bible
ra
🌐 Language
English
Español
Français
Deutsch
Português
Italiano
Nederlands
Русский
中文
日本語
한국어
العربية
Türkçe
Tiếng Việt
ไทย
Indonesia
All Languages
Home
/
Uyghur
/
Uyghur Arabic 2005 (ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى)
/
Job 23
Job 23
Uyghur Arabic 2005 (ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى)
← Chapter 22
Jump to:
Chapter 1
Chapter 2
Chapter 3
Chapter 4
Chapter 5
Chapter 6
Chapter 7
Chapter 8
Chapter 9
Chapter 10
Chapter 11
Chapter 12
Chapter 13
Chapter 14
Chapter 15
Chapter 16
Chapter 17
Chapter 18
Chapter 19
Chapter 20
Chapter 21
Chapter 22
Chapter 23
Chapter 24
Chapter 25
Chapter 26
Chapter 27
Chapter 28
Chapter 29
Chapter 30
Chapter 31
Chapter 32
Chapter 33
Chapter 34
Chapter 35
Chapter 36
Chapter 37
Chapter 38
Chapter 39
Chapter 40
Chapter 41
Chapter 42
Chapter 24 →
1
ئايۇپ جاۋابەن مۇنداق دېدى:
2
«مەن تاكى بۈگۈنگىچە ئازاب ئىچىدە شىكايەت قىلماقتىمەن، مەن نالە قىلساممۇ، ئۇ ماڭا ئازاب سېلىۋاتىدۇ.
3
خۇدا نەدە تۇرار؟ بىلسەم، ئۇنىڭ تۇرىدىغان يېرىگە باراتتىم.
4
ئۇنىڭغا ئەرزىمنى ئېيتاتتىم، ئەرزىمنى تولۇق ئىسپاتلاپ سۆزلەيتتىم. ئەرزىم ھەققىدە دەۋالىشاتتىم.
5
ئۇنىڭ ماڭا بېرىدىغان جاۋابىنى، نېمە دەيدىغانلىقىنى بىلىپ باققۇم بار.
6
ئۇ قۇدرەتلىك تۇرۇپ، مەن بىلەن تاكاللىشارمۇ؟ ئۇنداق قىلمايدۇ، كۆڭۈل قويۇپ شىكايىتىمنى ئاڭلايدۇ.
7
ئۇ يەردە دۇرۇس ئادەم ئۇنىڭ بىلەن مۇنازىرىلىشەلەيدۇ، ئۇ مېنى ئاقلاپ، ھۆكۈمىدىن مەڭگۈ خالاس قىلىدۇ.
8
كۈنچىقىشقا باردىم، خۇدا ئۇ يەردە يوق ئىدى، كۈنپېتىشقا باردىم، ئۇ يەردىنمۇ ئۇنى تاپالمىدىم.
9
ئۇ شىمالدا بىر ئىش قىلغاندىمۇ ئۇنى تاپالمىدىم، ئۇ جەنۇبقا كەلگەندىمۇ ئوخشاشلا تاپالمىدىم.
10
لېكىن ئۇ مېنىڭ ھەربىر ئىش-ھەرىكىتىمنى بىلىدۇ. ئۇ مېنى سىنىسا، مەن ئالتۇنغا ئوخشاش چىقىمەن.
11
مەن ئۇنىڭ قەدىمىگە ئەگەشتىم، ئۇنىڭ يولىنى تۇتتۇم، ھېچ چەتنىمىدىم.
12
ئۇنىڭ بۇيرۇقلىرىدىن چەتنىمىدىم، ئۇنىڭ سۆزلىرىنى قەدىرلىشىم يېمەك-ئىچمەكلىرىمنى قەدىرلەشتىنمۇ ئېشىپ كەتتى.
13
خۇدا قارارىدا قەتئىي تۇرىدۇ، ئۇنىڭ قارارىنى كىممۇ ئۆزگەرتەلەيدۇ؟ ئۇ ئۆزىنىڭ خالىغىنى بويىچە ئىش قىلىدۇ.
14
ئۇ ماڭا قارشى قىلماقچى بولغان ئىشلىرىنى چوقۇم ئەمەلگە ئاشۇرىدۇ، ئۇنىڭ بۇنداق پىلانلىرى ناھايىتى كۆپتۇر.
15
شۇڭا ئۇنىڭ ئالدىدا قورقۇپ، پاراكەندە بولىمەن. بۇ ئىشنى ئويلىساملا ۋەھىمىدە قالىمەن.
16
خۇدا مېنى قورقۇتتى، جۈرئىتىم قالمىدى. ھەممىگە قادىر خۇدا مېنى پاراكەندە قىلماقتا.
17
ئەمما تېنىمنى زۇلمەت، يۈزۈمنى قاراڭغۇلۇق قاپلىۋالغانلىقى ئۈچۈنلا سۈكۈت قىلىپ تۇرالمايمەن.
← Chapter 22
Jump to:
Chapter 1
Chapter 2
Chapter 3
Chapter 4
Chapter 5
Chapter 6
Chapter 7
Chapter 8
Chapter 9
Chapter 10
Chapter 11
Chapter 12
Chapter 13
Chapter 14
Chapter 15
Chapter 16
Chapter 17
Chapter 18
Chapter 19
Chapter 20
Chapter 21
Chapter 22
Chapter 23
Chapter 24
Chapter 25
Chapter 26
Chapter 27
Chapter 28
Chapter 29
Chapter 30
Chapter 31
Chapter 32
Chapter 33
Chapter 34
Chapter 35
Chapter 36
Chapter 37
Chapter 38
Chapter 39
Chapter 40
Chapter 41
Chapter 42
Chapter 24 →
All chapters:
1
2
3
4
5
6
7
8
9
10
11
12
13
14
15
16
17
18
19
20
21
22
23
24
25
26
27
28
29
30
31
32
33
34
35
36
37
38
39
40
41
42