bible
ra
🌐 Language
English
Español
Français
Deutsch
Português
Italiano
Nederlands
Русский
中文
日本語
한국어
العربية
Türkçe
Tiếng Việt
ไทย
Indonesia
All Languages
Home
/
Uyghur
/
Uyghur Arabic 2005 (ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى)
/
Job 10
Job 10
Uyghur Arabic 2005 (ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى)
← Chapter 9
Jump to:
Chapter 1
Chapter 2
Chapter 3
Chapter 4
Chapter 5
Chapter 6
Chapter 7
Chapter 8
Chapter 9
Chapter 10
Chapter 11
Chapter 12
Chapter 13
Chapter 14
Chapter 15
Chapter 16
Chapter 17
Chapter 18
Chapter 19
Chapter 20
Chapter 21
Chapter 22
Chapter 23
Chapter 24
Chapter 25
Chapter 26
Chapter 27
Chapter 28
Chapter 29
Chapter 30
Chapter 31
Chapter 32
Chapter 33
Chapter 34
Chapter 35
Chapter 36
Chapter 37
Chapter 38
Chapter 39
Chapter 40
Chapter 41
Chapter 42
Chapter 11 →
1
«ھاياتىمدىن بىزار بولدۇم، شىكايەتلىرىمنى ئوچۇق ئېيتىۋالاي، قەلبىمدىكى ئازابلىرىمنى تۆكۈۋالاي.
2
مەن خۇداغا مۇنداق دەيمەن: ماڭا گۇناھ ئارتمىغىن، ئېيتقىنا قېنى، ماڭا قارشى نېمە شىكايىتىڭ بار؟
3
ئەجەبا، سەن رەزىللەرنىڭ ھىيلىلىرىگە كۈلۈمسىرەپ، ئۆزۈڭ ياراتقان ئادەملەرنى ئېزىپ، كەمسىتىپ، پايدا ئالالامسەن؟
4
ئەجەبا سېنىڭ كۆزۈڭمۇ ئىنساننىڭ كۆزىگە ئوخشاش بولۇپ، نەزىرىڭ ئادەملەرنىڭكىدەك تارمىدۇ؟
5
ئەجەبا كۈنلىرىڭ چەكلىك، ئۆمرۈڭ ئادەملەرنىڭكىدەك قىسقىمىدۇ؟
6
شۇ سەۋەبتىن سەن ھەمىشە خاتالىقلىرىمنى تەكشۈرۈپ، گۇناھلىرىمنى سۈرۈشتۈرۈپ يۈرەمسەن؟
7
ئەمەلىيەتتە گۇناھسىزلىقىمنى بىلىسەن، لېكىن قولۇڭدىن مېنى قۇتقۇزۇشقا ھېچكىم قادىر ئەمەستۇر.
8
سەن مېنى ئۆز قولۇڭ بىلەن ياراتتىڭ، ياسىدىڭ، ئەمدى مېنى يەنە ھالاك قىلماقچى بولۇۋاتىسەن.
9
مېنى توپىدىن ياراتقىنىڭنى ئۇنتۇما، ئەجەبا مېنى توپىغا قايتۇرماقچىمۇسەن؟
10
مېنى سۈتتەك قۇيۇپ، قېتىقتەك ئۇيۇتقان ئۆزۈڭ ئەمەسمۇ؟
11
سەن مېنى تېرە، گۆش، سۆڭەك ۋە پەيلەر بىلەن توقۇپ چىقتىڭ.
12
سەن ماڭا ھايات ۋە مېھىر-مۇھەببەت ئاتا قىلدىڭ، سېنىڭ كۆڭۈل بۆلۈشۈڭ ھاياتىمنى ساقلاپ قالدى.
13
لېكىن سەن يۈرىكىڭگە باشقا بىر نىيەتنى يوشۇردۇڭ، سېنىڭ ئوي-خىياللىرىڭنى بىلىمەن.
14
گۇناھ سادىر قىلغان بولسام تەكشۈرەتتىڭ، گۇناھىمنى كەچۈرۈشۈڭ مۇمكىن ئەمەس ئىدى.
15
گۇناھىم بولسا بالاغا قالاتتىم، پاك تۇرۇپمۇ بېشىمنى كۆتۈرۈشكە جۈرئەت قىلالمايۋاتىمەن، ھەمدە نومۇستا قېلىپ، يەتكۈچە ئازاب چېكىۋاتىمەن.
16
مەردانە ھالدا قەددىمنى كۆتۈرسەم، ئارقامدىن شىردەك قوغلىدىڭ، كارامەتلىرىڭ بىلەن ماڭا ھۇجۇم قىلدىڭ.
17
يېڭى كۈلپەتلىرىڭ بىلەن ماڭا بولغان نارازىلىقىڭنى قايتا-قايتا ئىسپاتلىدىڭ، ماڭا بولغان غەزىپىڭ تولۇپ تاشتى، ئادەملىرىڭ نۆۋەت بىلەن ماڭا ھۇجۇم قىلماقتا.
18
نېمىشقىمۇ مېنى بۇ دۇنياغا ئاپىرىدە قىلدىڭ؟ مەن تۇغۇلۇشتا ئۆلۈپ كەتكەن بولسام ياخشى بولاتتى، ھېچكىممۇ مېنى كۆرمىگەن بولاتتى.
19
خۇددى مەن تۇغۇلمىغاندەك، ئانامنىڭ قورسىقىدىن ئۇدۇل قەبرىگە كىرەتتىم.
20
ۋاقتىم ئازلا قالدى، ئۆتۈنەي، مېنى ئارامىمدا قويغىن، بىردەم بولسىمۇ خۇشاللىنىۋالاي.
21
مەن پات ئارىدا بارسا كەلمەس يەرگە كېتىمەن، زۇلمەت قاپلىغان قاراڭغۇ يەرگە بارىمەن.
22
ئۇ يەر قاپقاراڭغۇ، زۇلمەتلىك، قالايمىقان يەردۇر، ئۇ يەرنىڭ يورۇقى قاراڭغۇلۇققا ئوخشاشتۇر.»
← Chapter 9
Jump to:
Chapter 1
Chapter 2
Chapter 3
Chapter 4
Chapter 5
Chapter 6
Chapter 7
Chapter 8
Chapter 9
Chapter 10
Chapter 11
Chapter 12
Chapter 13
Chapter 14
Chapter 15
Chapter 16
Chapter 17
Chapter 18
Chapter 19
Chapter 20
Chapter 21
Chapter 22
Chapter 23
Chapter 24
Chapter 25
Chapter 26
Chapter 27
Chapter 28
Chapter 29
Chapter 30
Chapter 31
Chapter 32
Chapter 33
Chapter 34
Chapter 35
Chapter 36
Chapter 37
Chapter 38
Chapter 39
Chapter 40
Chapter 41
Chapter 42
Chapter 11 →
All chapters:
1
2
3
4
5
6
7
8
9
10
11
12
13
14
15
16
17
18
19
20
21
22
23
24
25
26
27
28
29
30
31
32
33
34
35
36
37
38
39
40
41
42