bible
ra
🌐 Language
English
Español
Français
Deutsch
Português
Italiano
Nederlands
Русский
中文
日本語
한국어
العربية
Türkçe
Tiếng Việt
ไทย
Indonesia
All Languages
Home
/
Uyghur
/
Uyghur Arabic 2005 (ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى)
/
Job 30
Job 30
Uyghur Arabic 2005 (ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى)
← Chapter 29
Jump to:
Chapter 1
Chapter 2
Chapter 3
Chapter 4
Chapter 5
Chapter 6
Chapter 7
Chapter 8
Chapter 9
Chapter 10
Chapter 11
Chapter 12
Chapter 13
Chapter 14
Chapter 15
Chapter 16
Chapter 17
Chapter 18
Chapter 19
Chapter 20
Chapter 21
Chapter 22
Chapter 23
Chapter 24
Chapter 25
Chapter 26
Chapter 27
Chapter 28
Chapter 29
Chapter 30
Chapter 31
Chapter 32
Chapter 33
Chapter 34
Chapter 35
Chapter 36
Chapter 37
Chapter 38
Chapter 39
Chapter 40
Chapter 41
Chapter 42
Chapter 31 →
1
ئەمدى بۈگۈن مەندىن كىچىكلەرمۇ مېنى مەسخىرە قىلىشىدۇ. مەن ئۇلارنىڭ ئاتىلىرىنى كۆزگە ئىلمايتتىم، ھەتتا قويلىرىمغا قارايدىغان ئىتلىرىم قاتارىدىمۇ كۆرمەيتتىم.
2
ئۇلارنىڭ ئاتىلىرى ماجالىدىن كەتكەنلەردۇر، ماڭا ئۇلارنىڭ نېمە پايدىسى بولسۇن؟
3
ئۇلار ئاچ-يالىڭاچ، ئاجىز يوقسۇللار ئىدى، كېچىلىرى چۆل-باياۋانلاردا قۇرغاق يېمەكلىك غاجايتتى.
4
ئوت-چۆپلەر ئارىسىدىن تۇزلۇق ئوت-چۆپلەرنى تېپىپ يەيتتى، چاتقاللارنىڭ يىلتىزى بىلەنمۇ ئوزۇقلىناتتى.
5
ئۇلار كىشىلەر ئارىسىدىن ھەيدەپ چىقىرىلىپ، خۇددى ئوغرىلاردەك ئەيىبلىنەتتى.
6
ئۇلار پەقەت قاقاس جىلغا، غار ۋە ئۆڭكۈرلەردە پاناھلىناتتى.
7
ئۇلار چاتقاللىقلاردا خۇددى ياۋايى ھايۋانلاردەك ھۇۋلىشىپ، توپلىشىۋالاتتى.
8
ئۇلار نادان، ئاتاقسىزلارنىڭ پۇشتى بولۇپ، قامچا بىلەن زېمىندىن قوغلاپ چىقىرىلغانىدى.
9
ئەمدىلىكتە ئۇلارنىڭ بالىلىرى ناخشىلىرى بىلەن مېنى مەسخىرە قىلماقتا، مەن ئۇلارنىڭ مەسخىرە نىشانىغا ئايلىنىپ قالدىم.
10
ئۇلار مەندىن سەسكىنىدۇ، ماڭا يېقىنلىشىشنى خالىمايدۇ، خالىغانچە يۈزۈمگە تۈكۈرىدۇ.
11
خۇدا كۈچۈمنى كەستى، مېنى يەرگە ئۇردى، شۇڭا ئۇلار مەندىن تەپ تارتمايدۇ.
12
بۇ مۇتتەھەملەر ماڭا ئوڭ تەرىپىمدىن ھۇجۇم قىلىپ، مېنى قېچىشقا مەجبۇر قىلماقچى ۋە يوقاتماقچى بولۇۋاتىدۇ.
13
ئۇلار يولۇمنى توراپ، ماڭا زىيانكەشلىك قىلىۋاتىدۇ، ئۇلارنى توختىتىدىغان ئادەم بولمىدى.
14
ئۇلار خۇددى سېپىلنى بۆسۈپ ئۆتكەندەك، خارابە ئىچىدىن ماڭا ئېتىلىپ كەلدى.
15
مېنى قورقۇنچ باستى، ئىززەت-ھۆرمىتىم شامالدا ئۇچۇپ كەتتى، نىجاتلىقىم بۇلۇتتەك تاراپ كەتتى.
16
ئەمدى ھاياتىم ئاخىرلىشاي دېدى، ئازابلىق كۈنلەر مېنى ئىلكىگە ئالدى.
17
كېچىدە قاتتىق ئاغرىق ئۇستىخانلىرىمغا توختاۋسىز سانجىلار.
18
خۇدا كۈچ بىلەن مەھكەم تۇتۇپ، ياقامدىن سىقتى.
19
خۇدا مېنى پاتقاققا تاشلىۋەتتى، مەن خۇددى چاڭ-توزان ۋە كۈلدەك بولۇپ قالدىم.
20
ئى خۇدا، نالە قىلسام جاۋاب بەرمىدىڭ، ئالدىڭدا تۇرسام قاراپ قويمىدىڭ.
21
سەن ماڭا شەپقەتسىزلىك قىلىۋاتىسەن، قۇدرەتلىك قولۇڭ بىلەن زىيانكەشلىك قىلىۋاتىسەن.
22
مېنى كۆتۈرۈپ شامالغا تاشلاپ بەردىڭ، قارا بوران مېنى ئۇيان-بۇيان تاشلىماقتا.
23
بىلىمەن، سەن مېنى ئۆلۈمگە ئېلىپ بارىسەن، بۇ سېنىڭ بارلىق ھاياتلىققا پۈتكەن قىسمىتىڭدۇر.
24
دەرۋەقە، بەختسىزلەر قىيىن ئەھۋالدا نالە قىلسا، ھېچكىم ئۇلارغا قول ئۇزارتىپ زىيانكەشلىك قىلمايدۇ.
25
ئەجەبا، مەن جاپا چەككەنلەر ئۈچۈن يىغلىماسمەنمۇ، يۈرىكىم موھتاجلار ئۈچۈن پۇچىلانماسمۇ؟
26
بەختكە ئىنتىلسەم بالا-قازاغا ئۇچرىدىم، يورۇقلۇققا تەلپۈنسەم قاراڭغۇدا قالدىم.
27
كۆڭلۈم دائىم پاراكەندە، ئېغىر كۈنلەر بېسىپ كەلمەكتە.
28
قۇياشنىڭ نۇرى بولمىغان زۇلمەتتە يۈرۈپتىمەن، جامائەتنىڭ ئارىسىدا نالە قىلماقتىمەن.
29
مەن چىلبۆرىنىڭ قېرىندىشى، ھۇۋقۇشنىڭ ھەمراھى بولۇپ قالدىم.
30
قارايغان تېرىلىرىم تۆكۈلمەكتە، ئۇستىخانلىرىم ئوت بولۇپ كۆيمەكتە.
31
لىرام ماتەم مۇزىكىسىغا جور بولماقتا، نېيىم نالە قىلماقتا.»
← Chapter 29
Jump to:
Chapter 1
Chapter 2
Chapter 3
Chapter 4
Chapter 5
Chapter 6
Chapter 7
Chapter 8
Chapter 9
Chapter 10
Chapter 11
Chapter 12
Chapter 13
Chapter 14
Chapter 15
Chapter 16
Chapter 17
Chapter 18
Chapter 19
Chapter 20
Chapter 21
Chapter 22
Chapter 23
Chapter 24
Chapter 25
Chapter 26
Chapter 27
Chapter 28
Chapter 29
Chapter 30
Chapter 31
Chapter 32
Chapter 33
Chapter 34
Chapter 35
Chapter 36
Chapter 37
Chapter 38
Chapter 39
Chapter 40
Chapter 41
Chapter 42
Chapter 31 →
All chapters:
1
2
3
4
5
6
7
8
9
10
11
12
13
14
15
16
17
18
19
20
21
22
23
24
25
26
27
28
29
30
31
32
33
34
35
36
37
38
39
40
41
42