bible
ra
🌐 Language
English
Español
Français
Deutsch
Português
Italiano
Nederlands
Русский
中文
日本語
한국어
العربية
Türkçe
Tiếng Việt
ไทย
Indonesia
All Languages
Home
/
Uyghur
/
Uyghur Arabic 2005 (ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى)
/
Job 19
Job 19
Uyghur Arabic 2005 (ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى)
← Chapter 18
Jump to:
Chapter 1
Chapter 2
Chapter 3
Chapter 4
Chapter 5
Chapter 6
Chapter 7
Chapter 8
Chapter 9
Chapter 10
Chapter 11
Chapter 12
Chapter 13
Chapter 14
Chapter 15
Chapter 16
Chapter 17
Chapter 18
Chapter 19
Chapter 20
Chapter 21
Chapter 22
Chapter 23
Chapter 24
Chapter 25
Chapter 26
Chapter 27
Chapter 28
Chapter 29
Chapter 30
Chapter 31
Chapter 32
Chapter 33
Chapter 34
Chapter 35
Chapter 36
Chapter 37
Chapter 38
Chapter 39
Chapter 40
Chapter 41
Chapter 42
Chapter 20 →
1
ئايۇپ جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى:
2
«سىلەر مېنى قاچانغىچە قىينايسىلەر؟ سۆزلىرىڭلار بىلەن قاچانغىچە ئېزىسىلەر؟
3
مېنى توختىماي ھاقارەت قىلدىڭلار، خورلىغانلىقىڭلاردىن نومۇس قىلمىدىڭلار.
4
ئەگەر مەن راست خاتا قىلغان بولسام، ئۇ پەقەت مېنىڭ ئۆزۈمنىڭ ئىشىدۇر.
5
ئەگەر سىلەر بىز سەندىن ياخشى، دەپ ئويلىساڭلار ۋە خورلۇقلىرىم ئارقىلىق مېنى ئەيىبلىمەكچى بولساڭلار،
6
خۇدانىڭ ماڭا ئۇۋال قىلغانلىقىنى، ماڭا قىلتاق قۇرغانلىقىنى بىلىشىڭلار كېرەك.
7
‹ئۇۋال بولدى› دەپ قاقشىساممۇ ھېچكىم ماڭا قۇلاق سالمىدى، ‹قۇتقۇزۇڭلار› دەپ ۋارقىرساممۇ ھېچكىم ماڭا ئادالىتىنى كۆرسەتمىدى.
8
خۇدا ئالدىمغا تام سوقۇپ يولۇمنى توستى، يولۇمنى قاراڭغۇلۇق بىلەن قاپلاتتى.
9
ئۇ شان-شەرىپىمنى تارتىۋالدى، بېشىمدىكى تاجىمنى ئېلىۋالدى.
10
تاكى مەن تۈگەشكۈچە ئۇ ماڭا ھەر تەرەپتىن ھۇجۇم قىلىدۇ، ئۈمىدلىرىمنى خۇددى دەرەخنىڭ يىلتىزىنى قومۇرۇۋالغاندەك يوق قىلىدۇ.
11
ئۇ ماڭا غەزەپلەندى، مېنى دۈشمەن كۆردى.
12
ئۇنىڭ بۈيۈك قوشۇنى قىستاپ كەلدى، چېدىرىم ئەتراپىدا بارگاھ قۇرۇپ، مېنى قورشاۋغا ئالدى.
13
قېرىنداشلىرىمنى مەندىن يىراقلاشتۇردى، تونۇشلىرىم مەندىن يۈز ئۆرۈدى.
14
تۇغقانلىرىم مېنى تاشلاپ كەتتى، دوستلىرىم مېنى ئۇنتۇدى.
15
مېھمانلىرىم ۋە دېدەكلىرىم ماڭا يات كىشىدەك قارايدۇ، خۇددى يات خەلقنىڭ ئادىمىدەك كۆرىدۇ.
16
چاكارلىرىمنى چاقىرسام جاۋاب بەرمەيدۇ، يالۋۇرساممۇ كارى بولمايدۇ.
17
ئايالىم ھىدىمدىن بىزار، قېرىنداشلىرىممۇ مەندىن نەپرەتلىنىدۇ.
18
ھەتتا كىچىك بالىلارمۇ مېنى كۆزگە ئىلمايدۇ، ئورنۇمدىن تۇرساملا، مېنى مەسخىرە قىلىدۇ.
19
يېقىن دوستۇممۇ ماڭا ئۆچلۈك قىلىدۇ، مەن ياخشى كۆرىدىغان كىشىلەرمۇ ماڭا قارشى.
20
مەن بىر تېرە بىر ئۇستىخان بولۇپ قالدىم، ئۆلۈم بىلەن مەن ئوتتۇرامدا پەقەت قىلدەك ئارىلىق قالدى.
21
ئەي دوستلىرىم، ماڭا ئىچىڭلار ئاغرىسۇن، ئىچىڭلار ئاغرىسۇن! چۈنكى خۇدا مېنى ئۇردى.
22
خۇددى خۇدا مېنى قىستىغاندەك، نېمە ئۈچۈن سىلەرمۇ مېنى قىستايسىلەر؟ نېمە ئۈچۈن مېنى غاجايسىلەر؟
23
سۆزلىرىمنى يېزىپ قويۇشۇڭلارنى، يازمىلارغا پۈتۈپ قويۇشۇڭلارنى،
24
تۆمۈر بىلەن قورام تاشقا ئويۇپ، قوغۇشۇن بىلەن يېزىپ قۇيۇشۇڭلارنى سورايمەن، ئۇ مەڭگۈ ساقلانسۇن.
25
قوغدىغۇچىمنىڭ ھايات ئىكەنلىكىنى بىلىمەن، ئۇ ئاخىر بىر كۈنى زېمىنغا دەسسەيدۇ.
26
گەرچە تېرەم سېسىپ كەتكەن بولسىمۇ، لېكىن مەن يەنىلا ئاشۇ تېنىمدە خۇدانى كۆرىمەن.
27
ئۇنى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرىمەن، شۇنداق، ئۇنى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرىمەن، قەلبىم تەشنالىققا تولغاندۇر.
28
سىلەر: «ئاپەت يىلتىزى ئۇنىڭدا تۇرسا، بىز قانداق ئۇنىڭغا زىيانكەشلىك قىلغان بولىمىز» دەپ ئويلايسىلەر.
29
سىلەرمۇ خۇدانىڭ قىلىچىدىن قورقۇشۇڭلار كېرەك، چۈنكى ئۇ غەزەپ ئىچىدە قىلىچ بىلەن جازالايدۇ، شۇ چاغدىلا سىلەر سوراق كۈنىنىڭ بارلىقىنى بىلىسىلەر.»
← Chapter 18
Jump to:
Chapter 1
Chapter 2
Chapter 3
Chapter 4
Chapter 5
Chapter 6
Chapter 7
Chapter 8
Chapter 9
Chapter 10
Chapter 11
Chapter 12
Chapter 13
Chapter 14
Chapter 15
Chapter 16
Chapter 17
Chapter 18
Chapter 19
Chapter 20
Chapter 21
Chapter 22
Chapter 23
Chapter 24
Chapter 25
Chapter 26
Chapter 27
Chapter 28
Chapter 29
Chapter 30
Chapter 31
Chapter 32
Chapter 33
Chapter 34
Chapter 35
Chapter 36
Chapter 37
Chapter 38
Chapter 39
Chapter 40
Chapter 41
Chapter 42
Chapter 20 →
All chapters:
1
2
3
4
5
6
7
8
9
10
11
12
13
14
15
16
17
18
19
20
21
22
23
24
25
26
27
28
29
30
31
32
33
34
35
36
37
38
39
40
41
42