقساڭمۇ بۇغداي سوققاندەك ئەخمەقنى، ئايرىلماس يەنىلا ئۇنىڭدىن ئەخمەقلىقى.
23
پادىلىرىڭنىڭ ئەھۋالىنى ئوبدان ئىگىلە، مال-ۋارانلىرىڭغا ياخشى قارا.
24
چۈنكى بايلىق مەڭگۈلۈك بولماس، قالماس تاجمۇ ئەۋلادتىن-ئەۋلادقا مىراس.
25
چۆپلەر قۇرۇپ، يېڭى چۆپلەر ئۆسۈپ چىققاندا، تاغ باغرىدىكى ئوتلار ئورۇلغاندا،
26
قويلارنىڭ يۇڭلىرى ساڭا كىيىملىك بولار، ئۆچكىلەرنى ساتقان پۇل بىر ئېتىزغا يارار.
27
يېتەرلىك بولار سۈتى ئۆچكىلەرنىڭ، ئوزۇقىغا سېنىڭ ۋە ئائىلەڭنىڭ، تۇرمۇشىنى قامدىشىغا ھەم دېدەكلىرىڭنىڭ.
← Chapter 26
Jump to:
Chapter 1
Chapter 2
Chapter 3
Chapter 4
Chapter 5
Chapter 6
Chapter 7
Chapter 8
Chapter 9
Chapter 10
Chapter 11
Chapter 12
Chapter 13
Chapter 14
Chapter 15
Chapter 16
Chapter 17
Chapter 18
Chapter 19
Chapter 20
Chapter 21
Chapter 22
Chapter 23
Chapter 24
Chapter 25
Chapter 26
Chapter 27
Chapter 28
Chapter 29
Chapter 30
Chapter 31
Chapter 28 →
All chapters:
1
2
3
4
5
6
7
8
9
10
11
12
13
14
15
16
17
18
19
20
21
22
23
24
25
26
27
28
29
30
31