bible
ra
🌐 Language
English
Español
Français
Deutsch
Português
Italiano
Nederlands
Русский
中文
日本語
한국어
العربية
Türkçe
Tiếng Việt
ไทย
Indonesia
All Languages
Home
/
Uyghur
/
Uyghur Arabic 2005 (ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى)
/
Proverbs 6
Proverbs 6
Uyghur Arabic 2005 (ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى)
← Chapter 5
Jump to:
Chapter 1
Chapter 2
Chapter 3
Chapter 4
Chapter 5
Chapter 6
Chapter 7
Chapter 8
Chapter 9
Chapter 10
Chapter 11
Chapter 12
Chapter 13
Chapter 14
Chapter 15
Chapter 16
Chapter 17
Chapter 18
Chapter 19
Chapter 20
Chapter 21
Chapter 22
Chapter 23
Chapter 24
Chapter 25
Chapter 26
Chapter 27
Chapter 28
Chapter 29
Chapter 30
Chapter 31
Chapter 7 →
1
ئەي ئوغلۇم، كېپىل بولغان بولساڭ دوستۇڭغا، ياكى قول بەرگەن بولساڭ كاپالەت ئۈچۈن بىراۋغا،
2
تۇتۇلۇپ ئاغزىڭدىن چىققان سۆزۈڭ بىلەن، باغلىنىپ قالغان بولىسەن ئۆز ۋەدەڭ بىلەن،
3
قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن ئۆزۈڭنى بۇنىڭدىن، بۇنداق قىل، ئۇ كىشىنىڭ يېنىغا دەرھال بارغىن، ئۇنىڭدىن ئۆتۈنۈپ سورا تۆۋەنچىلىك بىلەن، چۈنكى ئۇنىڭ ئىلكىدىسەن بەرگەن ۋەدەڭ بىلەن.
4
قۇتۇلمىغىچە ئۇخلاپ ياتما، كىرپىك قاقما،
5
ئازاد قىل ئۆزۈڭنى ئوۋچى قولىدىن قاچقان كېيىكتەك، ئوۋچىنىڭ تورىدىن قۇتۇلغان قۇشتەك.
6
ئەي ھۇرۇن، ئال چۈمۈلىلەردىن ئۈلگە، ئەقىل تاپ قاراپ ئۇلارنىڭ ھەرىكىتىگە.
7
يوقتۇر باشلىق، نازارەتچى، ھۆكۈمدار ئۇلاردا.
8
لېكىن تەييارلار ئۇلار قىشنىڭ ئوزۇقىنى يازدا، ئاشلىق توپلار ھوسۇل يىغىش ۋاقتىدا.
9
ئەي ھۇرۇن، سەن قاچانغىچە ئۇخلايسەن؟ قاچان ئورنۇڭدىن تۇرىسەن؟
10
دەيسەنكى: بىرئاز كۆزۈمنى يۇمۇۋالاي، بىردەم ئۇخلىۋالاي، يەنە بىردەم پۇت-قولۇمنى ئالماپ يېتىۋالاي.
11
يېتىۋەرسەڭ يېنىڭغا كېلەر قاراقچىدەك نامراتلىق، قوراللىق بۇلاڭچىدەك ھەم موھتاجلىق.
12
ئۆكتەملەر بىلەن يامانلار يالغان-ياۋىداق سۆزلەپ يۈرىدۇ.
13
كۆز قىسىپ، پۇت-قولى بىلەن شەرەت قىلىدۇ،
14
قارا نىيىتى بىلەن يامانلىق پىلانلايدۇ، ھەمىشە جېدەل-ماجىرا تېرىدۇ.
15
شۇڭا، كېلىدۇ تۇيۇقسىز بالا-قازا ئۇلارغا، بىردىنلا بىتچىت بولۇپ قالار قۇتقۇزۇلغۇسىز ھالغا.
16
پەرۋەردىگارنىڭ يىرگىنىدىغان ئىشى ئالتە، ياق، نەپرەتلىنىدىغان ئىشى يەتتە.
17
ئۇلار بولسىمۇ تەكەببۇر قارايدىغان كۆز، يالغان-ياۋىداق سۆزلەيدىغان تىل، بىگۇناھلارنىڭ جېنىنى ئالىدىغان قول،
18
سۇيىقەست ئويلايدىغان كۆڭۈل، يامانلىققا يۈگۈرىدىغان پۇت،
19
ئاغزىدىن يالغانچىلىق تۆكۈلىدىغان ساختا گۇۋاھچى، ھەم قېرىنداشلار ئارا ماجىرا چىقارغۇچى.
20
ئەي ئوغلۇم، ئەمەل قىل بۇيرۇقىغا ئاتاڭنىڭ، چىقما تەلىمىدىن ئاناڭنىڭ.
21
ئورنىتىپ ئۇلارنىڭ سۆزىنى قەلبىڭگە، ئېسىۋال مارجان قىلىپ بوينۇڭغا.
22
نەگىلا بارساڭ، يول باشلار ئۇ ساڭا، قوغدار سېنى ئۇخلىغىنىڭدا، مەسلىھەت بېرەر ساڭا ئويغانغىنىڭدا.
23
چۈنكى بۇيرۇق بولسا چىراغدۇر، تەلىم بولسا نۇردۇر، تەربىيىنىڭ ئۆزى ھايات يولىدۇر.
24
ئۇلار ساقلار سېنى بۇزۇق خوتۇندىن، زىناخور خوتۇننىڭ شېرىن سۆزلىرىدىن.
25
بېرىلىپ كەتمە ئۇنىڭ گۈزەللىكىگە، ئەسىر بولۇپ كەتمە قاش-كۆز ئوينىتىشىغا.
26
نان ھەققى يېتەر پاھىشە ئايالغا، ئۆزگىنىڭ خوتۇنى ئەزىز جېنىڭنى ئالار قارىغا.
27
كىيىمى كۆيمەمدۇ ئېتىكىگە چوغ سالغۇچىنىڭ؟
28
پۇتى كۆيمەمدۇ چوغ ئۈستىدە ماڭغۇچىنىڭ؟
29
ئوخشاشتۇر ئۆزگىنىڭ خوتۇنى بىلەن زىنا قىلغۇچىنىڭ ئاقىۋىتى، قۇتۇلالماس جازادىن ئۇنىڭ بىلەن بىر ئورۇندا ياتسا كىمكى.
30
كىشىلەر كەمسىتمەيدۇ ئاچلىقتىن ئوغرىلىق قىلغان ئوغرىنى،
31
لېكىن تۇتۇلۇپ قالسا، تۆلەيدۇ ئۇ بىرگە يەتتە ھەسسە تۆلەمنى، تاپشۇرىدۇ ئۆي ئىچىدىكى بارلىق بىساتىنى.
32
ئەمما ئۆزگىنىڭ ئايالى بىلەن زىنا قىلغۇچى، يوقتۇر ئەقلى، ھالاك قىلىدۇ ئۆز ئۆزىنى.
33
ئۇ چوقۇم شەرمەندە بولۇپ، تاياق يەيدۇ، يۇيۇپ چىقارغۇسىز رەسۋاچىلىققا قالىدۇ.
34
چۈنكى ئايالنىڭ ئېرى غەزەپكە كېلەر كۈندەشلىك ئوتىدا، ھەرگىز رەھىم قىلماس ئۇ ئىنتىقام ئالغاندا.
35
ھەرقانداق تۆلەمگە ئۇ قاراپمۇ قويماس، بەرسەڭمۇ قانچىلىك سوۋغات، ئۇ رازى بولماس.
← Chapter 5
Jump to:
Chapter 1
Chapter 2
Chapter 3
Chapter 4
Chapter 5
Chapter 6
Chapter 7
Chapter 8
Chapter 9
Chapter 10
Chapter 11
Chapter 12
Chapter 13
Chapter 14
Chapter 15
Chapter 16
Chapter 17
Chapter 18
Chapter 19
Chapter 20
Chapter 21
Chapter 22
Chapter 23
Chapter 24
Chapter 25
Chapter 26
Chapter 27
Chapter 28
Chapter 29
Chapter 30
Chapter 31
Chapter 7 →
All chapters:
1
2
3
4
5
6
7
8
9
10
11
12
13
14
15
16
17
18
19
20
21
22
23
24
25
26
27
28
29
30
31