bible
ra
🌐 Language
English
Español
Français
Deutsch
Português
Italiano
Nederlands
Русский
中文
日本語
한국어
العربية
Türkçe
Tiếng Việt
ไทย
Indonesia
All Languages
Home
/
Uyghur
/
Uyghur Arabic 2005 (ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى)
/
Proverbs 7
Proverbs 7
Uyghur Arabic 2005 (ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى)
← Chapter 6
Jump to:
Chapter 1
Chapter 2
Chapter 3
Chapter 4
Chapter 5
Chapter 6
Chapter 7
Chapter 8
Chapter 9
Chapter 10
Chapter 11
Chapter 12
Chapter 13
Chapter 14
Chapter 15
Chapter 16
Chapter 17
Chapter 18
Chapter 19
Chapter 20
Chapter 21
Chapter 22
Chapter 23
Chapter 24
Chapter 25
Chapter 26
Chapter 27
Chapter 28
Chapter 29
Chapter 30
Chapter 31
Chapter 8 →
1
ئەي ئوغلۇم، ئەمەل قىل سۆزلىرىمگە، بۇيرۇقلىرىمنى قەدىرلە.
2
ئەمەل قىل ئۇلارغا، بەختلىك ياشايسەن شۇندا. تەلىملىرىمنى كۆز قارىچۇقۇڭدەك ئاسرا.
3
ئۇلارنى تېڭىپ بارماقلىرىڭغا، پۈتۈۋال قەلبىڭنىڭ چوڭقۇر قېتىغا.
4
ئاچا-سىڭىل دەپ تونۇغىن دانالىقنى، ئۇرۇق-تۇغقان دەپ ئاتىغىن پاراسەتنى.
5
شۇندا ساقلار ئۇلار سېنى زىناخور ئايالدىن، تىلى شېرىن، بۇزۇق خوتۇندىن.
6
ئۆيۈمنىڭ دېرىزە پەنجىرىسىدىن تاشقىرىغا قارىغىنىمدا بىر قېتىم،
7
ساددا ياشلار ئارا بىر ئەقىلسىز يىگىتنى كۆرۈپ قالدىم.
8
ئۇ كوچا ياقىلاپ مېڭىۋەردى. بىر خوتۇننىڭ دوقمۇشتىكى ئۆيى تەرەپكە مېڭىپ قالدى.
9
بۇ، كۈن پېتىپ، كېچە قاراڭغۇسى چۈشۈشكە باشلىغان ۋاقىت ئىدى.
10
مانا، بىر خوتۇن يىگىتنىڭ ئالدىغا چىقىپ، ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشتى. ئۇ پاھىشىدەك ياسىنىۋالغان بولۇپ، نىيىتى بۇزۇق ئىدى.
11
بىشەم ۋە باشباشتاق بولۇپ، ئۇ ئۆيىدە ئولتۇرمايتتى.
12
ئەرلەرنى ئېزىقتۇرۇشقا ساقلايتتى ھەر بىر دوقمۇشتا، بەزىدە كوچىلاردا، بەزىدە بازارلاردا.
13
ئۇ ھېلىقى يىگىتكە ئېسىلىپ، سۆيۈپ، قېلىنلىق بىلەن ئېيتتى:
14
_ ئۆيۈمدە بار «ئامانلىق قۇربانلىقى»نىڭ گۆشى، بۈگۈن قىلدىم خۇداغا ۋەدە قىلغان بۇ قۇربانلىقنى.
15
شۇڭا، سىز بىلەن كۆرۈشۈش ئۈچۈن چىققانىدىم، ئەمدى سىزنى ئىزدەپ تېپىۋالدىم.
16
كارىۋىتىمنى مىسىرنىڭ رەڭلىك ياپقۇچلىرى بىلەن ياپتىم.
17
ئورۇن-كۆرپىلىرىمگە مۇرمەككى، مۇئەتتەر ۋە دارچىنلار چاچتىم.
18
كېلىڭ، تاڭ ئاتقۇچە قېنىپ ئوينىشايلى، بىر-بىرىمىزنىڭ قوينىدا لەززەتلىنەيلى.
19
چۈنكى ئېرىم ئۆيدە يوق، چىقىپ كەتتى يىراق سەپەرگە،
20
ئېلىپ بىر ھەميان كۈمۈش تەڭگە، ئۆيگە قايتمايدۇ ئاي تولغۇچە.
21
بەند قىلدى ئايال ئۇنى ئۆزىگە شېرىن سۆزلىرى بىلەن، ئېزىقتۇردى ئۇنى ياغلىما گەپ بىلەن.
22
ياش يىگىت ئۇ ئايالغا ئويلىمايلا ئەگەشتى، قۇشخانىغا ئېلىپ ماڭغان ئۆكۈز كەبى، قاپقانغا چۈشۈش ئالدىدىكى بۇغا كەبى،
23
قىلتاققا ئۆزىنى ئېتىۋاتقان قۇش كەبى، ئوق تېشىپ ئۆتمىگۈچە ئۇنىڭ جىگىرىنى، بىلمەس ئۇ زىنانىڭ ھاياتىغا زامىن ئىكەنلىكىنى.
24
ئەي ئوغۇللىرىم، ئەمدى قۇلاق سېلىڭلار سۆزلىرىمگە، ئېتىبار بېرىڭلار دېگەنلىرىمگە.
25
بۇنداق خوتۇن يولىغا مايىل بولمىسۇن كۆڭلۈڭلار، ئۇنىڭ يولىغا كىرىپ ئادىشىپ كەتمەڭلار.
26
بۇنداق ئايال نابۇت قىلغان نۇرغۇن كىشىلەرنى، ھاياتىدىن ئايرىغان سانسىز ئەرلەرنى.
27
ئېلىپ بارار ئۇنىڭ ئۆيى گۆرگە، ئۆلۈكلەر ماكانىدىكى چوڭقۇر يەرگە.
← Chapter 6
Jump to:
Chapter 1
Chapter 2
Chapter 3
Chapter 4
Chapter 5
Chapter 6
Chapter 7
Chapter 8
Chapter 9
Chapter 10
Chapter 11
Chapter 12
Chapter 13
Chapter 14
Chapter 15
Chapter 16
Chapter 17
Chapter 18
Chapter 19
Chapter 20
Chapter 21
Chapter 22
Chapter 23
Chapter 24
Chapter 25
Chapter 26
Chapter 27
Chapter 28
Chapter 29
Chapter 30
Chapter 31
Chapter 8 →
All chapters:
1
2
3
4
5
6
7
8
9
10
11
12
13
14
15
16
17
18
19
20
21
22
23
24
25
26
27
28
29
30
31